مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق رومانىنىڭ 3-كىتابىنىڭ 2-قىسىمىدا 1934-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىچى بولۇشى ئارقىسىدا خوجا نىياز ھاجىم بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بىنائەن خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىنىڭ 6-دۋىزىيىگە ئۆزگەرتىلىپ، ماخمۇت مۇھىتىنىڭ بۇ قوشۇننىڭ شۇنىڭدەك قەشقەر گارنىزونىڭ قوماندانى سالاھىتى بىلەن قەشقەرگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىنكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ھەم كۈرەشلەر ھەققىدە يازىدۇ.
ماخمۇت مۇھىتى قەشقەردە
زىيا سەمىدى ئەسىرىنىڭ بۇ بابلىرىدا ئاساسلىقى ماخمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىكى مەدەنىي –مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ مىللىي تۇيغۇسى ۋە روھىنى كۆتۈرۈش شۇنىڭدەك خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ليۇ بىن قاتارلىق شېڭ شىسەي ئەۋەتكەن خىتاي ھەربىي-سىياسىي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرى، ئۇنىڭ خىتاي ھەربىلىرى ئالدىدا ئۆز غورۇرىنى ساقلاپ، ئۇلارغا تىز پۈكمەستىن، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، چىرىك خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتمەستىن بەلكى، خەلق تەرىپىدە تۇرۇش بىلەن شېڭ شىسەينىڭ تۈرلۈك ھىلە –نەيرەڭلىرىنى مەغلۇپ قىلغانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەقەلەرنى تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئوبرازلىق ۋە قىزىقارلىق قىلىپ يورۇتىدۇ.
ماخمۇت مۇھىتىنىڭ ئەتراپىدىكى سادىق كىشىلەر مەسىلەن ؛ خاس مەسلىھەتچى ئابدۇللا نايىبى، ماخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى ۋە سەپدىشى مۇھسۇل مۇھىتى، نەشىرىياتچى قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەر مىنۇت ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، شېڭ شىسەي، ليۇ بىن قاتارلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە ئابدۇغوپپۇر شاپتۇل داموللا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ شېڭ شىسەي تەرەپتە تۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقى شەرھلىنىدۇ.
زىيا سەمىدى ماخمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەر خەلقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، خەلق بىلەن بىرلىكتە نامازغا بېرىشى ھەمدە ھەر جۈمە نامىزىدىكى سۆز –نۇتۇقلىرى ھەققىدە يازىدۇ. بىر قېتىملىق جۈمە نامىزىدا ماخمۇت مۇھىتى خەلققە مۇنداق دەپ خىتاپ قىلىدۇ؛
" قەدىرلىك ۋەتەنداشلارىم، بىزلەر ئۆز ئازادلىقىمىز، ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن قولىمىزغا قورال ئېلىپ، جەڭ قىلدۇق. مىڭلىغان پەرزەنتلىرىمىزنى قۇربان قىلدۇق. ئەنە شۇ مەسۇم قانلار بەدىلىگە بۈگۈنكى كۈندە ئېرىشتۇق. بىزلەر گەرچە ئالىي نىشانىمىز مۇستەقىللىققە ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت تۈپەيلى ئېرىشەلمىسەكمۇ، مەمۇرى ئىسلاھات، مەتبۇئات ۋە مىللىي مەدەنىي-مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدۇق"
ماخمۇت مۇھىتى ئېيتقانلىرىم قانداق تەسىر قىلدىكىن دېگەندەك ئەتراپىغا كۆز تاشلىۋېدى،مەيدان جىم-جىت، توپلانغانلارنىڭ دىققەت نەزىرى ئۆزىگە قارىتىلغان ئىدى.ئۇ، سۆزىنى داۋام قىلدى؛
ئاز ۋاقىت ئىچىدە خېلى كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. خەلقىمىز خاتىرجەملەندى. خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلىپ، ئادەمنى خوشال قىلىدىغان مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىمىزغا مەزمۇت يول ئېچىلدى. قېرىنداشلار بىزلەر بارلىق كۈچىمىز بىلەن نادانلىق-جاھىللىققا ، قالاقلىق-قاششاقلىققا قارشى تۇرۇپ، خەلقىمىزنى گاداي-نامراتچىلىقتىن، خۇراپات مەھكۇملۇقتىن ئازاد قىلىشىمىز كېرەك."
