ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (14)

0:00 / 0:00
elixan-tore-150.jpg
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي

سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرىنى كۇچاردا قولغا ئېلىنىپ، ئاقسۇ تۈرمىسىگە يۆتكىلىشى جەريانى بىلەن تۈگىتىدۇ.

ئەلىخان تۆرە ئوخشاشلا شېڭ شىسەينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئىدى

ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي 1937-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا كۇچاردا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل كۇچار تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىدۇ ھەمدە قاتتىق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىدۇ. ئەلىخان تۆرە ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ كۇچارغا كېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تېۋىپ ئىكەنلىكىنى، خوتەنگە ھىندىستاننىڭ دورىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق، شېڭ شىسەينىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قوللىرىدا ئەلىخان تورىنىڭ ماتېرىياللىرى تولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇنى ئاقسۇدىكى باش ساقچى ئورگىنىغا ئەۋەتىدۇ.

ئەلىخان تۆرە كىتابىدا بايان قىلىشىچە، ئۇنى ئىككى ئۇيغۇر ۋە بىر قىرغىز ساقچى باشلىقى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ بارىدۇ، يول ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ مېڭىلغان تۇراخۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئەلىخان تورىگە قېچىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ، تەۋەككۈل قىلىشقا قوشۇلمايدۇ. ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ ئاقسۇ تۈرمىسىگە قامالغان ۋاقتىنىڭ 1938-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 1937-يىلىدىن باشلاپ، 1938-1939-يىللىرى شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا خەلق ئۈستىدىن ئەڭ دەھشەتلىك تەررور ئېلىپ بارغان ۋاقىتلىرى بولۇپ، بۇ چاغدا جەمىيەتنىڭ ھەممە تەبىقىسىدىكى، ھەر خىل ئىدىيىدىكى ئادەملەر تۈركۈملەپ قولغا ئېلىنغان.

ئەلىخان تورىنىڭ يېزىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ تۈرمىسىدە ياتقانلارنىڭ ئىچىدە، قازى، مۇفتى-ئەلەم ئاخۇنلاردىن باشلاپ، ئىمام ئاخۇن، مەزىن ئاخۇن قاتارلىق دىنىي ساھەنىڭ ئادەملىرى ھەمدە ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىشلىگەن شاڭيو، بەگ، يۇرت ئاقساقىلى قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. ئەلىخان تۆرە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق قارا -قوساق ئادەملەر ئىدى دەپ تەرىپلەيدۇ.

ئەلىخان تۆرە ئاقسۇ تۈرمىسىگە قامالغان ۋاقىتتا شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە قولغا ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ قىرغىنچىلىقتا خوجا نىياز ھاجىم، سابىت داموللا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلتۈرۈلدى. ھەتتا شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارمۇ ساق قالمىدى. شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ئەينى ۋاقىتتا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ ساننىڭ بۇ مەلۇماتتىن خېلىلا كۆپ بولۇشى مۆلچەرلىنىدۇ.

"تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ 2-كىتابى نەشىرگە تەييارلانماقتا

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تورىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرى ئاقسۇ تۈرمىسىدىكى ئىشلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما ، كىتابنىڭ ئاخىرقى سۆز قىسىمدا كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان ئەلىخان تورىنىڭ نەۋرىسى ئۇۋايىسخان ئەلىخان تورىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ كىتابنى شۇ يەردە توختاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەلىخان تورىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاقسۇ تۈرمىسىدىن قانداق چىققانلىقى ۋە قانداق قىلىپ، غۇلجىغا كەتكەنلىكى شۇنىڭدەك مىللىي ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشى ۋە جەريانى ھەققىدىكى بەزى بىۋاستە ئۆزى بىلىدىغان ئىشلارنى ئوغلى ئاسىلخان تورىگە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئەمما، ئۇنى تېخى رەسمى كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەي، 1976-يىلى، 29-فېۋرال كۈنى ۋاپات بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئەلىخان تۆرە پەرزەنتلىرىگە ئاخىرقى ۋەسىيەت تەرىقىسىدە " تۈركىستان قايغۇسى" نى رەسمى كىتاب قىلىپ چىقىرىپ، ۋەتەن بالىلىرىغا يەتكۈزۈشنى پەرزەنتلىرىدىن تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، قىرغىزچە تىللاردا نەشىر قىلىنىپ، تۈركىستان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىڭ قالدۇرغان ۋەسىيەتلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ.

تۈركىستان قايغۇسى ناملىق بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى يەنى ئەلىخان تۆرىنىڭ نەۋرىسى ئۇۋايىسخان ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۇلار ھازىر ئەلىخان تۆرىنىڭ 1946-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پائالىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان " تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ 2-كىتابىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ. (تۈگىدى) ( ئۈمىدۋار)