ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (11)

0:00 / 0:00

1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا يەنە 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق بايان قىلىدۇ.

ئىنقىلاب ئىلھاملىرى

turkistan-qayghusi.jpg
"تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ مۇقاۋىسى

1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى يۈز بەرگەندە ئەلىخان تۆرە غۇلجىدا بولۇپ، ئۇ خوجا نىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدىكى بۇ ئىنقىلاب ھەققىدە كۆپ ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خوجا نىياز ھاجىمنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ قومۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرگە ئائىت تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئىلى ۋىلايىتى دائىرىسىدىكى خەلق ئارىسىغىمۇ يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن تۇڭگان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىرلەشكەنلىكى بولۇپمۇ، ماجۇڭيىڭ بىلەن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى جايلاردا جىڭ شۇرېن قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم يەڭگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن ئىلھاملانغان بىر قىسىم غۇلجا تۇڭگانلىرى ھەم باشقا مۇسۇلمانلار خىتاي چىرىكلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ.

بۇ يەردە ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەمما، باشقا جايلاردىكى ۋەقەلەرنى پەقەت ئاڭلىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، 30-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى، خىتايلارنىڭ بۇ جايدىكى خەلقلەرگە نىسبەتەن ۋەھشىيانە زۇلۇم قىلىش، كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىدۇر. لېكىن، ئەلىخان تۆرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ، ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشمىغان خىتاي مىلىتارىستى جىڭ شۇرېننى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت پەرەس خىتايلارنى دەسسەتمەكچى بولىدۇ ھەمدە شېڭ شىسەينى يۆلەپ، ئۆلكىنىڭ ھوقۇقىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا، بولۇپمۇ تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كۆپ زىددىيەت ئوتى ياقىدۇ ھەمدە بىۋاستە قىزىل ئارمىيىسىنى كىرگۈزۈپ، خىتايلارغا ياردەملىشىپ، بۇ جايدىكى سوۋېتكە قارشى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرىدۇ.

ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، رۇس ئارمىيىسى ناھايىتى ۋەھشى بولۇپ، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنى قىرغىن قىلىدۇ. ھەتتا ئائىلە بويىچە قىرىپ تاشلاش ۋەقەلىرىنىمۇ سادىر قىلىدۇ. رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقى غۇلجا خەلقىغە ئېغىر بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرىگەن ئەلىخان تۆرە ئاخىرى يوشۇرۇنچە غۇلجىدىن ئايرىلىپ، مۇز داۋان ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىدۇ.

ئەلىخان تۆرىنىڭ ھۆكۈمىچە، پاجىئەنىڭ مەنبەسى ئىتتىپاقسىزلىقتۇر

ئەلىخان تۆرە 30-يىللاردا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا پارتلىغان قوزغىلاڭلار ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخىرىدا بۇ ئۆلكىدە يەنىلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قايتا ئورنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ئىكەنلىكى، خوجا نىياز ھاجىم بىلەن ما جۇڭيىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭمۇ بالايى –ئاپەتلەرگە ئاساس بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلىخان تۆرىنىڭ چۈشىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا سابىت داموللام قاتارلىقلار قەشقەردە مىللىي ھاكىمىيەت قۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئىتتىپاقسىزلىقنى تۈگىتەلمىدى. بىر-بىرىگە بېقىنمايدىغان بىر قانچە گۇرۇپپا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۆز ئارا زىددىيەتلىشىشى دۈشمەنگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمما، ئەلىخان تۆرە مۇسۇلمانچىلىق ئىدىيىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، "ماجۇڭيىڭنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئازاد قىلىش قۇربىغا ئىگە قەھرىمان" دەپ مەدھىيىلەپ، تۇڭگانلارن ئاقلاش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا خوجا نىياز ھاجىم ۋە ماھمۇد مۇھىتى قاتارلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى رەھبەرلەرنى پىتنە-پاساتلارغا ئىشىنىپ تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى بۇزغان دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئەلىخان تۆرە بۇ قوزغىلاڭلارغا بىۋاستە قاتناشمىغانلىقى، ئەنە شۇ رەھبىرى كىشىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمىغانلىقى ھەمدە سۆھبەتتە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر –تۇڭگان ئىش بىرلىكىنى لىللا مەيداندا تۇرۇپ، باھالاشتا چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئۇ پەقەت ئىسلامىيەتتىكى ئىتتىپاقلىق ۋە بەرگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىدىيىسىگە تايانغان. ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە، مەيلى خوجان نىياز ھاجىم، مەيلى ماجۇڭيىڭ بولسۇن ھەر ئىككىلىسىلا مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىشى كېرەك، دۈشمەنلەرنىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا، ئالدامچىلىقىغا ئىشەنمەسلىكى لازىم ئىدى.

ئەلىخان تۆرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدا زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەتتا كۈچىيىپ، بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ، نەتىجىدە بۇ ئىككى كۈچنىڭ ھەممىسىنىڭلا مەغلۇپ بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىشى سوۋېت ئىتتىپاق كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قوللانغان رەزىل ۋاسىتىسى ۋە ئويۇنىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ھىلە-نەيرەڭلەرنى سېزەلمەي، دۈشمەنگە ئالدانغان. (ئۈمىدۋار)