ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (13)

0:00 / 0:00

ئەلىخان تۆرە 1937-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا مىڭ بىر جاپالارنى چېكىپ، تۈرلۈك خەتەرلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئامان –ئېسەن تەڭرى تاغلىرىدىن ئۆتۈپ كۇچارغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ سەپەر جەريانىدا يۇلتۇز دېگەن جايدىكى موڭغۇللارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.

كۇچارغا ئۆتۈش سەپىرى

سەۋەب قىل، سەۋەب قىلغۇچىنى ئۇنۇتما! ھەقىقەت شۇكى، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمە! ساغۇنىي ئاتاڭ قىلىدۇ نەسىھەت، چۈشەنگەنلەر بۇندىن ئالغاي ئىبرەت. دېمە: "ئۆزگەرمەس ئالەم-ئىش تامامدۇر"، نە بولغاي ئەتىكى كۈن ، ئۇنى كىم بىلۇر . ئۆزگەرتمەككە ھاياتىڭنى سەۋەب قىل، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسىنى قىل . چارىنىڭ بىرىنچىسى ئىلىم-مەرىپەتتۇر، جاھالەت بېشىغا توقماق ۋە تاياقتۇر. ئايرىدى بىزنى جاھالەت ۋەتەندىن، ۋەتەنلا ئەمەس، ھەم جانۇ-تەندىن بولغۇلۇق بولدى، كىملىكىڭنى ئۇنۇتما ھەرگىز، ئۇنۇتما ، ھەي ئوغۇل ئۆزبېكلىكىڭنى. يۈتۈلۈپ كەتمەي ساقلا سەن مىللىتىڭنى، قۇتقاز قۇللۇققا چۈشكەن بۇ ئېلىڭنى. ساقلىمىساڭ تىلىڭنى گەر ،يۈتەر سېنى دۈشمەن، تاشلار سېنى ئۇ ئاياقلىرىغا ھەم قۇل قىلار. يۈتمەككە تەييار سېنى بۇ ئەجدىھار، ھەي! ئاق-قارىنى ئايرىماس بالىلار. نە بولدى، ئۇيغۇرىستان، ئاچ كۆزۈڭنى، كۆزۈڭ ئاچ! ئۆزبېكىستان، كۆر ئۆزۈڭنى. نە ئەردىڭ، ئەمدى نە بولدۇڭ، قاراپ باق ، قاچان بىر يەردە بولغان جۈپ بىلەن تاق. پەرىشتىگە يېقىن بولغاي مۇسۇلمان، ئەگەر دىن بولسا، بۇ ھۆكۈمى قۇرئان . بىل ۋە ساقلا دىنىڭنى ھەي مۇسۇلمان، بۇندىن جۇدا بولغانغا مىڭ پۇشايمان. ساغۇنىي ئاتا قىلدى بۇنداق نەسىھەت ئەجەپ ئەمەس، كىشىلەر ئالسا ئىبرەت.

ئەينى ۋاقىتتا يۇلتۇز يايلىقى ئىلى ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كارۋان ئۆتكەللىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ جايغا ئورۇنلاشقان موڭغۇل چارۋىچىلىرى ئىككى تەرەپتىن ئۆتىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش، ئۇلارغا يول باشلاش ۋە مال-چارۋا تېپىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەلىخان تۆرىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" دا يېزىشىچە، بۇ موڭغۇللارنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرى، گۆشتىن باشقا ئوزۇق-تۈلۈكلىرى ئىلى ۋە تارىم ۋادىسىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئارقىلىق تەمىنلەنگەن بولغاچقا، ئۇلار يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەم ئۇلارنى ساق-سالامەت داۋانلاردىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا كاپالەتلىك قىلاتتى. غۇلجىدىكى شېڭ شىسەي ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن قورۇپ قېچىپ چىققان ئەلىخان تۆرە ئۆزى تەنھا ھالدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدىكى يايلاق ۋە داۋانلاردا جەنۇبقا ئۆتىدىغان يول ئىزدەپ، كۆپ ئازاپ چەكسىمۇ، بىراق ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتماي، دائىم ئاللاھنى ياد ئېتىپ، ئاللاھتىن نىجاتلىق تىلەيدۇ شۇنىڭدەك ئاخىرىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرىگە يولۇقۇپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشى ۋە ياردەم بېرىشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.

