
1937-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى پاجىئەلىك ۋە دەھشەتلىك بىر يىل بولدى.
قوزغىلاڭچىلار بىلەن تۈزگەن بارلىق كېلىشىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەھشىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغان شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ باردى. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى شېڭ شىسەينىڭ ئەسلىدىن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىش خىيالىنىڭ يوقلىقى بولسا، يەنە بىرى ماھمۇت مۇھىتىنىڭ ھىنﺪىستانغا كېتىشى بىلەن ئۇنىڭ قوﻝ ئاستىدىكى ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى ئابدۇنىياز بەگنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، خوتەننى بازا قىلىپ ياتقان ما خۇشەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاكى كۇچارغىچە بولغان جايلاردىن خىتاي قوشۇنلىرىنى تازىلىغان باتۇر سەركەردە ئابدۇنىياز بەگكە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان شېڭ شىسەي قايتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ماھمۇت مۇھىتىنىڭ ئالدىدىكى يوللار
ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى "يىللار سىرى" ناملىق رومانىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا ئەنە شۇ ۋەقەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ھەم ماھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاخىرقى ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ بىرلەشمە بېسىملىرى ئاستىدا قالغان ماھمۇت مۇھىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدۇ. پۈتۈن ئەتراپى جاسۇسلار ۋە خائىنلار بىلەن قورشالغان، ھەقىقى دوست بىلەن دۈشمەننى پەرق ئېتىش قىيىن بولۇشتەك قامال قىلىنىش ۋە ئىسكەنجىگە ئېلىنىشى ئەھۋالىغا توغرا كەلگەن ماھمۇت مۇھىتىنىڭ ئالدىدا ئۈچ خىل يول تۇراتتى.
بۇ تاللاش خاراكتېرلىك يولنىڭ بىرى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى ئوت ئېچىش بىلەن مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇش. لېكىن، بۇ تولىمۇ قىيىن بولۇپ، شېڭ شىسەينى مەغلۇپ قىلىش ئاسان بولﺴىمۇ، بىراق شېڭنىڭ ئىتتىپاقچىسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى ھەتتا قوشۇن كىرگۈزۈشىگە تاقابىل تۇرۇش قىيىن ئىدى.
ماھمۇت مۇھىتىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر يول بولۇپ، بۇ ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، بىر مەيدان قوراللىق توقۇنۇشتىن خالى قېلىش بىلەن خەلقنى قىرغىنچىلىقتىن ساقلاپ قېلىش ھەم پۇرسەت كۈتۈﺵ ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا قايتىدىن كۈچ توپلاپ، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى تەمىن ئېتىش تۇراتتى.

يەنە بىر يول شۇكى شېڭ شىسەيگە شەرتسىز باش ئېگىپ، ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىش يەنﻰ ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئىدى. لېكىن، بۇمۇ ئۇلار ئۈچۈﻥ تۇيۇق يول بولۇپ، ماھمۇت مۇھىتى تەرەپدارلىرىنىڭ قارىشىچە؛ شېڭ شىسەي"خوجا نىﻴاز ھاجﯩم"نى قورچاق رەئىس قىلىپ قويغان، ئۇ ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلمىغان ھەتتا ئەسلىدە خوجا نىياز ھاجىم بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قوغدىشى، بۇ جايلارغا خىتاي قوشۇنلىرىنى كىرگۈزمەسلىكى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن شېڭ شىسەي مەزكۇر كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلماي قويدى.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ ماھمۇت مۇھىتى ئەنە شۇنداق ۋەزىيەت ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزىدۇ ھەمدە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دەپ قارىغان ئىشەنچىلىك قوماندانلىرى بىلەن سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ. بۇ سۆھبەتلەرگە ماھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى موسۇل ھاجى، خاس مۇشاۋۇرى نەيىمى ۋە باشقىلار قاتنىشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار ئاخىرى قوزغىلاڭ كۆتىرىشنى قارار قىلىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، ماھمۇت مۇھىتى قوزغىلاڭ كۆتىرىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىدىكى بىر خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شېڭ شىسەي تەرەپ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپىدۇ ھەمدە قوشۇنلىرىنى قەشقەرگە يۆتكەپ، ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى ئىسكەنجە ئىچىگە ئالىدۇ. ئاخىرى نىشاننى ئۆزگەرتكەن ماھمۇت مۇھىتى يارەنلىرىنى يىغىپ، چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىش يولىنى تاللايدۇ.
