ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى


2005.09.22
uygur-xelq-dastanliri.jpg
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

تۈركىيە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ تەتقىقات ئورگىنى يېقىندا ئىگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تەرىپىدىن تەييارلانغان "ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى" ناملىق ئۈچ توملۇق كىتابنىڭ بىرىنچى تومىنى نەشر قىلغان بولۇپ، ئىككىنچى تومىمۇ يېقىندا كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

كىتاب تۈرك دۇنياسى داستانلىرىنى توپلاش ۋە نەشىر قىلىش پىلانى بويىچە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ پىلان تۈركىيىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمىرەل تەرىپىدىن تەستىقلانغان ۋە 1997-يىلىدىن ئېتىبارەن تۈركىيىنىڭ مۇھىم ئىش پىلانلىرى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇ پىلانغا ئاساسەن دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ داستانلىرى توپلىنىپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىدىغان بولۇپ، پىلان تاماملانغاندا پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ داستانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 140 تومدىن تەركىپ تاپقان بىر قامۇس ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن.

بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈرك دۇنياسى داستانلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە نەشىر قىلىش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى پروفېسسور دوكتور فىكرەت تۈركمەن ۋە ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ناملىق كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.