
مەرھۇم تارىخىي رومان يازغۇچىسى زىيا سەمىدى "يىللار سىرى" ناملىق روماننىڭ 3- 4-كىتابلىرىدا يەنە تەرەققىيپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن كوممۇنىستىك ئىدىيىگە مەنسۇپ خىتاي زىياليلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىدېئولىگىيىلىك مەسىلىلەرگە ئائىت سۆھبەتلەر ھەققىدىمۇ يازغان.
ئەسەردە ئاساسلىقى لاۋ پەن ۋە جاۋ جان قاتارلىق خىتاي زىيالىلىرىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللىي مەسىلە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە ئائىت كۆز قاراشلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن تەسىرلەر
مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلى ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن ئەزەلدىنلا ئەتراپىدىكى باشقا مەملىكەتلەر ۋە رايونلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن .ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىختىن تارتىپلا ياۋرو-ئاسىيانىڭ سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تۈگۈنى بولۇشتەك بۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر دىيارى دائىم ئۆز ئەتراپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە ئۆز ئەتراپىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر خەلقى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيا يۈزىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر جۈملىدىن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىدېئولىگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىدى. بۇ مەزگىلدە تۈركىي ۋە ئىسلام ئالىمىدە مەيدانغا چىققان تۈرلۈك سىياسىي پىكىر ئېقىملىرى ۋە مەپكۇرىلار ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىپ، ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى.

1931-1934-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن ئاغدۇرىۋېتىلگەندىن كېيىن، قىيىن ئىچكى ۋە تاشقى بېسىمغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىق يوللىرىنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك پىكىرلەر ۋە كۆز قاراشلار شەكىللەندى.
زىيا سەمىدى روماندىكى باش قەھرىمان زاماننى ئەنە شۇ مىللىي ئازادلىق يولىنى ئىزدىگۈچى ياشلارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، زامان ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرلۈك پىكىر ئېقىملىرىنى شۇنىڭدەك تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلىرىنى تەھلىل قىلىشقا ئامراق تەپەككۇر ئەھلى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.
30-يىللاردا موسكۋانىڭ ياردىمى ئارقىلىق تەختكە چىققان شېڭ شىسەي ئۆزىنى كوممۇنىست قىلىپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۆلكىدە كوممۇنىستىك پىكىر ئېقىملىرىنىڭ باش كۆتىرىشىگىمۇ يول قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزلىرىنى ناھايىتى ئىلغار، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشىنى قوللايدىغان ھەم ياردەم بېرىدىغان قىلىپ تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.
پىكىر ئىختىلاپى ۋە گۇمان
زىيا سەمىدى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى زامان بىلەن خىتاي كوممۇنىستى لاۋ پەننىڭ سۆھبىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ؛
ئۇيغۇرلارنى شېڭ شىسەينىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغان خىتاي كوممۇنىست لاۋ پەنگە قەتىي جاۋاب بەرگەن زامان مۇنداق دەيدۇ؛
زامان- خەلقچىل ئۆزگىرىش دەپ نېمىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك ياكى شېڭ شىسەينىڭ ھاكىممۇتلەقلىغىنى شۇنداق ئاتايمىزمۇ؟
لاۋپەن- ئەسەبىلىرىڭنى باس زامان، خىتاي مەمۇرلىرىغا نىسبەتەن ئىشەنمەسلىكىڭنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن جەمىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگۈڭ كەلمىسە كېرەك؟! مەن باشقىچە قارايمەن. "ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كېرەك" دەگەن پىرىنسىپ بار بىز كوممۇنىستلاردا
زامان- بۇ گەپچە شېڭ شىسەينى كوممۇنىست ۋە ماركىسىست دېمەكچى بولامسەن؟
زامان بىلەن لاۋ پەننىڭ بىر مەيدان مۇنازىرىسىنىڭ ئاخىرىسىدا سۆھبەت مىللىي مەسىلىگە بېرىپ تاقىشىدۇ .لاۋ پەن "شىنجاڭغا" خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى خىزمەتلەرنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقى نەتىجىدە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەرىپلىگەندە زامان قەتىيلىك ۋە ئىشەنمەسلىك بىلەن مۇنداق دەپ سورايدۇ؛
زامان – دېمەك، مىللىي مەسىلە مىللىي مۇختارىيەت يولغا قويۇلىدۇ دېمەكچىمۇ سەن؟ ئۇ ھالدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاش بىزدىمۇ ئۇيغۇرىستان بولىدىكەندە؟
لاۋ پەن بۇ سوئالغا مۈجىمەل ھەم جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغان قىياپەتتە قىسقا قىلىپ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ؛
لاۋ پەن- تەخمىنەن. شەكلى قايسى تەرىقىدە بولۇشىنى ھازىرچە ئېنىق ئېيتالمايمەن. كېلەچەكتە مىللىي مۇختارىيەت جارى قىلىنىشى تەھقىق.
