ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (7)
2005.07.06

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنچى بابىدا ئۆزىنىڭ قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ. قويۇق پەلسەپىۋى پىكىرلەر بىلەن تولغان مەزكۇر بابتا سابىق رەئىس جۇمھۇر ئەلىخان تۆرە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانى بولغان بۇ بىپايان تۈركىستاندا نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل دۆلەت شەكىللىنەلمىدى؟ دېگەن نۇقتا ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ.
مىللىي ھېسسىياتلىرىدىن ئايرىلغان مىللەت مۇنقەرزلىك ھېڭىغا چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ
ئەلىخان تۆرىنىڭ قارىشىچە، تۈركىستاندا بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ پەيدا بولالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر تۈرلۈك بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈركىستان، بولۇپمۇ تۈركىستاننىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۆزبېكىستان چار رۇسىيە تەرىپىدىن ،ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا سوۋېت رۇسىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، مۇستەقىلسىز ياشىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مىڭلىغان ئۆزىنى تۈركىستانلىق ۋە ئۆزبېك دەپ ئاتىغان ئادەملەر رۇسلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى قۇل قىلىشىغا ماسلاشتى ۋە ياردەملەشتى.
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۆزبېكىستان دەپ ئاتالغان بۇ تۇپراق ۋە ئۆز مىللىتى بولغان ئۆزبېكلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
ھاياتلىق ئالىمىدە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئالىي دەرىجىلىك يارىتىلغان نەرسە شۈبھىسىزكى شۇ ئىنساندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلاش ھەقىقىي مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر.
"بىز بولساق، ھەقىقەتتە بولشېۋىكلەر ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، يالغۇز مىللىي ، دىنى ۋەتەنىي ھەقلىرىمىزلا ئەمەس بەلكى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىمىزدىنمۇ پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئاخىرقى ئەركسىز ھايۋانلار قاتارىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇق. بىر مىللەتنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي ئۆز قولىغا تاپشۇرۇلمىغاچ، ئۆزبېكىستان نامى قەغەز ئۈستىگە يېزىلىشى بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ يۈكىنى كۆتەرگەن، ھارۋىسىنى تارتقان ئىشەك-ئاتلاردەك بىر مۇنچە ئۆزبېك نامىدىكى ۋىجدانسىز، قۇرۇق ھەيكەللەرنى ئۆز مەقسەتلىرىنى يولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇندۇق ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش بىلەن ئۇ مىللەت قانداقمۇ ئۆزىنى ئازادلىققا چىقتۇق دېيەلەيدۇ؟ بەلكى بۇنداق مىللەتلەر ئەنە شۇنداق خىيانەت پەردىلىرى ئاستىدا پۈتۈن ھېسسىياتلىرىدىن ئايرىلغان ھالدا يەم بولۇپ، يۈتۈلۈپ، ئاخىرى مۇنقەرزلىك ھېڭىغا يىقىلىپ ھالاك بولۇشى شۈبھىسىزدۇر".
چوڭقۇر پەلسەپىۋى ۋە دىنىي پىكىرلەرنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلانغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ قارىشىچە، بىر مىللەت مىللىي تۇيغۇسىدىن ۋە ئىمانىدىن ئايرىلغاندا ياكى بۇ قىممەتلىك تۇيغۇلار ئاجىزلىغاندا ئەنە شۇنداق پاجىئەلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەلىخان تۆرە مىللىي تۇيغۇنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيەتتىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
"لېكىن ئۆتكەن ئۇلۇغ پەيلاسوپلارنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز مىللىي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى يوقىلىدىكەن، ھۆكۈمەت ئىگىسى بولغان كەلگىندىلەرنىڭ كۆپىيىشى ھېسابىغا ئۇلارنىڭ نەسىللىرى يىلسايىن ئازلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يۈتۈلۈپ كېتىلىشى ئەمەلىيەتتە كۆرۈلگەندۇر. ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلدى دېمەك- زاۋاللىققا يۈزلەندى دېمەكتۇر. شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ئاڭلىق، مەدەنىي مىللەتلەر ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەچچە مىليونلاپ قۇربان بېرىشكە تەيياردۇر. ھالبۇكى، ھەر بىر مىللەتكە ئىمان-ئىسلامنى ساقلاش قۇرئان ھۆكۈمى بويىچە قانچىلىك پەرز بولسا، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزلىگىنى ۋە ئۆز مىللىتىنى ساقلاشمۇ شۇنچىلىك پەرزدۇر. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ۋەسسالام قايسى بىر كىشى ئۆز ئاتىسىنى تاشلاپ، باشقا بىراۋنىڭ بالىسىمەن دېسە ياكى بىر مىللەت تىلى، دىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرى باشقىچە ئىككىنچى بىر مىللەتكە يۈتۈلۈپ كەتسە، مانا شۇنداق ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا لەنەت ئوقۇغان ئىدى. مىللىي ھېسسىياتىنى يوقۇتۇپ، ئۆز مىللىتىدىن ئايرىلىش قۇرئان ھۆكۈمى بويىچە ھارامدۇر."