ياقۇپ بەگنىڭ چېگرا قورغىنىدىكى ئويلار

ئەلىخان تۆرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىگىگە ئۆتكەندە كۇچارغا يېقىن جايدىكى سەكسەن كېچىك ۋە قىرغىز ئاشوۋ دېگەن جايلارغا يېتىپ كېلىپ، دەم ئالىدۇ. بۇ جايدا ئەينى ۋاقىتتا يەتتە شەھەر دۆلىتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن قەشقەرىيىنى 14 يىل مۇستەقىل ئىدارە قىلغان ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنىڭ چېگرا قورغانلىرىنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ قالغان ئىدى. مەزكۇر ئىككى –ئۈچ يۈز كىشىگە جاي بولغىدەك چوڭ قورغان خارابىسى ئەينى ۋاقىتتا يولۇچىلارنىڭ چۈشىدىغان ئۆتۈڭىگە ئايلانغان ئىكەن.

ئۇنىڭ يېزىشىچە، قورغاننىڭ پەشتاقلىرى، تاملىرى ۋە باشقا قالدۇقلىرىدىن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھە خېلى يۇقىرى بىناكارلىق ماھارىتى بىلەن ياسالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

ئەلىخان تۆرە ياقۇپ بەگنىڭ قازانغان جەڭ نەتىجىلىرى ۋە شان-شەۋكىتىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىش بىلەن قورغان تۇپراقلىرىنى كۆزىگە سۈرتۈپ ، ۋەتەن يولىدا ئۆز جانلىرىدىن ئايرىلغان ئەزىمەتلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادە قىلىپ، دۇئا قىلىدۇ.

ئەلىخان تۆرە ئەينى ۋاقىتتا 14 يىل ۋەتەن ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، دۈشمەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ياقۇپ بەگ باھا بېرىپ، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئېچىنىپ مۇنداق دەيدۇ:

" ئۆز ۋاقتىدىكى ئەھۋاللارغا قاراپ، مەرھۇمنى( ياقۇپ بەگنى) بىر تەرەپتىن تەقدىرلىگەن بولسام، ئىككىنچى تەرەپتىن تەنقىدىي قاراشلىرىمدىن ئۆزۈمنى ساقلىيالمىدىم. چۈنكى، ئۆز زامانىسىدا پۈتۈن شارائىتلار قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ ئىككى نۆۋەت لوندونغا، ئىككى نۆۋەت تۈركىيە سۇلتانى ئابدۇلەزىزگە ئەلچىلەر ئەۋەتتى. لوندون ئەلچىلىرى بىرىنچى بېرىشتە 12 مىڭ، ئىككىنچى بېرىشتە 24 مىڭ پەرەڭ مىلتىقى ئېلىپ قايتتى. بۇلار ئۆز زامانىسىدىكى زامانىۋى قوراللارنىڭ ئالدى ھېسابلانغانلىقتىن، پەقەت خىتاي قوراللىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەشۇ زاماندا بىزنى بېسىۋالغان رۇس قوراللىرىدىنمۇ ياخشىراق ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن قولايلىق بولۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن رۇسىيە دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلىكى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئۆسمەكتە ئىدى. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش قولاي پۇرسەتلەر ئۆتۈپ، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان كۈچلۈك ياردەمچىلەر ئۇنىڭ قولىدا تۇرۇپ، بۇلاردىن پايدىلىنىش يوللىرىنى تاپالمىدى"

ئەلىخان تۆرە ئاخىرىدا ياقۇپ بەگكە بولغان ئېچىنىشىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ. " دېمەك 14 يىللىق دۆلەت باشلىقى، ئەگەر چىن ئىرادىلىك بىر سىياسىي قوماندان بولسا، قولىدا قانۇن-نىزاملىرى، قوراللانغان 40 مىڭغا يېقىن ئىسلام ئەسكىرى تۇرسا، ئۆز دۆلىتىنى كافىر دۈشمەنگە قانداق تاپشۇرۇپ بەرسۇن-ھە؟"

ئازابلىق مۇساپىدىن تۇغۇلغان ۋەسىيەت

ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئەينى ۋاقىتتا شۇنچە قۇدرەت تېپىپ، دۈشمەنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ ئەنە شۇنداق خاتاسى تۈپەيلىدىن قايتىدىن دۈشمەن تەرىپىدىن ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، ۋەتەننىڭ قايتىدىن مۇستەملىكىلىككە، خەلقنىڭ قايتىدىن قۇل قىلىنىش تەقدىرىگە دۇچار بولغانلىقىغا ئېچىنسىمۇ، ئەمما ئازادلىق يولىدىن قەتىي ئۈمىد ئۈزمەسلىكنى تەكىتلەپ، ۋەسىيەت تەرىقىسىدە بېيىتلىرى بىلەن بايان قىلىدۇ.