زىيا سەمىدىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى زامان لاۋ پەننىڭ مۈجىمەللىكى ھەققىدە مۇنداق ئويلايدۇ؛ "خىتاي كوم پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە خەلق ئازادلىق ئىنقىلابى غەلبە قازىنىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەن مىللىي رايونلاردا مۇختارىيەت جارى قىلىنىدۇ. سىلەر ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرىستان بولىسىلەر دەپ نېمىشكە پېتىنىپ ئېيتالمايدۇ مېنىڭ بۇ ئىشەڭەن يولدىشىم لاۋ پەن؟ بەلكى بۇلار ئۆزىچە "خىتايچە مۇختارىيەت كەشىپ قىلامدىكىن؟ "
زاماننىڭ مۇرەككەپ ئويلىرى ۋە كۈزىتىشلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان لاۋ پەن سۆھبەت تېمىلىرىنى باشقا ياققا بۇرايدۇ. ئاخىرىدا ئۇ زاماننى ئۇزۇتۇپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ كولياسكا ھارۋىسىدا ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ ئەمما زامان بۇنى رەت قىلىپ پىيادە كېتىدۇ. لاۋ پەن ئۇ كەتكەندىن كېيىن، زامان ھەققىدە ئويلاپ ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بېرىدۇ. - "ئاتىشىن مىللەتپەرۋەرلەر !"
زىيا سەمىدى جاۋ جان ئىسىملىك يەنە بىر نەپەر خىتاي زىيالىسىنىڭ تىلى ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان لاۋ پەننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تۈپ كۆز قارىشى جۈملىدىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈپ نۇقتىئىنەزىرى ھەققىدىكى باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جاۋ جان لاۋ پەننىڭ ۋە خىتاي كوم پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئائىت ئىدىيىسىگە خاراكتېرىستىكا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ؛
" لاۋ پەن ساڭا مىللىي مەسىلىنىڭ كېلەچەك مەنزىرىسىنى قانچىلىك يورۇتۇپ بەردىكىن؟ لېكىن، ماڭا ئېيتىپ بېرىشىدىن شۇ نەرسە روشەنكى، ئۇيغۇر خەلقى جۇغراپىيە –زېمىن شارائىتى ۋە تارىخىي مۇناسىۋەتلەرگە ئاساسەن، خىتايلار بىلەن بىر پۈتۈن دۆلەت ھىمايىسىدە ياشىشىشى كېرەك..."
زاماننى گۇمانغا سالغان ۋەدىلەر
زىيا سەمىدى ئەسىرىدە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى باشتىن ئاخىرى تەكىتلىگەن بولسىمۇ لېكىن، بۇنىڭ ئەمەلىيەتكە توغرا كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىشقا تىرىشقان.
ھەقىقەتەن خىتاي كوم پارتىيىسىنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە؛ خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ تاكى 1949-يىلىغىچە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ھوقۇقىنى تەكىتلىگەن. كوم پارتىيىنىڭ 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزىلگەن قۇرۇلتايلىرىدا ۋە قوبۇل قىلغان سىياسىي پروگراممىلىرىدا بۇ نۇقتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەينى چاغلاردا ئۆزلىرىنى ناھايىتى ئىلغار، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشىنى قوللايدىغان ھەم ياردەم بېرىدىغان قىلىپ تەشۋىق قىلغان ۋە ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشقان بولۇپ، ھەتتا 1934-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۇنجى ھاكىمىيىتى جۇڭخۇئا سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇيجىندە ئېچىلغان قۇرۇلتىيىدا قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇنىدىمۇ "ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خالىسا جۇڭخۇئا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدە قېلىش، خالىسا چىقىپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ھوقۇقى" بارلىقىنى بېكىتىلگەنلىكى مەلۇم. لېكىن، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تولۇق غەلبە قىلىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن ھەمدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى مىللىي سىياسىي پروگرامما كۈن تەرتىپىدىن قالدۇرۇلغان.
زىيا سەمىدى ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ سىرلىرى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى يورۇتىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ ئۆز رومانىنىڭ نامىنى "يىللار سىرى" دەپ قويۇشىمۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مۇرەككەپ ۋە پاجىئەلىك سىياسىي تەقدىرىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ كىتابخانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا، تەپەككۈر قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.(ئۈمىدۋار)