ماخمۇت مۇھىتىنىڭ گۇمانلىرى ئاستىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى
زىيا سەمىدى 30-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۈلىدىن قەشقەرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىنى ئەتراپلىق تەسۋىرلەيدۇ. بولۇپمۇ، كۆپ ۋەدىلەرنى بېرىش بەدىلىگە قوزغىلاڭچىلارنى شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى، ئۇنىڭ بەرگەن ۋەدىلەرگە ۋاپا قىلىش-قىلماسلىقىغا بولغان گۇمانلارنى زامان ۋە ماخمۇت مۇھىتىنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق مەيدانغا چىقىرىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە زىيا سەمىدى ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن مەسىلە بولۇپ، ئاپتور كىتابىنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يازغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەيىبلەش خاراكتېرىدىكى مۇنداق نۇقتىلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈش تولىمۇ قىيىن ئىدى. لېكىن، ئۇ بۇ نۇقتىنى يەنىلا ئۆز ئەسىرىدە ئىپادە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى يەنى ياش ئىلغار مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى زاماننى ئۆز ئۆيىدە قوبۇل قىلغان ماخمۇت مۇھىتى ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ تۈپ نېگىزلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت قۇرىدۇ. ماخمۇت مۇھىتىنىڭ نەزىرىدە خەلقنىڭ غەلبە قىلىش-قىلماسلىقىنى تەمىن ئېتىدىغان مۇھىم نۇقتا ئىلىم- مەرىپەتتۇر. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شېڭ شىسەينىڭ ۋەدىسىگە بولغان گۇمانىنى ئىپادە قىلىپ زامانغا مۇنداق دەيدۇ:
ماخمۇت مۇھىتى- شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئىشىغا سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى ۋاستىچىلىق قىلغان
زامان – بىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىقراق يول تېپىلمىغانمىدى؟
ماخمۇت مۇھىتى- دەل شۇ شارائىتتا يوق ئىدى. بىز سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا كامىل ئىشەڭەن ئىدۇق
زامان - ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم تۈزۈشىگە ۋاسىتىچىلىك قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى "بېتىم" شەرتلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى خالىسانە نازارەت قىلىپ تۇرارمۇ؟
ماخمۇت مۇھىتى- ئىلاھىم شۇنداق بولغاي، ۋەلېكىن شېڭ شىسەي پۇرسەت تاپقاندا ئاسىيلىق قىلارمىكىن دەپ ۋەھىم قىلىمەن،
زامان - مېنىڭچە بولغاندا، ھازىر كۈرەش باشقا ئۇسۇلدا داۋام قىلماقتا، شۇنىڭغا كۆرە ھېلىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئىچكى-تاشقى شارائىتىغا ماسلاشقان ھالدا خەلق كۈن تەرتىبىدىن قالماسلىقى كېرەك.
ماخمۇت مۇھىتى- ئالىي ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئەمدىلىكتە سىز ياشلارنىڭ قەرزى ۋە پەرزى بولۇشقا تېگىشلىك
زىيا سەمىدى يەنە ئۇيغۇر زىيالىسى زامان بىلەن خىتاي ۋەكىلى ليۇ يۈلىڭنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق 1921-يىلى ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ موسكۋاغا قەشقەرىيە-جۇنغارىيە مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇش ھەققىدە ياردەم سوراپ ئىلتىماس سۇنغانلىقى لېكىن، لېنىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىغا يول قويماي، ئۇلارنى خىتاي مىللىتارستلىرىنىڭ قولىدا قالدۇرۇش سىياسىتىنى بېكىتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ،ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ پاجىئەگە يولۇقۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى يورۇتىدۇ.(ئۈمىدۋار)
