ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (8)
2005.07.13
1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى كېيىن ئەندىجان، توقماق ۋە قارا قول شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەمدە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
غۇلجىغا كېتىش سەپىرىگە ئاتلىنىش
ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى باستۇرۇلۇپ، مەلۇم يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق خەلقنىڭ بولشېۋىكلارغا بولغان قارشىلىقلىرى ھېچ قاچان توختاپ قالمىغان.
ئەشۇ يىللاردا پەرغانە ۋىلايىتىدە كەڭ تونۇلغان ئىسلام ئالىمى ناسىرخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىر قىسىم كىشىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كوممۇنىستلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. بىراق بۇ قوراللىق قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، ناسىرخان تۆرە ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدۇ.
كۆز ئاچقان كۈنىمدىن بۇيان قوزغالغان مەقسىتىم شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى قانچىلىغان ۋەتەن بالىلىرىنىڭ تۆكۈلگەن مۇقەددەس ياش قانلىرى ھېسابىغا قولغا كەلگەن ئىدى. نە چارە؟ ئۆزىنى ئېزىلگەن –يەنچىلگەن خەلقلەرنى زالىملاردىن قۇتقۇزغۇچى، دۇنيا بويىچە ھوقۇقسىز -مەزلۇملارغا ياردەم بەرگۈچى ھېسابلىغان ئالدامچى، كاززاب ستالىن ھۆكۈمىتى ئالتە مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن قۇربان قىلدى. قوينى بۆرىنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزدى، لېكىن كەچقۇرۇن ئۇنىڭ قول-پۇتلىرىنى باغلاپ قاسساپقا تاپشۇرۇپ بەردى.
ئەلىخان تۆرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ چاغدا ئۇ توقماقتا ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، بىر كېچىدە ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىپ سوراق قىلىدۇ. ئۈچ ئايلىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەلىخان تۆرە يەنە تۈرمىدىن بوشاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ شۇنىڭدەك قايتىدىن ئۆز يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
"ئەمدى بۇ يەردە تۇرۇشنىڭ ئۆز بېشىم ياكى دىنىي پائالىيەتلىرىم ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىشىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غۇلجا تەرەپكە كەتمەكچى بولۇۋاتقان دوستلاردىن ئابىش دېگەن قىرغىزنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن سەپەرداش بولۇشقا ۋەدىلىشىپ، ئىككىمىز قول ئېلىشتۇق. كېيىن بەك مەخپىي ھالدا سەپەر تەييارلىقلىرىنى قىلىشقا باشلىدىم. ئات-ئۇلاق، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلىدىم، 1930-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا قول ئېلىشقان يولدىشىم ئابىش كەلدى. مەن شۇ كۈنلەردە توقماقتىن ئالتە چاقىرىم يىراقتىكى شور تۆپەدىكى يېرىمدە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن ئىدىم. ئىشلىرىم چالا بولسىمۇ، پىلانىمنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنى تەڭرىگە تاپشۇرۇپ، خۇپتەن نامىزىمنى ئۆتۈگەندىن كېيىن، چالا قازاق كىشىلەردىن ئابدۇرېشىد خوجا، تۇڭگان موكېمىر، سەپەرداش قىرغىز ئابىش قاتارلىق تۆت كىشى ئاتلىنىپ، توقماققا يېتىپ كەلدۇق."
