
ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق رومانىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆلكىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تولۇق قولغا كىرگۈزۈۋالغان شېڭ شىسەينىڭ "ئالتە بۈيۈك سىياسەت" دېگەندەك يالغان شوئارلارنى كۆتىرىپ چىقىپ، ئەمەلىيەتتە ئاستىرتتىن قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرى، مىللىي زىيالىيلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە، رەسمىيەت ئۈچۈن ۋاقىتلىق بېرىلگەن ئازغىنا ھوقۇقلارنى قايتىدىن تارتىۋېلىشقا تىرىشىپ، مۇستەبىت سىياسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھىلىگەر ۋە يۈزسىز شېڭ شىسەي
ئاپتور ئالدى بىلەن قەشقەردىكى ماھمۇت مۇھىتى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ كۈرەشلىرى ھەققىدە بايان قىلىدۇ. ئىلگىرى ماھمۇت مۇھىتى سۆز قىلغاندا ھەممىگە ماقۇل دەپ تۇرىدىغان "جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ھەربىي قىسىملارنىڭ باش قوماندانى ۋە قوشۇمچە قەشقەر ھەربىي گارنىزونىنىڭ قوماندانى ليۇ بىن" مانا ئەمدى ھاكىمىيەت پۈتۈنلەي دېگۈدەك شېڭ شىسەينىڭ قولىغا ئۆتكەن ۋە مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن، ماھمۇت مۇھىتىنىڭ سۆزىنى ئانچە ئاڭلىمايدىغان ھەتتا ئۇنى نەزەرگە ئالمايدىغان بولۇۋالىدۇ. زىيا سەمىدى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ؛
"ئەگەر بۇرۇنلاردا ماھمۇت شەۋكەت ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى بولمىش مىللىي دىۋىزىيە قوماندانى لاۋازىمىدىن باشقا يەنە قەشقەرىيىنىڭ مۈلكى-مەمۇرىي ئىشلىرىغا دائىر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئاۋازغا ئىگە بولۇپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇنى ئاستا-ئاستا ئاجىزلىتىشقا باشلاش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تايانچ كادىرلىرىنىمۇ ھەر تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر ئارقىلىق چەتلەشتۈرۈشكە، ئايرىشقا جىددىي تۇتۇش قىلىندى. جۈملىدىن 1934-يىلى ھەربىي تەلىم –تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن تاشكەنتكە ئەۋەتىلگەن قۇربان سەئىدى، قۇربان نىياز شاھىدى، ئەخمەت مەسۈم، سايىماخۇن، ئابدۇللا ئەپەندىلەر بىر يىل تەلىم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىدا ئاز تولا ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى ماھمۇت مۇھىتىنى تەشۋىشكە سالدى"
زىيا سەمىدى يەنە مەككار شېڭ شىسەينىڭ ماھمۇت مۇھىتىنى يالغۇز قالدۇرۇش، ئاخىرىدا ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىشەنچىلىك ۋە قابىل كىشىلىرىدىن بىر قىسىملىرىنى مەسىلەن، پولك كوماندىرى پولات، برىگادە كوماندىرى توختى، ھەمدەم بەگ ھاجى، ئابدۇراخمان قاتارلىق قوماندانلارنى ئۈرۈمچىگە چاقىرىۋېلىپ تەربىيىلەش ھەم ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش يولى بىلەن ئۇلارنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغانلىقى، ھەتتا ماھمۇت مۇھىتىنىڭ بەزى ئىشەنچىلىك كىشىلىرىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ھەققىدە بايان قىلغان.
جاللاتنىڭ ھىيلىسى ئىشقا ئاشمىدى
شېڭ شىسەي يەنە ماھمۇت مۇھىتىنىمۇ ئۈرۈمچىگە ئەكىۋېلىپ، بىراقلا يوقىتىش مەقسىتىدە خوجا نىياز ھاجىمنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى كۆپ قېتىم ئۈرۈمچىگە چاقىرىدۇ، لېكىن ھۇشيار ماھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ بۇ ھىيلىسىگە ئالدانمايدۇ نەتىجىدە ماھمۇت مۇھىتى بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا بىر مەيدان كەسكىن سىياسىي ۋە تاكتىكا كۈرىشى ئەۋجى ئالىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، ماھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى سابىق مىللىي ئازادلىق كۈرەش قوزغىلاڭچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن شۇنىڭدەك كۈنسايىن مۇمتىزىملىشىپ كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر قوشۇنلىرى شېڭ شىسەينىڭ كۆزىگە قادالغان مىق ئىدى.ئۇ، بۇ قوشۇننى يوقىتىۋېتىشنىڭ تۈرلۈك ئاماللىرىنى ئىزدەيتى، چۈنكى شېڭ شىسەينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارمىيىسىگە ئىگە بولۇشى، ئۇلارنىڭ مىللىي غورۇرىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ زور ھوقۇقلارنى داۋا قىلىشى ھەتتا بۇ ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدا مۇھىم تايانچ ئىدى. شېڭ شىسەي قاتارلىق خىتاي مىلىتارىستلىرى ئەسلىدە ھېچ قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارمىيىسىگە ئىگە بولۇشىنى قەتىي خالىمىسىمۇ، لېكىن ۋاقتىنچە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ۋە باشقا ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، 6-دىۋىزىيە نامى بىلەن قەشقەردە تۇرغۇزغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى-شېڭ شىسەينىڭ ھىمايىچىسى
زىيا سەمىدى يەنە "يىللار سىرى" ناملىق رومانىدا شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت مەسلىھەتچىلەرنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەنلىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەنە شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ، رەبالكو كېيىنچە ئوبۇخوپ ئىسىملىك گېنېراللىرىنى ماھمۇت مۇھىتىگە مۇشاۋۇر ۋە ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە تەيىنلەپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ماھمۇت مۇھىتى قوشۇنىنى ئىچكىي جەھەتتىن بۇزۇش ۋە پارچىلاش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان. بۇ سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى ئەمەلىيەتتە قەشقەرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قامال قىلىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جاسۇسلۇق ۋاسىتىلىرىنى كەڭ يولغا قويغان ئىكەن.
زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە؛ ماھمۇت مۇھىتى ئەنە شۇنداق تۈرلۈك ۋە قاتمۇ-قات بېسىم تۈپەيلىدىن ئىشەنچىلىك ئادەملىرىدىن بىر-بىرىلەپ ئايرىلىدۇ. قەشقەردىكى ماھمۇت مۇھىتى تەرەپدارلىرى ۋە مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارمۇ كۆپلەپ قولغا ئېلىنىپ، مۇھىتىنىڭ ئەتراپى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ، يەنە بىر تەرەپتىن شېڭ شىسەينىڭ قاتمۇ-قات بېسىملىرى ئاستىدا قالغان ماھمۇت مۇھىتى ئۆزىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقارا ۋەزىيەت جۈملىدىن ئۆلكە ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايلا قالماستىن بەلكى، ئۇنى توسايدىغان ۋە شېڭ شىسەيگە ماسلىشىپ، يوقىتىدىغان ئەڭ زور كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان گۇمانى ۋە ئىشەنمەسلىكى تېخىمۇ ئېشىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، سوۋېت ۋە شېڭ شىسەي تەرەپدارلىرىنى جازالايدۇ. بىر تەرەپتىن يەنە ئۆز ھۆرمىتى ۋە مىللىي غورۇرىنى ساقلاپ، شېڭ شىسەي ھەم ليۇ بىن قاتارلىقلارغا باش ئەگمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، مەدەنىي-مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. (ئۈمىدۋار)