ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (9)

0:00 / 0:00
turkistan-qayghusi.jpg
"تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ مۇقاۋىسى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابىدا بايان قىلىشىچە، ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 1930-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئايلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كەتمەكچى بولۇپ، يولغا چىققان بولسىمۇ، بىراق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ۋە سوۋېت چېگرا قوغدىغۇچى ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن چېگرىدىن ئۆتەلمەي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ئەمما، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بولشېۋىك ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتۇپ، بىشكەكتىكى تۈرمىگە تاشلايدۇ. قاتتىق تۈرمە ئازابلىرى، قىيىن-قىستاقلار ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەڭ خەتەرلىك جىنايەتچى دەپ قارىغانلارنى سىبىرىيىنىڭ يىراق جايلىرىدىكى ئورمانلىقلارغا سۈرگۈن قىلىپ، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالاتتى. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەلىخان تۆرىنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ. لېكىن، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۈرمىدىن قېچىپ، تۇڭگانلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان تەرەپكە قايتا قاچىدۇ.

شان-شەۋكەتنىڭ يوقىلىشىدىكى سەۋەبلەر

ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتىدا كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە تەپەككۈر قىلىپ، تارىختا شۇنچە قۇدرەتلىك بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ ئەۋلادى ھېسابلانغان خەلقلەرنىڭ بۇ كۈنلەردە ئاجىزلىشىپ، شان- شەۋكىتىنى يوقىتىپ، ئۆز ۋەتەنلىرىگە ئىگە بولالماي قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇ:

مىللىي ھاكىمىيىتىمىزدىن ھازىرچە ئايرىلغان بولساقمۇ، بىراق مىللىي ھېسسىياتىمىزدىن ئايرىلماي، ئۇنى ساقلاپ قالساق كېلەچەك دۈشمەنلەرگە يۈتۈلۈپ كېتىشتىن ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايمىز. ئەمدى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قويۇلغان مەسىلىلىرىمزنىڭ ئەڭ بىرىنچى شەرتى تىل مەسىلىسىدۇر. ئەگەر بىز تىل –ئەدەبىياتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ قەدىر –قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، باشقا مەدەنىي مىللەتلەر دەرىجىسىگە يەتكۈزەلىسەك، مانا بۇ چاغدا مىللىتىمىز ۋە مىللىي ھېسسىياتلىرىمىز دائىمىي رەۋىشتە تەرەققى قىلىپ ساقلانغۇسىدۇر. ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن ،بەلكى ئەكسىچە ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنمىز، ئۇ چاغدا ئۇزاققا بارماي ئۆز تىللىرىمىزدىن ئەبەدىي ئايرىلىپ قالىمىز. ئەنە شۇنداق ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىش مىللىي ھېسسىياتنى يوقىتىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ئىش ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ زور خىيانەت ھېسابلىنىدۇ.

"بىز مۇسۇلمانلار ، يەنى ئىككى تۈركىستان تۈركىي خەلقلىرى، بارلىق ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلار ھاياتلىق ئالىمىدە شەكىللەنگەن ئاللاھنىڭ ئادالىتىنى ياخشى چۈشىنىپ، دىنىمىز ۋە قۇرئانىمىزنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ھاياتىمىز دۈشمەنلەر قولىدا قىلىپ، ئەركىنلىكىمىز ۋە ئىختىيارلىقىمىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، بۇرنىمىز يەرگە تەككۈدەك ھايۋانلار كەبى ئىشلەپ، قۇللاردەك قىينىلىپ، كۈن كەچۈرمەكتىمىز" .

ئەلىخان تۆرە بىر مىللەتنىڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزلىرى سەۋەب بولىدىغانلىقى، ئۆزلىرىدىكى ئىرادىسىزلىك، ئاڭسىزلىق شۇنىڭدەك مۇسۇلمان مىللەت بولسىمۇ، ئەمما ، ئۆز ئىمانىغا سادىق بولماسلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى شەرھلەيدۇ. ئۇ، ئۆزىنىڭ كۆپىنچە ئانالىزلىرىدا شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ پىكىر يۈرگۈزىدۇ.