شۇنداق قىلىپ، ئەلىخان تۆرە سەپەرداشلىرى بىلەن مەلۇم بىر كېچىسى ئۆز ئۆيىگە كېلىپ، بالا-ۋاقىلىرى بىلەن خوشلىشىدۇ. كۆزلىرىدىن بىچارىلىق ياشلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان پەرزەنتلىرىنىڭ يىغا-زارىلىرى، ئۇلارنىڭ " سىز كەتسىڭىز بىز قانداق ياشايمىز” دېگەن نالە -پەريادلىرى ئالدىدا يۈرىكى ئېزىلگەن ئەلىخان تۆرە نېمە بولسام مەيلى، بالىلىرىم بىلەن قېلىپ، بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي دەپمۇ ئويلايدۇ،. بىراق ئۇ ئۆزىگە ھاي بېرىپ، بۇنداق قىلغاندا بەلكى، ئەشۇ بالىلىرىدىن ئەبەدىي ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىگە كۆزى يېتىپ، قەتىي ئىرادە بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئوز ئائىلىسىنى، پەرزەنتلىرىنى تاشلاپ، جان قايغۇسىغا قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇنىڭ كوممۇنىستلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ياشلارغا ئېيتىلغان قەلب سۆزلىرى
ئەمدى باشتىن ئاياق بۇنداق پاجىئەلىك تارىخىي سۆزلەرنى يېزىشىمدىن كۆزلىگەن مېنىڭ تۈپ مەقسىتىم قۇرۇق سۆز قىلىش ئەمەس ،بەلكى پۈتۈن ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۆز ۋەتەنلىرىدە تۇرۇپ، غېرىب بولغان تۈركىستان خەلقىنى، يەنى ھازىرقى ۋە كېلەچەكتىكى ۋەتەن ياشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ،ئۇلارنى ئۆلۈم ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشتۇر.
1930-يىلى، ئەلىخان تۆرە ئۆز ۋەتىنىنى ئاخىرقى قېتىم تەرك ئېتىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا كەلدى.ئۇ ،ئىلگىرى-كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ 30-يىللاردىكى سىياسىي ۋەقەلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە بۇ جايدىمۇ تۈرمىگە تاشلاندى. 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولدى. ئەلىخان تورە ئۆزىنىڭ قەلب سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
"كۆز ئاچقان كۈنىمدىن بۇيان قوزغالغان مەقسىتىم شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى قانچىلىغان ۋەتەن بالىلىرىنىڭ تۆكۈلگەن مۇقەددەس ياش قانلىرى ھېسابىغا قولغا كەلگەن ئىدى. نە چارە؟ ئۆزىنى ئېزىلگەن –يەنچىلگەن خەلقلەرنى زالىملاردىن قۇتقۇزغۇچى، دۇنيا بويىچە ھوقۇقسىز -مەزلۇملارغا ياردەم بەرگۈچى ھېسابلىغان ئالدامچى، كاززاب ستالىن ھۆكۈمىتى ئالتە مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن قۇربان قىلدى. قوينى بۆرىنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزدى، لېكىن كەچقۇرۇن ئۇنىڭ قول-پۇتلىرىنى باغلاپ قاسساپقا تاپشۇرۇپ بەردى"
ئەلىخان تۆرە يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قەلب سۆزلىرىنى يازىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىكى ئاجىزلىقلارنى تەنقىد قىلىدىغانلىقىغا ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ؛
ئەمدى باشتىن ئاياق بۇنداق پاجىئەلىك تارىخىي سۆزلەرنى يېزىشىمدىن كۆزلىگەن مېنىڭ تۈپ مەقسىتىم قۇرۇق سۆز قىلىش ئەمەس ،بەلكى پۈتۈن ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۆز ۋەتەنلىرىدە تۇرۇپ، غېرىب بولغان تۈركىستان خەلقىنى، يەنى ھازىرقى ۋە كېلەچەكتىكى ۋەتەن ياشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ،ئۇلارنى ئۆلۈم ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشتۇر. كۆڭلۈمدىكى مۇڭلۇق قايغۇلۇرۇمنى قەلەم ئۇچىدىن تۆكۈپ يازغان بۇ كىتابىمنى ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر قەھرىمان بالىلىرىمىزغا مېنىڭ تاپشۇرۇقۇم شۇكى تىلىم ئۇچىدىن ئەمەس ، دەرتلىك دىلىم ئىچىدىن چىقىرىپ يازغان يالقۇنلۇق سۆزلىرىمنى پەقەت ئوقۇپلا قويماستىن ھەر بىر ئېغىز سۆزۈمنى تەھلىل قىلىپ ،ئۇنىڭ ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسۇن! . ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئەمەس ،مەدەنىيەت تەرەققىيات بولغان 20-ئەسىرىمىزدەئىكى ئىنسانلار مىللىي، ۋەتەنىي، دىنىي ھوقۇقلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن قايسى نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشۈنۈپ ئۇنىڭ چارىسىنى قىلسۇن !". (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (7)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (6)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (5)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (4)
- ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (3)