0:00 / 0:00
ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇشلۇق شائىر نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم يازغان ۋە رەتلىگەن "شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يەمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى" ناملىق كىتاپ تۈركىيىدە نەشىردىن چىقتى. كىتاپ 264 بەتتىن ۋە نۇرغۇن رەڭلىك سۇرەتلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ كىتابقا 400 گە يېقىن ئۇيغۇر تائاملىرى كىرگۈزۈلگەن.
بۇ كىتاپ ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم كىتابنىڭ ئاپتورى نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.