زىيا سەمىدى-يىللار سىرى (6)

ziya-semidi.jpg

مىللەتنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، ئۇنى ئىلىم-مەرىپەت يولىغا باشلاپ، ئۇزۇن مەزگىل مەدەنىيەتسىز مانجۇ-خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلمىدا تېخىمۇ ئېغىر جاھالەت ۋە قالاقلىققا مەھكۇم قىلىنغان مىللەتنىڭ خەستىلەنگەن دىلىنى ئىلىم-ئىرپان چىراقلىرى بىلەن يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇش ھەم ئەركىنلىكنىڭ، مۇستەقىللىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر زىياليلىرى، كۈرەشچىلىرىنىڭ ئالدىغا قويغان مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك؟!

ئۆز مىللىتىگە كۆيگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى

30-يىللار ئۇيغۇر ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شۇنىڭدەك بىر مەرىپەتپەرۋەر ياش زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ كۈرەشلەرگە بىۋاستە ئىشتىراك قىلغان يازغۇچى زىيا سەمىدى "يىللار سىرى" رومانىنىڭ 4-كىتابىنىڭ 2-قىسىمىدا "ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى" قۇرۇلغاندىن كېيىن، يۈز بەرگەن تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن جاھىللار، خىتاي مىللىتارستلىرىنىڭ غالچىلىرى بىلەن مىللەتپەرۋەرلەر ئارىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىدېئولىگىيىلىك توقۇنۇشلار ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

يازغۇچى ئەسىرىدە 30-يىللاردا مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان ھەم بۇ ساھەدە ئاكتىپ رول ئوينىغان بىر قاتار تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش بىلەن بىرگە يەنە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان ئەمما، كېيىن سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ خىتاي مىللىتارستلار ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا مىللىي مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى ۋە كۈرەشلىرىنى قۇربان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئويۇنچۇق تەرىقىسىدە قۇربان قىلغانلىقىغا نارازى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ پانالانغان يازغۇچى ۋە تارىخچى نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت، جەدىد ھەم نەشىرياتچى ھۈسەيىن بەگ قاتارلىق شەخسلەرنىڭمۇ مەدەنىي ئاقارتىش كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ.

yillar-siri.jpg
"يىللار سىرى" نىڭ مۇقاۋىسى

زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە؛ بۇ ئىككى شەخس ئالاھىدە بولۇپ، نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت 20-يىللارنىڭ باشلىرىدا قازان، ئۇفا قاتارلىق جايلاردىكى گېزىتلەردە ۋە "شورا" ناملىق جۇرنالدا ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ قىلغان، كېيىنرەك بولسا"نازۇگۇم"داستانىنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان.

زىيا سەمىدى بۇ ئىككى ئاۋانگارت زىيالىي ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ؛

"نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوپ بىلەن ھۈسەيىن بەگ يۇنۇسوپ ئىككىسى بىر مەپكۈرە، بىر غايىدىكى ئادەملەر، ھەر ئىككىلىسى جەدىدچى-مەرىپەتچى،ئاتىشىن مىللەتچىلەر.ھۈسەيىن بەگ ئەمەلىيەتچىل-تەشەببۇسكار؛ ئۇ، يېڭى مەكتەپلەر ئېچىش،مەتبە-نەشىرىيات ئىشلىرىنى جارى قىلىشتا باشلامچىلىق قىلغانلىقتىن" بىرىنچى نەشىرىياتچى" دېگەن شەرەپلىك نامغا سازاۋەر بولغان. غۇلجىدىكى"ھۈسەينىيە مەكتىپى" بىلەن "ھۈسەينىيە مەتبەئەسى" ئۇنىڭ ئىلغار پائالىيەتچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي يادىگارلىقلىرىدۇر".1920-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا غۇلجىدا بىنا قىلىنغان "دەرنەك" مەكتىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان ھۈسەيىن بەگ فېئودال –مىلىتارىستلار تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىپ، ۋەھشىلەرچە قىيناش ئازابلىرىنى چەككەن ئىدى".

ئىتتىپاقسىزلىق- دۈشمەن ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت

يازغۇچى ئەسىرىنىڭ بۇ بابلىرىدا يەنە قەشقەر ۋە غۇلجىدا باشلانغان بىر مەيدان مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە مىللىي ئويغىنىش كۈرىشىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شېڭ شىسەي باشلىق خىتاي مىللىتارىستلار گۇرۇھىنى ساراسىمغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز جاسۇسلىرىنى ئەۋەتىپ، پارچىلاش تاكتىكىسى قوللىنىش ئارقىلىق مەزكۇر دولقۇننى پەسەيتىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى يازىدۇ؛ شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى لىيۇ يۈلىننى غۇلجىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشكە ئەۋەتىدۇ. ليۇ يۈلىن شۇ جايدىكى مىللىي خائىنلار ۋە ئىشپىيونلاردىن پايدىلىنىپ، زىيالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ؛ زىيا سەمىدى شېڭ شىسەينىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدىكى قىسمەن ئايرىمىچى نادان كىشىلەر ئارىسىدا مەۋجۇت تارانچى – ئۇيغۇر جىدىلىدىن پايدىلىنىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، بۇ زىددىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادەملەر ئارقىلىق پىلانلىق ھالدا مەزكۇر زىددىيەتنى خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كېڭەيتىش چارىسىنى قوللانغانلىقىنى جاسۇس سۇلتان بىلەن ليۇ يۈلىننىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق يورۇتىدۇ.

