زىيا سەمىدى –يىللار سىرى (1)


2004.12.15

ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ 19 - ۋە 20 - ئەسىرلەردىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلىغان، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نامايەندىلىرىدىن شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلىرىدىن بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى تۇنجى يىرىك ئەسىرى يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلى ۋادىسىدا مەنچىڭ باسقۇچلىرىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىپ، دۈشمەنگە تېز پۈكمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان باتۇر ئۇيغۇر قىزى مايىمخاننى ئاساسىي قەھرىمان قىلغان تارىخىي رومانى "مايىمخان" نى 1965-يىلى يورۇقلۇققا چىقىرىش بىلەن ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى .

yillar-siri.jpg

ئۇ ئارقىدىنلا يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئېلىپ بارغان داغدۇغىلىق ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، "يىللار سىرى" ناملىق تۆت توملۇق رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابىنى 1967-يىلى، ئىككىنچى كىتابىنى 1971-يىلى نەشر قىلدۇرىدۇ. ئۇ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ روماننىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كىتابلىرىنى 1989-يىلى قازاقىستان "يازغۇچى" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى.

"يىللار سىرى" دا خاتىرىلەنگەن تارىخى ۋەقەلەر

يازغۇچى "يىللار سىرى" نىڭ 1-ۋە 2-كىتابلىرىدا خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى قۇمۇل خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى، بۇ قوزغىلاڭ ئوتلىرىنىڭ تېزدىن كېڭىيىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممىلا جايلىرىغا تۇتۇشۇپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

بۇ كىتابلاردا خوجا نىياز ھاجىم ئاساسىي قەھرىمان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىش بىلەن ئۇنىڭ مىجەز خۇلقىدىكى ئىجابىيلىكلەر ۋە قارمۇ-قارشى زىددىيەتلىك تەرەپلەر ئېچىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي كۆز قاراشلىرى شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى شېڭ شىسەي، ما جۇڭيىڭ، خوجا نىياز ھاجىم ۋە سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا كۈرەشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەقسەت-نىشانلىرى ئەتراپلىق بايان قىلىنىدۇ.

باش قەھرىمان پازىلنىڭ روھى

ئەسەردىكى باش قەھرىمان پازىل باشتىن ئاخىرى دېگۈدەك خوجا نىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا يۈرۈدىغان، ئۇنىڭ سىياسىي كۆزقاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان شەخس بولۇپ، پازىل ئانا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىق يوللىرىنى ئىزدىگۈچى ياش مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرىلىدۇ.

زىيا سەمىدىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پازىل 30-يىللار ئۇيغۇر سىياسىي مۇھىتىنى ياخشى چۈشەنگەن بەلكى، مىللەتنى ھەقىقى ئازادلىق يولىغا باشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى ۋەزىيەت ھەمدە خەلقئارا مۇھىتنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان يۇقىرى سىياسىي تەپەككۈرگە ئىگە ياش ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ، ئۇ دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندىن كېيىن، خوجا نىياز ھاجىم ھەر خىل ئادەملەرنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچرايدۇ. ھەتتا قەشقەردە زور ئابرويغا ئىگە يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىپ، 30-يىللار ئۇيغۇر تەقدىرىنى ئوڭشاپ قېلىشقا يول ئاچقان، يۇقىرى سىياسىي تەپەككۇر ۋە ئەخلاق پەزىلەتكە ئىگە سابىت داموللام بىلەنمۇ تىل تاپالمايدۇ.

ئىنقىلابلار نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى؟

زىيا سەمىدى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ بۇ خىل خاتالىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ 30-يىللاردىكى ئازادلىق كۈرەشلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ھەر بىر قەھرىماننىڭ ئۆزىگە چۈشلۈك ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

زىيا سەمىدى "يىللار سىرى" نىڭ مەزكۇر ئىككى كىتابىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، خوجا نىياز ھاجىم قوزغىغان كۈرەشنىڭ مەغلۇبىيىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى كۈچ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ئەپچىللىك بىلەن يورۇتۇش بىلەن بىرگە، ئاساسىي سەۋەبنى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نادانلىقى، ئىتتىپاقسىزلىقى، ئىنقىلابنى توغرا نىشانغا باشلايدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان بىرلىككە كەلگەن، يەنى ھەممە قوزغىلاڭچىلار بىردەك بوي سۇنغان سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىلەن باغلايدۇ.

