ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (6)
2005.06.29

سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ دەسلەپكى بەتلىرىدە، ئۆزىنىڭ 1919-يىلى قەشقەرگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ جايدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
تۇنجى قەدەملەر
ئەلىخان تۆرە مىڭ بىر جاپادا ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتۇشقا كېلىپ، ئۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن قەشقەرگە قەدەم بېسىپ، يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
"يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كېلەيلۇق، شۇنداق قىلىپ، ئاستىن ئاتۇشتا يولدىشىمىز قوشماق ھاجىمنىڭ ئۆيىدە ئىككى كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىگە چۈشمەكچى بولۇپ، يولغا چىقتۇق. كۈن ئىسسىق بولغاننىڭ ئۈستىگە چاڭ-توزاڭ ئىچىدە قىرىق بەش چاقىرىمچە يول يۈرۈپ، شەھەر ئىچىگە كىردۇق. بۇ يەرلىك كىشىلەردىن توقماققا قاتناپ تۇرغان سودىگەرلەر كۆپ بولغانلىقىدىن تونۇش-بىلىشلىرىمىز جىق بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە چۈشمەستىن، يارباغ دەرۋازىسى سارىيىدا بىزنى كۈتۈپ تۇرغان توقماقلىق يولداشلىرىمىزنىڭكىگە چۈشتۇق."
ئەلىخان تۆرە قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكىدىن نەچچە ھەسسە بەتتەر ئىكەنلىكى، ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىك قاپلاپ كەتكەنلىكى ھەتتا، بۇ جايدىمۇ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرلىرىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئەلىخان تۆرە ئەسلى بولشېۋىكلەر ئىدىيىسىگە قاتتىق قارشى تۇرغان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئىدىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىشىنى خالىمايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قېرىنداش ئۆزبېكلەردىن ئىبرەت ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ تۇنجى تەسىراتلىرى
ئېڭى ئېچىلمىغان، بىلىمسىز بىر مىللەت ئۆز دۈشمەنلىرى ئالدىدا قۇشخانىغا ھەيدىلىۋاتقان بىر توپ ھايۋاندىن ھېچ قانداق پەرقى يوقتۇر. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ھالاكەتلىك دۈشمىنى ئاڭسىزلىق، ئىلىمسىزلىكتۇر.
ئەلىخان تۆرە قەشقەرگە قەدەم باسقاندا ھېس قىلغان ئۆز چۈشەنچىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
"شۇ كۈنلەردە، يەنى مىلادى 1920-يىلى، ئىچكى-تاشقى دەھرىيلەر بىرلىشىپ، چىرىگەن ئەمىرلەر دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ، بۇخارانى بېسىۋالغان ئىدى. پەرغانە شەھەرلىرىنىڭ ھەر بىرىدە پۈتۈن قىشلاق خەلقلىرى قوزغىلىپ، "باسمىچى"لار نامىدىكى قوزغىلاڭچىلار باش كۆتەردى. نەتىجىدە بىگۇناھ خەلق بېشىغا قىيامەت چۈشتى. بۇلاردىن ۋەتەنپەرۋەر، ئاڭلىق ۋە ئىلغار پىكىرلىك بايلار ئېتىلىپ-چېپىلىپ ئۆلۈكلىرى تاشلىۋېتىلدى. قالغانلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق قىينىلىپ، تۈرمىلەردە ئۇزۇن ۋاقىت ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، يىراق يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىنىپ، ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا سېلىندى. ئۇلارنىڭ ئالدى يىگىرمە بەش، ئەڭ كېيىنى ئون يىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يۈزدىن بىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۇ يەرلەردە سالامەتلىكلىرى بۇزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن، ھايات قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى.
