زىيا سەمىدى-يىللار سىرى (5)

ziya-semidi.jpg

ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق تارىخى رومانىنىڭ 4-كىتابى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتور بۇ كىتابىنىڭ 1-قىسىمىدا 1934-يىلى قەشقەردە باشلانغان ماخمۇت مۇھىتى رەھبەرلىكى ۋە ھىمايىسى ئاستىدىكى مەدەنىي ئاقارتىش ھەم مىللىي روھنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ يۈكسەك سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئىلى ۋادىسىدىمۇ ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەدەنىي ئاقارتىش ۋە مىللىي سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاتلانغانلىقى ھەققىدە يازىدۇ.

ماخمۇت مۇھىتى- مەرىپەتپەرۋەرلىكنىڭ ھىمايىچىسى

خوجا نىياز ھاجىم، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، سابىت داموللام، ماخمۇت مۇھىتى قاتارلىق نەچچە ئونلىغان مىللىي رەھبەرلەر باشچىلىقىدا قوزغالغان پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىكى قوزغىلاڭلار جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي مىللىتارىستى شېڭ شىسەينىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا ئاخىرلىشىپ، ئاتالمىش "يېڭى ھۆكۈمەت"بەرپا بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلغارلىق نىقابىغا ئورىنىۋالغان شېڭ شىسەي مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىي ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش شوئارلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ شوئاردىن پايدىلانغان مەمەت ئېلى تەۋپىق ،تۇرسۇن ئەپەندى قاتارلىق مىللەتپەرۋەر زىيالىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە مەكتەپ ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنىڭ ناھىيىلىرىدىمۇ يېڭىچە مەكتەپلەر كۆپلەپ بارلىققا كېلىدۇ .قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، مەمەت ئېلى تەۋپىق، تۇرسۇن ئەپەندى قاتارلىق نەچچە ئونلىغان مەرىپەتپەرۋەر زىيالىلار يۇقىرى ھەربىي ھوقۇققا ئىگە ماخمۇت مۇھىتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى يىمىرىپ تاشلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىۋى مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق رومانىدا بايان قىلىشىچە؛ بۇ ئەھۋال ئىلى ۋادىسىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، غۇلجىدىكى ئىلغار زىيالىلار مەسىلەن مەرۇپ سەيىدى، تېيىپ ھاجى سابىت، قاسىمجان قەمبىرى، رەھىمجان سابىر ھاجى ۋە باشقىلارمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، "ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى"نى قۇرۇپ چىقىدۇ؛

ماخمۇت مۇھىتى-مىللىي باشلىقلارنىڭ ئۈلگىسى

ئاپتور ئەسىرىدە رەھىمجان سابىر ھاجى، تېيىپ ھاجى، قاسىمجان قەمبىرى، جالالىدىن يەھيارى، مەرۇپ سەيىدى قاتارلىق ئەربابلارنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبىتىنى تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ ماخمۇت مۇھىتىنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى باھالىرىنى يورۇتىدۇ. يىغىن ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋەتلىگەن مەرۇپ سەيىدى مۇنداق دەيدۇ؛

" ھازىرقى شارائىتتا ئىلىدىمۇ ۋە باشقا ۋىلايەتلەردىمۇ ماخمۇت مۇھىتى كەبى ھوقۇقتىن توغرا پايدىلىنىلىشنى بىلىدىغان ۋە مىللەت مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدىغان دادىل مىللىي مەمۇرىلار بولغاندا، ھەممە ئىشلار تېز روناق تاپار ئىدى. شېڭ شىسەي بىلەن خوجا نىياز ھاجىم كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن تەسىس ئېتىلگەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىگە كىرگەن ۋە يەنە ۋىلايەت، ناھىيىلەردىمۇ مەمۇرىيەتكە جەلىپ قىلىنغان يەرلىك مىللەت مەمۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى "قالپاققا چۈشلۈك كاللا يوق" دېگەندەك سالاھىيەتسىز، تەسادىپىي ئادەملەر، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى ھوقۇقنى ئىشلىتىشنى بىلىشنى مۇۋاپىق مۆلچەرلىمەيدۇ ھەم بىلمەيدۇ، ئەگەر خوجا نىياز ھاجىمدىن تارتىپ تاكى ناھىيىلەرگىچە بولغان مىللىي باشلىقلار ماخمۇت مۇھىتى كەبى دادىل، جۈرەتلىك ۋە پاراسەتلىك بولغاندىلا بېشىمىزنى تېخىمۇ ئېگىزرەك كۆتۈرۈپ يۈرەر ئىدۇق"

