"قەدىمقى تۈركلەردىكى باج ئاتالغۇلىرى" ناملىق كىتاب مۇكاپاتلاندى

0:00 / 0:00
Dr--Melek-Ozyetkin.gif
دوكتور مەلەك ئۆزيەتكىن خانىم مۇكاپات مۇراسىمىدا

تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور مەلەك ئۆزيەتكىن خانىمنىڭ "قەدىمقى تۈركلەردىكى باج ئاتالغۇلىرى" ناملىق كىتابى "ئوسمان تۇران" تارىخ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

تۈركىيىدىكى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان "تۈرك ئوچاقلىرى" تەرىپىدىن بېرىلىدىغان بۇ مۇكاپات تۈركىيىدىكى داڭلىق تارىخچى ئوسمان تۇراننىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ مۇكاپاتنىڭ باھالاش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور مەلەك ئۆزيەتكىن خانىمنى زىيارەت قىلدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.