1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ 60-70-يىللاردا تاشكەنتتە يازغان "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ بىرىنچى تومىدا 30-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە كۆپ توختىلىدۇ شۇنىڭدەك بۇ كۈرەشنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ سىياسىي ئىشنىڭ ھۆددىسىن چىققۇدەك يېتۈك رەھبەر يوق ئىدى

1931-1933-يىللىرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھىمسىز تاشقى سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، قايتىدىن شېڭ شىسەيدەك جاللاتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان پاجىئەلىك قىسمەتلىرىدىن ئىنتايىن ئېچىنغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆزىنىڭ " تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق يەكۈنگە كەلگەن:
" ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتالغان قەشقەردىن تارتىپ، پۈتۈن ئالتە شەھەر-ئۇيغۇرىستان ئۆلكىسىدە بۇ كەبى ئۇلۇغ سىياسى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك يېتۈك بىر ئادەم يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىچارە مۇسۇلمانلار شۇنچىلىك ئېغىر بۆلگۈنچىلىكلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. چۈنكى، دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئەسۋابلار قوللىرىدا تەييار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتەلىكىدەك ئۇستىلار يوق بولغاچ، ئۇنىڭدىن پايدىنالمىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە قىزىل مەككارلار، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزارا ئىتتىپاقلىرى بىلەن قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى ھۆكۈمەتنى بىرەر دۆلەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا تونۇلۇپ قالمىسۇن دەپ، بۇنىڭ چارىلىرىنى قىلىشقا قاتتىق كىرىشكەن ئىدى. ئۇ كۈنلەردە قەشقەردە سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىمۇ ئىشلىمەكتە ئىدى. يەرلىك خەلقتىن تەشكىلىي رەۋىشتە ئىش ئېلىپ بارغۇچى سىياسىي كىشىلەرنىڭ يوقلىقىدىن ۋە ھەم جۇغراپىيىۋى ئورنىمىز مەدەنىيەت ئالىمىدىن بەك يىراقتا تۇرغانلىقتىن، بىز ئىككى تۈركىستان يەرلىك خەلقى ئەسىرلەر بويى كۆتۈرۈلگەن شۇ ئىنقىلابلاردىن يېتەرلىك رەۋىشتە پايدىلىنالماي قالدۇق. شۇنىڭغا كۆرە ، بىزلەرنىڭ تەقدىرىمىز ئۆز دۈشمەنلىرىمىز –قارا-قىزىل ئەجدىھارلارنىڭ پايدىسىغا مۇۋاپىق ھالدا بەلگىلەنمەكتە ئىدى".
ئەلىخان تۆرە خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن بۇ ئېغىر كۈنلەرگە ناھايىتى ئېچىنسىمۇ، لېكىن يەنىلا كېلەچەككە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز ھېسسىياتىنى مۇنداق شېئىر مىسرالىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىدۇ:
ئۈمىدسىز بولما ھەي ساغۇنىي، ئۈمىدنىڭ كۆرمىگى باردۇر، قاراڭغۇ كېچە تامامىدىن قۇياشنىڭ چىقمىقى باردۇر.
كۈچلۈك تەدبىركارلاردىن تەشكىللەنگەن بىر سىياسىي جەمىيەت كېرەك ئىدى
ئۈمىدسىز بولما ھەي ساغۇنىي، ئۈمىدنىڭ كۆرمىگى باردۇر،
قاراڭغۇ كېچە تامامىدىن قۇياشنىڭ چىقمىقى باردۇر.
ئەلىخان تۆرە ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ھەر قايسى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە باش-باشتاقلىقنى تۈگىتىپ، ئىنتىزاملىق ۋە مۇستەھكەم ھۆكۈمەت تەشكىلى قۇرغاندىلا ئازادلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
"بىردىن بىر يول، ئەگەر مەن ئويلىغاندەك، پۈتۈن خەلققە سۆزى ئۆتىدىغان ئابرويلۇق، داھىيلىق سۈپىتىگىمۇ ئىگە بولغان، زامانىسىنى چۈشەنگەن تەدبىركارلاردىن بىر كۈچلۈك سىياسى جەمىيەت قۇرۇلغان بولسا، كېيىن بۇ جەمىيەت ئارقىلىق قەشقەردىكى باشقا بىر كۈچلۈك دۆلەت ۋەكىلى بىلەن كېلىشىپ، تەرتىپلىك رەۋىشتە ئىش ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرىستان نامىدىن خەلقنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان ھەقىقىي ئىسلامىيەت ئاساسىدا ھۆكۈمەت قۇرۇلسا، ۋەتەن بالىلىرى ئۆزارا ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچلۈك بىر ھەربىي قوماندانلىق تەشكىل قىلىپ ۋە مۇمكىن قەدەر ئۇنى ياخشى قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئېھتىياتلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىلغاندىلا ئۆز ھۆكۈمىتىنى قولغا ئېلىشى مۇمكىن بولار ئىدى".
ئەممما ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇ ئارزۇسى 30-يىللار شارائىتىدا ئەمەلگە ئاشمىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سابىت داموللام، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ماھمۇت مۇھىتى ، مەقسۇت مۇھىتى ۋە خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق كۆپلىگەن خەلق رەھبەرلىرى مىللەتنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش يوللىرىنى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىزدەپ، ھەر خىل چارە –تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ شۇنداقلا رەقىپلىرى ھېسابلانغان خىتاي مىلىتارستلىرىنى يېڭىپ، ئۆلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئازاد قىلغان بولسىمۇ، بىراق تاشقى كۈچلەر جۈملىدىن بىرىنچى بولۇپ، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى خالىمىغانلىقى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا نىسبەتەن خەتەرلىك دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بەرىبىر ئۇنى قۇربان قىلىۋەتتى، ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي مىلىتارستلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرىنى زايە قىلىۋەتتى.
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي شۇنىڭدىن كېيىن، 1937-يىلىدىكى شېڭ شىسەينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ .شېڭ شىسەي كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىشنى باشلىغاندا شۇ قاتاردا ئەلىخان تۆرىنىمۇ تۇتماقچى بولىدۇ، بىر كۈنى كېچىدە بىر توپ ساقچىلار ئەلىخان تۆرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشىكنى قاقىدۇ، ئۇنىڭ ئوغلى ئاسىلخان ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، دادىسى ئەلىخان تۆرىنى قاچۇرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ئېلىخان تۆرە مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇشى بىلەن ئىككى ئاينى ئۆتكۈزىدۇ، پايلاقچىلار ھەر قانچە قىلىپمۇ، ئەلىخان تۆرىنى تاپالمايدۇ. ئەلىخان تۆرە ئاخىرى غۇلجىدا تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوقلىقىنى بىلىپ، يۇلتۇز ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ كېتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئاخىرى مىڭ بىر جاپالارنى چېكىپ، كۇچارغا يېتىپ كېلىدۇ. (ئۈمىدۋار)