شېڭ شىسەينىڭ يېڭى ئىجادىيىتى-تارانچى مىللىتى

زىيا سەمىدى ئەينى ۋاقىتتا ئىلى ۋادىسىدا قىسمەن ئادەملەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان تارانچى –ئۇيغۇر جىدىلى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ؛

" ئۆزىنى تارانچىلار دەپ ئاتىغانلارنىڭ بېشىدا ھاكىمبەگ غوجا، مامۇتخان بولۇپ، ئۇلار تارانچىلار ئايرىم مىللەت بولۇش دەۋاسىنى قىلىشىدۇ؛ "روزىباقىيېپچىلار" دېگىنىمىز ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى تېيىپ ھاجى بىلەن زامانغا ئوخشىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بايراقلىرىدۇر. ئۇلار؛ ئىلى تارانچىلىرى يەنى ئىلىلىقلار، قۇمۇل-تۇرپانلىقلار، كۇچار-ئاقسۇلۇقلار، قەشقەر-خوتەنلىكلەر ھەممىسى ئاجرالماس بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. پەقەتلا يەر شارائىتى ئايرىلمىسى بويىچىلا تۇغۇلغان يېرىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنلا :"لىق ،لىك" قوشۇمچىسىنى قوللانغان خالاس."

زىيا سەمىدى شېڭ شىسەي غۇلجىغا ئەۋەتكەن ليۇ يۈلىڭ بىلەن جاسۇس سۇلتاننىڭ سۆھبىتى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ؛ ليۇ يۈلىن سۇلتاننىڭ تارانچى-ئۇيغۇر جىدىلى ھەققىدىكى پارچىلاش تاكتىكىسى ھەققىدە ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ؛

"مېنىڭ كۈلكەم ھەرگىز تاپا-تەنە ئەمەس، بەلكى دوستلارچە ھەزىل كۈلكىسى-دەرۋەقە "ئۇيغۇر –تارانچى" دېگەن قوش ئاتالمىنى ئايرىۋېتىش پۇرسىتى كەلدى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ داھىمىز شېڭ دۇبەننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شىنجاڭدىكى ئون تۆتىنچى مىللەت-تارانچىلارنى رەسمى ئېلان قىلماقچى."

ساتقىنلارنىڭ مەمنۇنىيىتى-مىللەتنىڭ پاجىئەسى

سۇلتان بولسا يېنىك ئۇھ تارتىپ، مەمنۇنىيەتلىك بىلەن كۈلۈمسىرەيدۇ. يازغۇچى مەزكۇر قولچوماقنىڭ روھى ھالىتى ۋە غەرىزى ھەققىدە ئۆز بايانلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ؛

"شەخسىي راھەت-پاراھەتلىرىنىلا ئويلايدىغان بۇ شۆھرەتپەرەس مىللىي مۇرتەد مىللىتارست، مۇستەبىت شېڭ شىسەي سىياقىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى پارچىلاپ، بىر پۈتۈنلۈكنى پاچاقلاش، قەدىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋارىسلىق ئىگىدارچىلىقىنى نەچچىگە تەخسىملەپ،ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ئۈلۈشىنى تالان-تاراج قىلىشتەك ئىنتايىن رەزىل مەخسەت-مۇددىئالىرىنىڭ تۈپ مەنىسىنى ئويلاپ باققانمىدۇ؟ ياق ! مىللىي مۇناپىقلار مىللەت گېمىنى ئويلىسا ھەرگىزىمۇ مىللىتىنى ساتماس،مۇناپىقلىق قىلماس ئىدىدە ! ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ساتقىن ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەت خالاس!"

زىيا سەمىدى ئاخىرىسىدا شېڭ شىسەينىڭ ئەنە شۇنداق ھىلە-نەيرەڭلىرى ۋە تاكتىكىلىرى ئاستىدا ماخمۇتخان قاتارلىق ئادەملەرنى تارانچى مىللىتىنىمڭ ۋەكىلى قىلىپ تەييارلاپ، تۇنجى قېتىملىق ئۆلكىلىك قۇرۇلتايغا قاتناشتۇرۇپ، تارانچى دەپ ئاتالغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بۆلۇپ، ئايرىم مىللەتكە ئايلاندۇرغانلىقى يەنى"شىنجاڭدىكى 14 مىللەت" ئايرىمىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

زىيا سەمىدى ؛ خىتاي مىللىتارستلىرىنىڭ بۇ خىل ھىلىلىرى، رەزىل مەخسەتلىرىگە دائىم دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىققان بىر قىسىم مۇرتەدلەرنىڭ ماسلاشقانلىقى، مۇستەبىتلەرنىڭ ھامان بۇ خىل مەنسەپپەرەس، ئۆز شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىدىغان ئادەملەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يەتكەنلىكىنى خۇلاسىلىدى؛ ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە؛ ئەنە شۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىتتىپاقسىزلىق قىلىپ، ئۆز شەخسىي مەنپەئەتلىرىگە چوغ تارتقانلىقى ئۈچۈن ئاخىرى شېڭ شىسەي" تارانچى"مىللىتى دېگەن سۈنىي مىللەتنى ئايرىپ چىقالىدى.(ئۈمىدۋار)