ئاخىرقى تاللاش - چەتئەلگە كېتىش
زىيا سەمىدى ماھمۇت مۇھىتى بىلەن ئۇنىڭ يارەنلىرى ئارىسىدىكى ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۆھبەتنى تەسۋىرلەيدۇ. ھەسرەتلەنگەن ماھمۇت مۇھىتى مۇنداق دەيدۇ؛
" تەجرىبە شۇنى كۆرسەتتىكى، ھايات-مامات كۈرىشى كەسكىنلەشكەنسىرى، ئىرادىسىزلار يېرىم يولدا سۈزۈلۈپ قالىدۇ. ھېمىت ھاجى، كىچىك ئاخۇن ۋە باشقىلارنىڭ چەتنەپ كېتىشىدىن ئېچىنمايمەن، لېكىن، شۇلارغا سەرپ قىلغان ئەقىدەمگە ئېچىنىمەن. ئەمدى ئالدىمىزدا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئېغىر كۈرەش تۇرماقتا، بىزلەر چەت ئەللەرگە زىيارەت قىلغىلى، راھەت - پاراغەت سۈرگۈلى كېتىۋاتقىنىمىز يوق، ئەكسىچە ،ۋەتەندىن قۇتلۇق ماكاندىن ، ئىسسىق ئائىلىدىن، ئەل يۇرت ۋە مىللەتتىن ئﺎيرىلىپ، مۇساپىرلىق، سەرگەردانلىققا قەدەم قويماقتىمﯩز، بىزلەر ئەمدى تىلەمچىلەردەك ئىشىكمۇ-ئىشىك، شەھەرمۇ-شەھەر دوقۇرۇپ، دەرد-ئەھۋالىمىزنى ئېيتىپ، ئۆزىمىزگە نىسبەتەن خەيرىخاھلىق قىلىدىغان، ياردەمچى-غەمخورچىلارنى ئاختۇرىمىز."
شۇنىڭ بىلەن ماھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرى مەلۇم باھانەلەر بىلەن مەخپىي ھالدا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ھىندىستانغا يېتىپ بارىدۇ.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا ماھمۇت مۇھىتى تەرەپدارلىرى ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە بىر مەھەل ئايلىنىپ يۈرگەندىن كېيىن، ياپونلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايغا قايتىپ كېلىدۇ ھەمدە ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا كۆپ ئازابلارنى چېكىدۇ. ئاخىرى ئۇ كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
زىيا سەمىدى ماھمۇت مۇھىتى كەتكەندىن كېيىنكى ۋەزىيەت بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئىچىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى ۋە تالاش-تارتىشلار ھەققىدە تەپسىلىي يازىدۇ. مەككار شېڭ شىسەي ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئىچىدىكى شېڭ شىسەيگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئېھتىماللىقى بار دەپ قاﺭالغان قابىل ئوفىتسېرلەرنى نەزەربەند ئاستىغا ئالىدۇ ھەم ئۇلارنى ئالداپ پەپىلەش تاكتىكىسى قوللىنىدۇ. لېكىن بۇنداق ھىلە-نەيرەڭلەرگە ئالدانمىغان بىر قىسىم ئوفىتسېرلەر ئابدۇنىياز بەگنىڭ قوماندانلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شﯧڭ شىسەي قوشۇنلىﺮىنى مەغلۇپ قىلىﺪۇ.
شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئايروپىلان ،تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى كىرگۈزۈپ، قوزغىلاڭچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ.
ئابدۇنىياز بەگ قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي خوجا نىياز ھاجىم، يۇنۇس بەگ، تايىر بەگ قاتارلىق ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆلكىنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك ھوقۇقلىرىنى تۇتقان ئۇيغۇرلارنى بىراقلا تازىلايدۇ. بۇ تازىلاشتا شېڭ شىسەي ئۆزﻯ ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە ماسلاشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىمۇ قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرىدۇ. قىسقىسى ئۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە دەھشەتلىك تېررورلۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىر قانچە يۈز مىڭ ئادەمنى تۈرمىگە تاشلايدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. (ئۈمىدۋار)