بۇ يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمى ۋەزىيەت جۈملىدىن ئىلى ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ، زىيا سەمىدى ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشلىرى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ؛

"بەزىلەر ئىلىدىكى مەمۇرىي مەھكىمىلەرگە مەسۇل خىزمەتلەردە ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرغان مىللىي باشلىقلارنى دادىلسىزلىق ۋە تەشەببۇسكارسىزلىقتا ئەيىبلىسە، بەزىلەر ماخمۇت مۇھىتى كەبى مىللىي باشلىقلارنىڭ كەمدىن-كەم ئىكەنلىكىدىن زارلىناتتى. يەنە بەزىلەر بولسا، ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيەتسىزلىكىنى، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى يولغا سېلىشقا پېتىنالماي، بەكمۇ ئېھتىياتچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈرۈشتى."

ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى

زىيا سەمىدى ئەسىرىدە مەنسەپپەرەس، ياللانما غالچا ئەمەلدارلار، ئابروي پەرەس بايلار ۋە خۇراپىيلىق تەرغىباتچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماستىن، ئاخىرى ئىلغار زىيالىلارنىڭ توپلىنىشى ئاستىدا ئىلىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەقىقى يوسۇندا تەمىن ئېتىدىغان ھەيئەت قۇرۇپ چىقىلغانلىقى ھەققىدە بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ؛

" ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي-ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەمەلىي ئىش مەھكىمىسى رەسمى تەشكىل قىلىنىپ، رەئىسلىكىگە تېيىپ ھاجى سابىت، باش كاتىپلىققا رەھىمجان سابىر ھاجى، تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىقىغا قاسىمجان قەمبىرى، مەدەنىي –مائارىپ بۆلۈم باشلىقلىقىغا زامان، سەنايى-نەپىسە باشلىقلىقىغا جالالىدىن يەھيارى تەيىنلەندى. دەسلەپتە غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى رايونلار ۋە ئىلى ۋىلايىتىدىكى 11 ناھىيە شەھەرلەردە شۆبە ئۇيۇشمىلارنى تەشكىللەپ، تەدىرىجى ھالدا رايونلار ۋە يېزا-كەنتلەردىمۇ تارماق ئۇيۇشما قۇرۇشنى قارار قىلدى"

زىيا سەمىدى غۇلجىدىكى بۇ مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ؛

"ئەسىرلەر بويى مانجۇر-خىتاي خاندارلىرىنىڭ ھەمدە گومىنداڭچى مۇستەبىتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتا، قول –چوماقلىرى بولمىش ۋاڭ، گوڭ، بەگ-غوجا، ئەمەلدار، سۈتخورلارنىڭ قوش –قۇۋەت زۇلمىدا جاھالەت-خۇراپات ئاسارىتىنىڭ مەھكۇملۇقى بولمىش خەلققە ئەركىنلىك كېرەك . ئەركىنلىكنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلىم-مەرىپەت كېرەك ئىدى. ئەنە شۇ مەرىپەتكە باشلامچىلىق قىلىدىغان يېڭى تۇغۇلغان تەشكىلات - مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ يەتتە ماددىلىق تەشەببۇسى جاھالەتكە قارشى كەسكىن خىتاپ بولۇپ، مەدەنىيەتكە ئاممىۋى يۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى"

زىيا سەمىدى ئۆز ئەسىرىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئىككى قىسىمى يەنى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىدىكى ۋەقەلەرنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ يېزىش ئارقىلىق ، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى بۇ دىياردىكى ھەر خىل سىياسىي ھادىسىلەر، ھىلە- نەيرەڭلەر، ئىدېئولىگىيىلىك توقۇنۇشلار ۋە مىللىي مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا ، مۇستەقىللىققە بولغان ئىنتىلىشلىرىنىڭ ئوبرازلىق كارتېنىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ناھايىتى تەسىرلىك ھالدا نامايان قىلىدۇ.(ئۈمىدۋار)