ئەلىخان تۆرە دىنسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلغان ئىدى
تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز مىللىي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى يوقىلىدىكەن، ھۆكۈمەت ئىگىسى بولغان كەلگىندىلەرنىڭ كۆپىيىشى ھېسابىغا ئۇلارنىڭ نەسىللىرى يىلسايىن ئازلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يۈتۈلۈپ كېتىلىشى ئەمەلىيەتتە كۆرۈلگەندۇر. ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلدى دېمەك- زاۋاللىققا يۈزلەندى دېمەكتۇر. شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ئاڭلىق، مەدەنىي مىللەتلەر ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەچچە مىليونلاپ قۇربان بېرىشكە تەيياردۇر.
ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ قەشقەردىن قايتقاندىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:
"يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كېلەيلۇق، قەشقەر سەپىرىدىن قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، مەرھۇم ئاتىمىز شاكىرخان تۆرە خوجىنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە يازدا دېھقانچىلىق قىلىپ، قىشتا تۇڭگانلار ئارىسىدا دىنىي خىزمەتلەر بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزدۈم".
ئەلىخان تۆرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1921-يىلى لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە بىر قاتار دىنىي ئەركىنلىك سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇ يىلى لېنىننىڭ نامى بىلەن يېزىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى شوئار ئېلان قىلىنغاندا ئۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، توقماق قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ مەسچىتلەردە ئىماملىق قىلىش جەرياندا دىنسىزلىككە قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە، 1922-يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، بىشكەك شەھىرىدىكى تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇ، بۇ جەرياندا لېنىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى ھەقىقى تونۇپ يېتىدۇ. ئەلىخان تۆرە بىر ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن بوشۇتۇلۇپ، ئۆز يۇرتى توقماققا قايتىدۇ ھەمدە تاكى 1930-يىللارغىچە شۇ جايدا ياشايدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ نەزىرىدىكى ئىنسان ھوقۇقى چۈشەنچىلىرى
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ ئۆز ئەسىرىنى يېزىشتا قوللانغان ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبى شۇكى، ئۇ ھەر قانداق ۋەقەنى ۋە مۇئەييەن دەۋر-شارائىتنى ئاددىيلا تەسۋىرلەپ ئۆتمەستىن بەلكى، ئەشۇ ۋەقە ۋە شارائىتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان تەسىرلىرى ھەم باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ تۈپ ئاساسى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت ، دىن ۋە سىياسىي چۈشەنچىلەر ھەققىدىمۇ ئانالىز يۈرگۈزىدۇ. ئەلىخان تۆرە ئىنسان ھوقۇقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق تەبىر بېرىدۇ:
"ھاياتلىق ئالىمىدە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئالىي دەرىجىلىك يارىتىلغان نەرسە شۈبھىسىزكى شۇ ئىنساندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلاش ھەقىقىي مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر". ..."مەلۇمكى، دۇنيادا ياشىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە قىزغىنىپ ساقلايدىغان بەش نەرسىسى بولىدۇ. بىرىنچى- جېنى، كېيىنكىلىرى بولسا، دىنى، مال-مۈلكى، ئائىلىسى ۋە ئانا ۋەتىنىدۇر. مانا بۇ بەش نەرسىنى ساقلاش ئۈچۈن ئاڭلىق ئىنسانلار قانداق كۈرەش قىلىدۇ؟ دۇنيانىڭ ھەر بىر يېرىدە تۆكۈلگەن ۋە تۆكۈلۈۋاتقان ئىنسان قانلىرى كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ پاجىئەلەرنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى شۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان نەرسىدىن باشقا ئەمەستۇر. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (6)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (5)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (4)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (3)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (2)