ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (5)


2005.06.22
turkistan-qayghusi.jpg
"تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ مۇقاۋىسى

سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆزىنىڭ 1966-1973-يىللىرى ئارىسىدا يازغان "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدا بولشېۋىكلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەشقەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىش يولىدا تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ سەپەر جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە ناھايىتى تەسىرلىك ۋە تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

ئەلىخان تۆرە سەپەر جەريانىدا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بىراق، بۇ تاغ يوللىرى ناھايىتى مۈشكۈل بولغانلىقتىن، كۆپ قىيىنچىلىقلار ۋە خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا خەتەردىن قۇتۇلۇپ، ساق سالامەت كونا چېگرا قورغىنى تاش راباتقا كېلىۋېلىپ، ئۇ جايدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق مۇساپىرلارنىڭ ياردىمىگە سازاۋەر بولىدۇ.

مۈشكۈل سەپەردە تۇغۇلغان ئويلار

ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆز بايانلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:

"ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرغاندا قارىسام، كونىدىن قالغان تاشرابات دېگەن تارىخى ساراي ئالدىغا كەلگەن ئىكەنمىز. بۇنىڭ بىرىنچى بىناسىنى قەشقەر ھاكىمى مۇھەممەد خان قۇرغان ئىدى. ئۇ، شەيبانىلاردىن كېيىنكى، 1006-ھىجرىيىدە ۋاپات بولغان بۇخارا پادىشاھى مەشھۇر ئابدۇللاخاننىڭ زاماندېشى ئىدى. شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان سودا-تىجارەت كارۋانلىرىنى قاراقچىلار ھۇجۇملىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن ھەر ئىككى ھۆكۈمدار ئۆزارا كېلىشىپ شۇ ئورۇندا كۆزەتكۈچى ئەسكەر قويغان ئىكەن. ئەمما، بۇنىڭ قانداق نەتىجە بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مەن بۇ يەردىن ئۆتكەن ۋاقىتتا ھېچ نەرسە قالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئالدى تەرەپتىكى كىرىش ئىشىكى ئۈستىگە بىر ئىككى گەزلىك تاختا تاشلار قويۇلغان. ئوتتۇرىدىكى ئۇزۇن يۆلكەننىڭ ھەر ئىككى چېتىگە ياسالغان تەخمىنەن قىرىقتەك گۈمبەزلىك ئۆيلەرنىڭ بەلگىلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ قىبلە تەرىپىدە يۈز كىشى ياتقۇدەك مېھرابلىق ئۆي ئۈستى ئويۇلۇپ كەتكەن چوڭ گۈمبىزى بىلەن بىللە تۇراتتى. شۇلارغا قارىغاندا، بۇ بىنا ئۆز ۋاقتىدا خېلى ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش بولغان بولسا كېرەك.

"قاراڭ! ئوغۇز، ئۇيغۇر، كەبى قەھرىمان تۈرك ئۇلۇسىنىڭ بالىلىرىنى ! ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىكلىرىدىن بۈگۈنكى كۈندە قول پۇتلىرىغا قۇللۇق ۋە ئەسىرلىك كىشەنلىرى سېلىنغان ھالدا ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئىدى. باسقۇنچى دۈشمەنلەرنىڭ ھېسابىغا ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىدە تۇرۇپ، قانداق خار-زارلىق بىلەن ھايۋانلارچە ئەركسىز ۋە مەجبۇرىيەت قامچىسى ئاستىدا ئىشلەپ يۈرمەكتە -ھە؟

يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كېلەيلۇق. ئەتىسى ھەممىمىز ئون كىشى بولۇپ، تاشرابات داۋىنىدىن ئېشىپ، چادىر كۆل بويىغا چۈشتۇق. بۇ باش -ئايىغى كۆرۈنۇپ تۇرىدىغان، ئايلانمىسى ئوتتۇز-قىرىق چاقىرىم كەلگۈدەك كىچىكرەك كۆل ئىكەن، يولنىڭ يېقىنىغا قاراپ، يېڭىدىن ئېرىشكە باشلىغان كۆل مۇزلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، توراقات سارايغا چۈشتۇق. بۇ يەردە بىر ئۆيلۈك سارايچى ئۇيغۇردىن باشقا ،خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇلغان ھېچ كىشى يوق ئىكەن. بىر كېچە يېتىپ، ئەتىسى قەشقەر چېگرىسىدىكى تۆيۈن تۆپە دېگەن جايغا كەلگىنىمىزدە يولىمىز ئىككىگە ئايرىلدى. ئۇدۇل كەتسەك، چاقماق قاراۋۇل دېگەن ئورۇن بار بولۇپ، يول تەكشۈرگۈچى خىتايلار شۇ يەردە تۇرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۈچ كىشى باشقا يولداشلىرىمىزنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، سول قول تەرەپكە بۇرۇلۇپ، قارا تۆپە داۋىنىغا قاراپ يول ئالدۇق. داۋان ئاستىغا كەلگىنىمىزدە، 1800-يىللاردىكى قەشقەر ھاكىمى ياقۇپبەگدىن قالغان قاراۋۇل قورغىنى يېنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. ئارىدىن ئۇزاق دەۋرلەر ئۆتمىگەنلىكتىن قەلئە بىنالىرى كۆپ بۇزۇلۇپ كەتمىگەن ئىكەن. بۇ خارابە كۆزىمىزگە كۆرۈنىشى بىلەن ئىككى تۈركىستاننىڭ ئىلگىرىكى تارىخىنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمدىكى قايغۇلۇق ئەھۋاللىرى ئۈستىدە ئۇزاق ئويلىنىپ قالدىم" .

ئاڭسىزلىق ۋە بىلىمسىزلىك ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بەختسىزلىكىدۇر

ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنى يېزىشتا پايدىلانغان بىر ئۆزگىچە ئۇسلۇبى شۇكى، ئۇ ھەر بىر مۇھىم ۋەقەگە دۇچ كەلگەندە مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلىك كۈنلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ ھەمدە شۇنچىلىك بىچارە ھالغا قالغان ئىككى تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى شەرەپلىك تارىخى بىلەن مەۋجۇت خاراب ھالىتىنى سېلىتىشتۇرىدۇ.

تارىخ بىلىملىرىنى ياخشى ئىگىلىگەن ئەلىخان تۆرە ئۆزى كۆرگەن ھەر بىر يۇرت ۋە جاي ھەققىدە تارىخى مەلۇمات بېرىشكە ئادەتلەنگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق تەپەككۈر قىلدۇ.

قۇران ھۆكۈملىرى ئاساسەن ئۈچ ئىشقا توختالغان: بىرىنچى، ئىتتىپاقلىق، ئىككىنچى زامانىۋى ئىلىم - ھۈنەر ئۆگىنىپ، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە تولۇقلاش، ئۈچىنچى دۇشمەننىڭ ئالدىدا ئۆلۈمدىن قورقماسلىق. مانا شۇ ئۈچ نەرسىگە ھاياتلىق ئالىمىدە ھەر كىم ئىگە بولغان ئىكەن، دېمەك ئۆز ۋەتەنلىرىنى پۈتۈن ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى باسقۇنچى دۈشمەنلەر ھۇجۇملىرىدىن ساقلىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بىز يېقىن ئۆتمۈشىمىزدە يىرگىنچلىك ئىتتىپاقسىزلىق تۈپەيلىدىن ئۆز دۆلىتىمىزدىن ئايرىلدۇق.

"قاراڭ! ئوغۇز، ئۇيغۇر، كەبى قەھرىمان تۈرك ئۇلۇسىنىڭ بالىلىرىنى ! ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىكلىرىدىن بۈگۈنكى كۈندە قول پۇتلىرىغا قۇللۇق ۋە ئەسىرلىك كىشەنلىرى سېلىنغان ھالدا ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئىدى. باسقۇنچى دۈشمەنلەرنىڭ ھېسابىغا ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىدە تۇرۇپ، قانداق خار-زارلىق بىلەن ھايۋانلارچە ئەركسىز ۋە مەجبۇرىيەت قامچىسى ئاستىدا ئىشلەپ يۈرمەكتە -ھە؟

ئۇلۇغ قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھدەك خۇداسى بار، پۈتۈن ئالەمگە رەھمەت كەلتۈرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالا دەك يول باشچىسى بار، خۇدا قانۇنى بولغان ئىسلام دىنىدەك دىنى بار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كەبى خورلۇققا قېلىشى، قۇرئان ھۆكۈمىگە قارىغاندا مۇمكىن ئەمەستۇر. چۈنكى، قۇرئاننىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلام دىنى-ئىلاھىي بىر قانۇندۇركى، بۇنى تولۇقى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى مۇسۇلمانلار ھەر ئىككى دۇنيا دۆلىتىگە ئىگە بولىدۇ ئەلۋەتتە. بۇ سۆزنىڭ ھەقلىقىگە ھېچ شەك يوقتۇر.

ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى يەنى ھەزرەت ئۆمەر دەرۋىدىكى ئىسلامنىڭ شان-شەۋكىتى بۇ سۆزنى ئېنىق ئىسپاتلايدۇ. تۈركىيە سۇلتانى سۇلتان سۇلايمان دەۋردە دېگۈدەك پۈتۈن ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى ئىسلام پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ۋەسسالام " بۇ ئۈممىتىم ئاۋۋالدا نېمە بىلەن كۆتۈرۈلگەن بولسا، ئاخىرىسىدا ھەم شۇنىڭ بىلەن كۆتۈرىلىدۇ" دېدى، مەلۇمدۇركى، راسۇلۇللا دەۋرىدىن باشلاپ، ئىسلامنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا، قۇرئان ھۆكۈمى ئىسلام پادىشاھلىرى ئالدىدىكى بىرىنچى قوللانما بولغان ئىدى.

ئەمدى يۇقىرىدىكى سۆزلەردىن ئوچۇق، مەلۇم بولدىكى ئىلىم ھۈنەردە ئارقىدا قېلىپ، باشقىلارنىڭ ئاياق ئاستىدا ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار قۇرئان ھۆكۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىمۇ، ھەقىقى ئىسلامدىم ھېچ قاچان تانمىغان.

ئىتتىپاقسىزلىق پاجىئەنىڭ مەنبەسىدۇر

ئەلىخان تۆرە ئىسلامنىڭ ھۆكۈمى شۇنىڭدەك ئىمان ۋە ئىسلام ھەم ئۇنىڭ مىللەت ۋە ۋەتەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگەن ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمان، مىللەت ۋە ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇملارنىڭ بىر-بىرىن ئايرىلماسلىقى لازىملىقىنى شەرھلەيدۇ. ئۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

قۇران ھۆكۈملىرى ئاساسەن ئۈچ ئىشقا توختالغان:

بىرىنچى، ئىتتىپاقلىق، ئىككىنچى زامانىۋى ئىلىم - ھۈنەر ئۆگىنىپ، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە تولۇقلاش، ئۈچىنچى دۇشمەننىڭ ئالدىدا ئۆلۈمدىن قورقماسلىق. مانا شۇ ئۈچ نەرسىگە ھاياتلىق ئالىمىدە ھەر كىم ئىگە بولغان ئىكەن، دېمەك ئۆز ۋەتەنلىرىنى پۈتۈن ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى باسقۇنچى دۈشمەنلەر ھۇجۇملىرىدىن ساقلىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بىز يېقىن ئۆتمۈشىمىزدە يىرگىنچلىك ئىتتىپاقسىزلىق تۈپەيلىدىن ئۆز دۆلىتىمىزدىن ئايرىلدۇق.

1840-يىللاردىن باشلاپ رۇسلار ئورتا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشقا باشلىدى، بۇ يەردە ئۇچ خانلىق بار ئىدى، بۇخارا ئەمىرلىكى، قوقاند ۋە خىۋە خانلىقلىرى، ياۋروپدا ئىلىم مەدەنىيەت تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالىمىگە ئويغىنىش ئۇرۇغىنى چېچىشقا باشلىغان بىر دەۋردە بۇ خانلىقلار خۇراپات پاتقىقىغا پېتىپ، جاھىللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگەن ئىدى. نېمە ئۈچۈن قابىلىيەتلىك ۋەتەن ئوغلانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز ئۆمۈرلىرىنى بۇخارانىڭ قەدىمكى كونا مەدرىسلىرىدە ئەرەبىي –فارىسى تىللارنى ئۆگىنىش بىلەنلا ئۆتكۈزدى؟" (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.