رۇسىيە تۇپرىقىدا كۆتۈرۈلگەن پىتنە ۋولقانلىرى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى چېگرا تاشقىرىسىغىمۇ چۈشكەن ئىدى. مانا شۇنداق ئېغىر ئەھۋال، قىيىن كۈنلەردە چوڭقۇر پىكىر، كاتتا ئۈمىدلەر بىلەن قەشقەرگە كېلىشىم ئىدى. قارىسام، بۇ يەردىكى ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىك بالاسى بىزدىن يۈز دەرىجە ئارتۇق ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ، ئويلىغان ئويلىرىم بۇزۇلۇپ، ئۆزۈم ھەيرانلىقتا قالدىم. بولمىسا، شۇ كۈنلىرى قەشقەردە ئايەت-ھەدىس تەفسىرى، ھەر تۈرلۈك دىنىي ئىلىم ئوقۇتقۇچىلىرى يۈزلەپ، ئوقۇغۇچىلار نەچچە مىڭلاپ بار ئىدى. پۈتۈن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان شەھەرلىرىنى قاپلىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بۇ يەرلەردە بولۇپ ئۆتكەن ۋە بولۇۋاتقان خەلق ئۈستىدىكى دەھشەتلىك ئىشلارنى كۆزلىرى كۆرۈپ، ئۆزلىرىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەسلىدە مىڭ ئاڭلىغاندىن كۆرە، بىر قېتىم كۆرگەننىڭ تەسىرى ئارتۇق بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئەمدى شۇنىسى قىزىق، ئەڭ ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قان-قېرىنداشلىرى بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن شۇنداق زور ئاپەت بالالارنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىك كاساپىتىدىن بۇنىڭ تەسىرىدىن قىلچە ئىبرەت ئالمىدى. چۈنكى، بۇ شۇم مەسلەكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىككى نەرسە يەنى كەمبەغەلچىلىك ۋە ئاڭسىزلىق سەۋەب بولغان ئەلۋەتتە. بۇلار رۇسىيە تۇپرىقىدا ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەم خىتايدا تولۇق تېپىلغانلىقى ئۈچۈن دەھرىيلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شۇ بۇزۇق مەسلەكلىرىنى بۇ جايلاردىمۇ راۋاجلاندۇرغان ئىدى. نەتىجىدە بۇ قورال كۈچى بىلەن مەجبۇرىيەت ئارقىلىق خەلق بوينىغا يۈكلىنىپ، شۇ كۈنگىچە خەلقنىڭ بوينىدىن چۈشۈرۈلمەس ئېغىر يۈك بولۇپ قالدى. بۇ يەردە قانچە تۇرساممۇ، ئەمما ماڭا ھەمكار بولغۇدەك، كېلەچەك ئۈچۈن قايغۇرغان بىر كىشىنى بولسىمۇ كۆرەلمىدىم."
قەشقەردىن قايتىش
ئەلىخان تۆرە قەشقەردىكى ئاڭسىزلىق ۋە نادانلىقلارنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ئېچىنىپ، نادانلىق ۋە ئاڭسىزلىقنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن نەقەدەر پاجىئەلىك ۋە ئاپەتلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ:
"ئېڭى ئېچىلمىغان، بىلىمسىز بىر مىللەت ئۆز دۈشمەنلىرى ئالدىدا قۇشخانىغا ھەيدىلىۋاتقان بىر توپ ھايۋاندىن ھېچ قانداق پەرقى يوقتۇر. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ھالاكەتلىك دۈشمىنى ئاڭسىزلىق، ئىلىمسىزلىكتۇر."
ئەلىخان تۆرە ئاخىرى ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەردىن قايتىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ قەشقەردىكى قالاقلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە بۇ جايدا يولداش بولىدىغان بىر كىشىنى تاپالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاغدا قوقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قوقان ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان مىللىي مەجلىسكە ئۆز ئاكىسى ئالىمخان تۆرىنىڭ ئەزا بولغانلىقى بىلەن بىر مەزگىل ئۇنىڭ يېنىدا تۇرماقچى بولغان. بىراق، قوقان ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان بولشېۋىكلەرنىڭ قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، قوقان خەلقى قانلىق باستۇرۇلىدۇ ھەمدە قوقان ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى جازالىنىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەردىن كېتىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ؛
"پۈتۈن ئۇيغۇرىستاننى قاپلىغان شۇنىڭغا ئوخشاش ئاڭسىزلىق ئاپىتىنى كۆرۈپ، ئۇ يەردىن ئۈمىدىم ئۈزۈلۈپ، ناچار، يېڭىدىن ئوت ئېلىۋاتقان پىتنە ئوچىقى ئىچىدىكى ئۆز يۇرتۇم توقماققا قايتىپ كەلدىم". (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (5)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (4)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (3)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (2)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (1)