قازاقىستاندا "ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئىتى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىمى، غوجا ئەخمەت سادۋاقاسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى رىسالەت كەرىموۋانىڭ "ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئىتى" ناملىق ئىلمىي تەتقىقات كىتابى يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە "Day Press" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزۇن مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە قەدىمىي خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان مەسىلە. ئانداقتا كۆپ ئەسىرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئەھۋالى، نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى ۋە تارىخى كېلىپ چىقىشى قانداق دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي.

ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدىغان نەققاشلىق، ئويمىچىلىق، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەر ئوخشاشلا ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ياخشى ساقلىنىپلا قالماستىن بەلكى تەرەققى قىلىپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بىباھا مىراسىغا ئايلانغان.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىمى، قازاقىستاننىڭ سۇلايمانوپ نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىغىدىكى غوجا ئەخمەت سادۋاقاسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى رىسالەت كەرىموۋا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەخسۇس تۈردە ئەنە شۇن ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ ساھەدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى ھەمدە يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە "Day Press" نەشرىياتى تەرىپىدىن "ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئىتى" ناملىق ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنى نەشىر قىلدۇردى.

بۇ ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت تەتقىقاتىدىكى تۇنجى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئەسەر

غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، دىلنۇر قاسىموۋانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇزۇن يىللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنلىرى ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان شۇنىڭدەك يەنە سانكىتپېتېربۇرگ، موسكۋا ۋە تاشكەنت ھەم قازاقىستان دۆلەتلىك مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆرۈپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات يۈرگۈزگەن. ئۇ يەنە، ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ھۈنەر-سەنئىتىگە قول ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىققان.؛

رىسالەت كەرىموۋانىڭ بۇ كىتابىنىڭ دەسلەپكى قىسىملىرىدا ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى يەنى نەققاشلىق ئويمىچىلىق، قۇيمىچىلىق، تىككۈچىلىك، زەرگەرلىك، گۈل تىكىش، تۆمۈرچىلىك ۋە ھەر خىل مېتاللاردىن زىبۇ-زىننەت ياساش ھەم ھەر خىل مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ياساش ھەم باشقىلار ھەققىدە تەپسىلى تەتقىقات يۈرگۈزگەن ھەم ئۇلارنىڭ ئۈلگۈلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

كىتابتا سېلىشتۇرما تەتقىقاتلار يۈرگۈزۈلگەن

ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى ، تارىخشۇناس ئابلەھەت كامالوپ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كىتابنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، رىسالەت خانىم ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرىگە تارىخىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى قەدىمىي مىراسلار ۋە يادىكارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان.

ئۇ يەنە مەخسۇس تۈردە ئۇيغۇر مەنىۋى ۋە ماددى مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە قىسقىچە ئومۇملاشتۇرۇپ بايان بېرىش بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنى بۇ جەھەتتە تارىخىي مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىدۇ.

ئاپتور مەسىلىلەرگە كۆپ تەرەپتىن دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ھۈنەر –سەنىتىنىڭ يەككە- يىگانە ھالدا پەيدا بولۇشى ياكى تەرەققى قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خۇددى باشقا ھەر قانداق خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۆزى بىلەن ئالاقىدە بولغان مىللەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزارا تەسىر كۆرسىتىش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ، ئۇنىڭ ئۈستىدە شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت غەرب بىلەن شەرقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىغا جايلىشىپ، مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىش رولىنى ئۆتۈگەن مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ ھۈنەر-سەنئەت قول ئۈلگىلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ئەتراپقا تارقاتقان.

دوكتور رىسالەت كەرىموۋا كىتابنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ گۈزەل-سەنئەت قول- ھۈنەرۋەنچىلىكلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى بىلەن يالغۇز تىل ۋە ئېتنىك مەنبە ۋە تارىخىي جەھەتتىنلا ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى ، گۈزەل-سەنئەت قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەنئەنىسى جەھەتتىنمۇ ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ خۇلاسىلىرى بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلار خىتاي مىللىتى بىلەن ھېچقانداق مەدەنىيەت ئورتاقچىلىچىقىغا ئىگە بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتاي مۇتەخخەسىسلىرى دەۋاتقاندەك جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسىمى بولماستىن بەلكى تۈركىي –ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسىمىدۇر. (ئۈمىدۋار)