ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (10)

0:00 / 0:00
elixan-tore-150.jpg
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ 1966-1973-يىللىرىدا يېزىپ تاماملىغان، ئەمما پەقەت ئۇ ۋاپات بولۇپ، 27 يىلدىن كېيىن نەشىر قىلىنىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئەسىرى" تۈركىستان قايغۇسى" دا ئۆزىنىڭ 1931-يىلى ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندىن كېيىن باشلانغان مۇرەككەپ ھاياتى ھەققىدە مەخسۇس بايان قىلىدۇ.

ئەلىخان تۆرىنىڭ غۇلجا تەسىراتلىرى

ئەلىخان تۆرىنىڭ تەسۋىرلىرى ئاستىدا بىز 1931-يىلىدىكى غۇلجىنىڭ ئىجتىمائى-مەدەنىي ھاياتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولىمىز. سۈيدىڭدىن ئۆتۈپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئەلىخان تۆرە توقماق ئۇيغۇرلىرىدىن بولغان ئالماسبېك ھاجىنىڭ ئوغۇللىرىدىن تۇرداخۇنبېك ئىسىملىك كىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ.

ئۇيغۇر بايلىرىدىن ھېسابلانغان تۇرداخۇن بەگ ئەلىخان تۆرىنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋېلىپ، ئالىي ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا نامى چىققان بايلار، قازى-مۇفتى ئاخۇنلار شۇنىڭدەك جەمىيەتنىڭ باشقا كاتتا ئەربابلىرىنى مېھمانغا چاقىرىپ، ئەلىخان تۆرىنى تونۇشتۇرۇپ، زىياپەتلەر بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەلىخان تۆرە بۇ "يۇقىرى قاتلام" ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل مېھمىنى سۈپىتىدە قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، قىزغىن كۈتىۋېلىنىدۇ. ئەمما، بۇ قىزغىن كۈتىۋېلىشلار، باياشات زىياپەتلەر ئەلىخان تۆرىنىڭ يۈرەك ئازابلىرىنى يوقىتالمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ ھايات ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ھاياتى بولماستىن، ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار مىللىي خورلۇق، نادانلىق ۋە زۇلۇم ئىچىدە ياشىماقتا ئىدى. ئەلىخان تۆرە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆز كۈندىلىك ھاياتىدىكى راھەت-پاراغەت بىلەنلا بولۇپ كەتكەن مەزكۇر ئۇيغۇرلارغا ئېچىنىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

ئانا تىلىدىن ئايرىلدى دېمەك، ئىنسانلىق ھوقۇقىنى ساقلىيالماي، ھاياتلىق ئالىمىدە باشقىلارنىڭ ھېسابىغا ياشىغانلىقتىن مۇنقەرزلىككە ئۇچراپ، تارىخ يۈزىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلدى دېمەكتۇر. ئەمدى بۇنىڭ بىردىن- بىر چارىسى دىنىي ھېسلىرى يوقالغان بولسىمۇ، مىللىي ھېسلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك يوسۇندا ئانا تىل ئەدەبىياتلىرىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، ئىلمىي تىللار قاتارىغا يەتكۈزۈش لازىم.

"لېكىن، ئايلارچە، يىللارچە داۋاملاشقان مۇنداق زىياپەتلەردە كۆرگەن ھۆرمەتلەر ۋە سۈپەتلەشلەر كۆڭلۈمدىكى دەردلىك جاراھەتلىرىمگە شىپالىق بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا تۇز قۇيغاندەك سېزىلمەكتە ئىدى. چۈنكى، چوڭ-كىچىك باي سودىگەرلەر، مۇفتى-ئەلەم ئاخۇنلار باشلىق پۈتۈن خەلق غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان، جاھالەت پاتقىقىغا پۈتۈنلەي پاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي توزاق-قاپقانلارى ھەر قەدەمدە، ھالاكەت ئورىلىرى پەردىلەنگەن ھالدا ھەر يەرگە قېزىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىلىرى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، بۇ ھالاكەت ئورىلىرىنى پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، ئۆز جانلىرىنى قۇربان قىلىۋاتاتتى".

