
ئاياز تاھىر تۈركىستان ئىدىل- ئۇرال ۋەخپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ياش تۈركىستان ژورنىلىدىن تاللانغان ماقالىلەر ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقتى. ۋەخپ باشلىقى تۈلاي دۇران خانىم ۋە سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور، دوكتور ئەخەت ئەندىجاننىڭ تەھرىرلىشى بىلەن نەشىرگە تەييارلانغان بۇ كىتابقا 1929-يىلى بېرلىندا نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان ياش تۈركىستان ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان 119 ماقالىگە يەر بېرىلگەن.
كىتابتىكى ماقالىلەر، تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسى ماقالىلەر، تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلەر، مائارىپ - مەدەنىيەت، تىل- ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر، خەلقئارا سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسى ماقالىلەر، تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر، شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر، باسمىچىلىق ھەرىكىتى ۋە تاللانغان ماقالىلەر قاتارلىق ماۋزۇلارغا توپلانغان. كىتابقا تەڭرىبەردى يازغان شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدىكى باش ماقالە. مۇستافا چوقايئوغلۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە، ياش تۈركىستان ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىندى، ھەبىبۇل راخمان ئەل باگىرى يازغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قەبىنىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەلچىسىنىڭ خېتى قاتارلىق 10 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ باش تەھرىرى تۈلاي دۇران خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"ۋەخپىمىز تۇنجى بولۇپ 1997-يىلىدا ياش تۈركىستان ژورنىلىنىڭ ئورىگىنالىنى نەشىر قىلدى. 2005-يىلى يېڭى تۈركىستان ژورنىلىدىن تاللانغان ماقالىلارنى نەشىر قىلدۇق. يېقىندا بولسا ياش تۈركىستان ژورنىلىدىن تاللانغان ماقالىلارنى نەشىر قىلدۇق. بۇلارنى نەشىر قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز ئىدىل-ئۇرال تۈركىستان ھەققىدىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە ياردەم قىلىش، يېڭى نەسىللەرگە تۈركىستاننى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. 1927-1931 يىلىغىچە ئىستانبۇلدا ئوسمان كوجائوغلۇ ۋە زېكىۋېلىدى توغان تەرىپىدىن چىقىرىلغان يېڭى تۈركىستان ژورنىلى بىلەن 1929-يىلى بېرلىندە مۇستافا چوقاي ۋە تاھىر چاغاتاي تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىشقا باشلانغان ياش تۈركىستان ژورنىلىغا قارايدىغان بولساق، ئىككىلىسىنىڭ مەقسىتىنىڭ بۈيۈك، مۇستەقىل تۈركىستان قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇلارنىڭ بۇ ژورنالنى چىقىرىشتىكى مەقسىتى، رۇسلار بىلەن خىتايلارنىڭ تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان رۇسلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە بۇ سىياسەتكە قارشى ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ئىدى. بىزنىڭ بۈگۈنكى مەقسىتىمىز بولسا تارىختا رۇسلار بىلەن خىتايلارنىڭ تۈركىستان خەلقىگە قىلغانلىرىنى ئۇنۇتتۇرماسلىقتىن ئىبارەت".
ئۇ بۇ كىتابنى سېتىۋالماقچى بولغانلارنىڭ تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى: بىز بۇ كىتابنى ئۆزىمىزنىڭ ئىنتېرنېت ئادرېسى ئارقىلىق سېتىۋاتىمىز. ئىنتېرنېت ئادرېسىمىز idiltürkistan@yahoo.com بۇ يەرگە خەت يېزىپ بىزگە ئادرېسىنى بىلدۈرۈپ، بانكا ھېساب نومۇرىمىزغا 20 يېڭى تۈرك لىراسى يەنى 15 دوللار ئەۋەتسىلا بولىدۇ. بىز كىتابنى ئادرېسىگە ئەۋەتىپ بېرىمىز.
بىز يەنە كىتابنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىگە مەسئۇل تەھرىرى، كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تىمۇر كوجائوغلۇ بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.