تۈركىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى يېزىلغان "ئەراتنالىقلار" دىن پارچىلار(3)
2005.10.21

14 – ئەسىر ئاناتولىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى نامايان قىلىنغان "ئەراتنالىقلار" ناملىق كىتاب تۈركىيە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تىل ۋە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
بۇ كىتابنى ئىسپارتا سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور كامال گۆدە ئەپەندى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 1327- يىلىدىن 1381- يىلىغىچە ئاناتولىيىدە ھۈكۈم سۈرگەن ئالاھىدىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان.
"ئەراتنالىقلار" ناملىق بۇ كىتاب، 4 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئىچىدە ئالاھىدىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە سېلىنغان مەسچىت، قەۋرە ۋە شۇ مەزگىلدە ئىشلىتىلگەن پۇللارنىڭ رەسىملىرگىمۇ يەر بېرىلگەن. كىتاب جەمى 203 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خەرىتىسى بېرىلگەن.
ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىر تۈركىيىنىڭ ئاماسىيە ۋىلايىتىنىڭ ئۇيگۇر ناھىيىسىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يېقىندىلا 8-نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
بۇ پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم "ئەراتنالىقلار" ناملىق كىتابنىڭ "سۇلتان ئالاھىدىن ئەراتناغا تەۋە بولغان شەھەرلەر" ماۋزۇلۇق پاراگرافنى نونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.
تۈركىيە ئۇيغۇرلىرى
- تۈركىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە دوكتور كامال گۆدەنى زىيارەت(2)
- تۈركىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە دوكتور كامال گۆدەنى زىيارەت(1)
- تۈركىيىدە ئالاھىدىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلىندى
- تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشارمۇ؟
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى سەنئەت بايرىمى داۋام قىلماقتا
- تۈركىيىدىكى 700 يىللىق ئۇيغۇر يېزىسى