ئەسەردە يەنە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ساتقىن-خائىنلار ۋە شېڭ شىسەينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكلىرى، شېڭ شىسەينىڭ ئالدامچىلىقىغا ئىشەنگەن نادانلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاجىئە ئېلىپ كەلگەنلىكى يورۇتۇلىدۇ.ئۇنىڭ قارىشىچە؛ خائىن-ساتقىنلار مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىدە پىكىر ئىختىلاپلىرىنى تۇغدۇرغۇچى، ئارىنى بۇزغۇچىلاردۇر.

كىملەر جاۋابكار ياكى كىملەر ئەيىبلىك ؟- بۇ پەقەت يىللار سىرىدۇر

"يىللار سىرى" رومانىنىڭ ئۈچىنچى كىتابى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىم 8 باپتىن، ئىككىنچى قىسىمى 10 باپتىن تۈزۈلگەن.

ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمىدا 1934-يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆلكىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكىلگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان بىر قاتار سىياسىي تەدبىرلىرى، ئۇنىڭ ئىشپىيونلۇق ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، بۇ خىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن قوزغىلاڭچىلارنى پارچىلىغانلىقى، "ئالتە بۈيۈك سىياسەت" دېگەندەك يالغان شوئارلار بىلەن جاسۇسلۇق ۋاسىتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقى جۈملىدىن رەھبىرىي شەخسلەر ۋە ئىلغار زىيالىيلارنى نازارەت قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ.

زىيا سەمىدى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: "دېمەك ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان قانلىق توقۇنۇشلار، شىددەتلىك جەڭلەردە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تۆكۈلگەن مەسۇم قانلىرى ۋە ئومۇمەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا چۈشكەن خانۇ-ۋەيرانچىلىق ھېچ بىر نەتىجىسىز خۇلاسىسىزلا يوققا چىقامدۇ؟ بۇ كەبى دەۋر تەلىپى، ۋىجدان تەلىپى بولغان سوئالغا كىملەر جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك؟ كىملەر جاۋابكار ياكى كىملەر ئەيىبلىك؟ بەلكىم بار بۇ ھالەت –شارائىت، جەريان ۋە يىللار سىرىدۇر"

تەپەككۇرلەر ئەبىدى داۋاملىشىدۇ

زىيا سەمىدى ۋەقەلەرنى ئەنە شۇنداق خۇلاسىلاش بىلەن بىرگە ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى يەنى زىيا سەمىدىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى تىپى بولغان زاماننىڭ تەپەككۈرلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئەسەردىكى بارلىق ئىنقىلابنىڭ شاھىتى ھېسابلانغان زامان خوجا نىياز ھاجىمنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئاتالمىش "يېڭى ھۆكۈمەت" كە مۇئاۋىن رەئىس بولغانلىقىغا نىسبەتەن گۇمانىي كۆز بىلەن قاراپ، شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ھېچ ئىشەنمەيدۇ ئەكسىچە بۇنى بىر يېڭى قۇۋلۇق –شۇملۇق ۋە پاجىئەنىڭ باشلىنىشى دەپ پەرەز قىلىدۇ.

زىيا سەمىدى زاماننىڭ قوزغىلاڭ مەغلۇبىيىتى ھەققىدىكى تەھلىلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويغان ئاساسىي ئىللەت-بىزگە يېپىشىۋالغان نادانلىق ۋە چىرىك خۇراپات ! مۇشۇ قوشمۇ-قوش قالاقلىق تۈپەيلى بىز روناق تاپماي كېلىۋاتىمىز، مۇشۇ ھالىتىمىزدىن پايدىلانغان چەت`ئەل مۇستەملىكىچىلىرى يەنى بىزگە ئەسىرلەر بويى ئەڭ رەزىل ۋە مەككار دۈشمىنىمىز گومىنداڭ قاراقچىلىرىدىن كۆرە، ئەشۇ نادانلىغىمىز، قالاقلىقىمىز تېخىمۇ خەتەرلىكرەكتۇر." (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.