مىللىي ھېسسىيات ۋە مىللىي تىل-مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى

ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي مىللىي ھېسسىيات بىلەن تىلنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقتىكى رولى ھەققىدە مۇنداق پىكىر قىلىدۇ:

"مىللىي ھاكىمىيىتىمىزدىن ھازىرچە ئايرىلغان بولساقمۇ، بىراق مىللىي ھېسسىياتىمىزدىن ئايرىلماي، ئۇنى ساقلاپ قالساق كېلەچەك دۈشمەنلەرگە يۈتۈلۈپ كېتىشتىن ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايمىز. ئەمدى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قويۇلغان مەسىلىلىرىمزنىڭ ئەڭ بىرىنچى شەرتى تىل مەسىلىسىدۇر. ئەگەر بىز تىل –ئەدەبىياتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ قەدىر –قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، باشقا مەدەنىي مىللەتلەر دەرىجىسىگە يەتكۈزەلىسەك، مانا بۇ چاغدا مىللىتىمىز ۋە مىللىي ھېسسىياتلىرىمىز دائىمىي رەۋىشتە تەرەققى قىلىپ ساقلانغۇسىدۇر. ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن ،بەلكى ئەكسىچە ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنمىز، ئۇ چاغدا ئۇزاققا بارماي ئۆز تىللىرىمىزدىن ئەبەدىي ئايرىلىپ قالىمىز. ئەنە شۇنداق ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىش مىللىي ھېسسىياتنى يوقىتىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ئىش ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ زور خىيانەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولدى دېمەك ئۇلۇغ تۈركىستان خەلقى-تۇران نەسلى باسقۇنچىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە يوقىلىپ، مۇنقەرزلىككە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىكى شان –شەرەپلىك نام-نىشانلىرى ئۆچۈرىلىدۇ دېمەكتۇر، بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن!".

ئەلىخان تۆرىنىڭ نەزىرىدە تىل بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭگۈشتەر بولۇپ، تىلسىز ۋە دىنسىز مىللەت مەۋجۇت بولمايدۇ، مىللىي ھېسسىيات بىلەن تىل زىچ بىرلەشكەن. تىل يوقالسا، مىللىي ھېسسىيات يوقىلىدۇ، مىللىي ھېسسىيات يوقالسا، تىل ھەم مىللەتنىڭ ئۆزىمۇ يوقىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ خۇلاسە قىلىدۇ:

"دۈشمەنگە يۈتۈلۈشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى شۇ ئىككى نەرسىدىن ئىبارەت - بىرىنچىسى دىنىي ئىخلاس، ئىككىنچىسى مىللىي ھېسدۇر. ئەگەر قايسى بىر مىللەت بۇ ھېسلارغا مالال يەتكۈزمەي ، ياخشى ساقلايدىكەن، ئۇنداق مىللەت دۈشمەن تەرىپىدىن يۈتۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەستۇر."

تىل ۋە مىللىي ئەدەبىياتنى راۋاجلاندۇرۇشمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر

ئەلىخان تۆرە بۇ ھەقتە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

" بىز ئۆز مىللىي ھېسسىياتىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك، زۆرۈر تىللارنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز ئانا تىلىمىزغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تىللىرى دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشىمىز لازىم. مانا شۇنداق قىلغاندىلا بىزلەر ئالدىمىزدا ئېغزىنى ئېچىپ تەييارلىنىپ ياتقان قىزىل ئەجدىھارنىڭ يۈتۈشىدىن ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. تىل-ئەدەبىياتىمىز قانچىلىك ئۆسۈپ تەرەققى تاپىدىكەن ، ئىلىم-مەرىپەتمۇ شۇنچىلىك راۋاجلىنىۋېرىدۇ."

"بىر مىللەت ئۆز ھاياتىي ھوقۇقلىرىنى كېرەكلىك شارائىتلار بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ مىللەتنىڭ ئالىي ھىممەتلىك ئوغلانلىرى پىدايىلارچە مال ۋە جېنىنى ئايىماي، بۇ يولدا ھەر قانچە قىيىنچىلىق پەيدا بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا قارشى كۆكرەك كېرىپ، چىداملىق بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدىكەن، ئەنە شۇ چاغدىلا ھەقىقەتنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتەلەيدۇ."

ئەلىخان تورە ساغۇنىي 1931-يىلى ئىلى ۋادىسىغا يېتىپ كېلىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى يېقىن دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ پاناھلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرگە ئىشتىراك قىلىش ھەتتا رەھبەرلىك قىلىش ھاياتى باشلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)