ئەلىخان تۆرىنىڭ يېزىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا يەنە تۇڭگان، قازاق، قىرغىز، قالماق، شىۋە ۋە سولون قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆزبېك، رۇس ۋە نوغاي(تاتار) قاچاقلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئىچىدە نوغايلار زامانىۋى چۈشەنچىلەرگە ئىگە خەلق بولغاندىن سىرت باشقا مۇسۇلمانلار ئىچىدە بىلىم ئىگىلىرى چەكلىك، خەلق ئومۇمىي يۈزلۈك نادانلىق پاتقىقىغا پاتقان ئىدى.

ئەلىخان تۆرە يەنە بۇ يەردىكى قاچاق ئۆزبېكلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " رۇسىيە تەرەپتىن كەلگەن كۆڭلى كور ئۆزبېك باي-سودىگەرلىرى ھېچ نەرسە كۆرمىگەندەك، ئۆزلىرىنى سودا ئىشلىرىغا پەرۋانىلارچە ئۇرماقتا ".

ئەلىخان تۆرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان ماللار ئىچىدە ھاراقنىڭ سودىسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا ھاراق ئىچىشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى ھارام نەرسىنىڭ سېتىلىشىنىڭمۇ ھارام قىلىنغانلىقىغا قارىماي، بىر قىسىم باي سودىگەرلەر ھالالدىن ھارامنى ئارتۇق كۆرۈپ، ھاراق سودىسىغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەلىخان تۆرە ئۆزبېك سودىگەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلارنىڭ بۇ سودىسىنى "ھالالدىن ھارامغا ئايلىنىپ كەتتى "دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

ئەلىخان تۆرە ئۆزى قەدەم باسقان بۇ تۇپراقنى شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتىغان

ئەلىخان تۆرە "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا يەنە ئۆزىنىڭ غۇلجا سەپىرىدە كۆرگەن ئۇ جايدىكى قازاق قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا قازاقلار ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئېغىرچىلىقتا ئۆتكەن ئىكەن.

ئۇ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ 1930-1931-يىللىرى پۈتۈن ئاشلىقلارنى ئامبارلارغا يىغىۋېلىشى بىلەن قازاقىستاندا ئاچارچىلىق پەيدا قىلغانلىقى، نەتىجىدە كۆپلىگەن قازاق، قىرغىز ۋە باشقىلارنىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاق-قىرغىزلار سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ قولىدىكى خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ قاتتىق ئازاب چەككەن خەلق بولۇشىغا قارىماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەقدىرىنى ئۇنتۇپ، رۇسلىشىشقا، ئۆز ئانا مەدەنىيىتى ۋە تىللىرىنى ئۇنتۇشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەلىخان تۆرە بۇنىڭدىن ئېچىنىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:

" ئانا تىلىدىن ئايرىلدى دېمەك، ئىنسانلىق ھوقۇقىنى ساقلىيالماي، ھاياتلىق ئالىمىدە باشقىلارنىڭ ھېسابىغا ياشىغانلىقتىن مۇنقەرزلىككە ئۇچراپ، تارىخ يۈزىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلدى دېمەكتۇر. ئەمدى بۇنىڭ بىردىن- بىر چارىسى دىنىي ھېسلىرى يوقالغان بولسىمۇ، مىللىي ھېسلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك يوسۇندا ئانا تىل ئەدەبىياتلىرىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، ئىلمىي تىللار قاتارىغا يەتكۈزۈش لازىم"

ئەلىخان تۆرە ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقنىڭ بۇ خىل مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان، نادان قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تارىخچىغا خاس ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلى ۋادىسى جۈملىدىن غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ قەدىمىي تارىخلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يۇرتنىڭ ئەزەلدىنلا تۈركىي خەلقلەرگە تەۋە زېمىنلىكى، بۇ جايدىكى تارانچىلار دەپ ئاتالغان خەلقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەشۇ قەدىمىي مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلىخان تۆرە " تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇر دىيارىنى شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان ئومۇمىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىمىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىنىڭ ئېغىر زۇلۇم ئىچىدە ئۆتمۈشتىكى شان-شەۋكىتىنى يوقىتىپ، نادانلىق ۋە جاھالەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقانلىقىغا چوڭقۇر ئېچىنىپ، قەلبى چەكسىز ئازابلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)