ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق رومانىنىڭ 3-كىتابى 1-قىسىمىنىڭ دەسلەپكى بابلىرىدا خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئاتالمىش "يېڭى ھۆكۈمەت"كە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى بولۇپمۇ، شېڭ شىسەي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يازغان.
پۇشايمانمۇ ياكى ئېچىنىشمۇ؟

زىيا سەمىدىنىڭ قەلىمى ئاستىدا خوجا نىياز ھاجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللام قاتارلىق رەھبەرلەرنى تۇتۇپ بېرىپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىنكى مىجەز خۇلقىدىكى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەم قارىشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ،ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئانچە ئارىلاشماستىن بەلكى ، يېڭى ئالغان خوتۇنى "ياڭخاڭ خېنىم" بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكى، قىسقىسى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن ئېچىنىش ھەم ئۈمىدسىزلىك ۋە گۇمانلىنىش تۇيغۇسى بىلەن تولغان ئىچكى دۇنياسى ئوبرازلىق تىل ۋاستىلىرى بىلەن يورۇتۇلغان.
خوجا نىياز ھاجىمنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ كوماندىرى سوپاخۇن بىلەن زاماننىڭ سۆھبەتلىرى ئارقىلىق خوجا نىياز ھاجىمدىكى ئۆزگىرىشلەر تەھلىل قىلىنغان شۇنىڭدەك بىر قىسىم تەخسىچى، ئىش بۇزغۇچى ئادەملەرنىڭ ھاجىمنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشۇپ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىنغان .
زىيا سەمىدى ،ھاجىمنىڭ خاس قوغدىغۇچىلار كوماندىرى سوپاخۇننىڭ تىلى ئارقىلىق خوجا نىياز ھاجىمنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە دائىر ئىشلارنى كۆپىنچە ئۆيدە بېجىرىش بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسى ۋە قوبۇلخانىسىنىڭ دائىم دېگۈدەك بوش قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى بېجىرىش ھەم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئېتىبار بەرمىگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى نازارەتلىرىنى باشقۇرىۋاتقان يۇنۇش بەگ، ئابدۇللا ۋە ئابدۇراخمان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، مۇئاۋىن رەئىسلىكنىڭ رولىنى ھەقىقى يوسۇندا جارى قىلدۇرۇشقا قايتا-قايتا مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن، ھاجىمنىڭ نېمە سەۋەبتىندۇر بۇ ئىشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى يازىدۇ.
خوجا نىياز ھاجىم ئىسيانكار سەركەردە، لېكىن ئۇستا سىياسەتچى ئەمەس
زىيا سەمىدى ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى زاماننىڭ خوجا نىياز ھاجىم ھەققىدىكى يەكۈنىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ؛
" راست ، خوجا نىياز ھاجىم ئىسيانكار سەركەردە، جەسۇر جەڭچى. لېكىن، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇستا سىياسەتچى ئەمەس، خۇسۇسەن نازۇك دىپلومات ئەمەس ئىدىكى، "شەھەرنى جەڭ بىلەن ئىشغال قىلىشتىن كۆرە، باشقۇرماق مۈشكۈل" دېگەندەك ئۆز ۋاقتىدا پىدائىي جەڭچىلەرنى ئۇيۇشۇرتۇرغان، ئۇلارنى جەڭ مەيدانىغا باشلاپ قوماندانلىق قىلغان ۋە دۈشمەن ئۈستىدىن زەپەر قازىنىپ، "غازى غوجام" دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان بۇ مىللىي سەركەردە ئەمدىلىكتە جەڭگىۋار قورال ئورنىغا قەلەمنى ئالماشتۇرۇپ، ئەل-يۇرتنى تېچلىقتا باشقۇرۇش، خەلق پاراۋانلىقىنى تەمىن ئېتىشتەك مۇھىم ۋە مۇرەككەپ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى سەزگەن ئىدى، ھە –شۇنداق، دۆلەتنى باشقۇرۇش جەھەتتە نە، نەزەرىيىۋى، نە، ئەمەلىي تەجرىبىدە تامامەن ئىگە ئەمەس "قارا تۈرك" سەردار ھەربىي مەيداندىن سىياسەت مەيدانىغا يۆتكىلىشى بىلەنلا ئۆزىنى، گويا تۇمانلىق تۈن كېچىدە تۇيۇق كوچىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى."
ئەركىن ھاياتنى سېغىنىش
زىيا سەمىدى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ پىكىرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق يازىدۇ؛
"قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزدېنتى بولغان چېغىدا بۇ قەدەر ئاجىزلىقنى سەزمىگەن ئىدى. دادىل ھۆكۈمەت پەرمانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئىجراسىنى تەلەپ قىلاتتى. ئەتراپىدىكىلەر ئىتائەتمەنلىك بىلەن ھىمايە قىلاتتى. مىللىي مۇستەقىللىق دېگەن باشقا گەپ ئىكەندە-؟! ئۆزەڭ بەگ، ئۆزەڭ غوجا بولىدىكەنسەن، ئەتراپىدا ئۆز كىشىلىرى، مەسلىھەتچىلىرى بولىدۇكەن. دۆلەتنى باشقۇرۇشتا تەنەپ-تەمتىرەپ كەتمەيسەن، ھەممىسى ئۆز جىنس، ئۆز كىشىلىرىڭ، ئىشەشلىك تايانچىلىرىڭ، ھازىرچۇ؟ ھازىرقىسى "شېرىك ئوقەت"، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى، ئۆز خاھىشىنى ئالغا سۈرىدۇ، تالاش-تارتىش قىلىدۇ، ھەر ئىشتا سەزگۈرلۈك، تاپقۇرلۇق ۋە ئېھتىيات قىلىش كېرەك، خۇلاسە، مەقسەت كۈرىشى، مەنپەئەت كۈرىشى، ئېتىقات -دىيانەت كۈرىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىلىملىك سىياسەتچى، ئىستېداتلىق دىپلومات ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە ئىگىسى بولماق لازىم"
زىيا سەمىدى بۇ مەسىلىلەر جەھەتتە خوجا نىياز ھاجىم بىلەن ئۇنىڭ سابىق رەقىبى ئەمما ھازىرقى ۋاقىتلىق شېرىكى شېڭ شىسەينى سېلىشتۇرۇپ، مۇنداق يازىدۇ؛
"مۇشۇ نۇقتىلارنى نەزەر-ئېتىبارغا ئالغان ھالدا شېڭ شىسەي بىلەن خوجا نىياز ھاجىمنى سېلىشتۇرساق، خىتاي ئەمەلدارىنىڭ سالمىقى ئېغىر، تارازىنى بېسىپ چۈشىدۇ- دە خوجا نىياز ھاجىمنىڭ لەيلەپ قېلىشى مۇقەررەر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تىزگىنى شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ئىدىكى، خوجا نىياز پەقەتقىنا ياۋىداق ئات ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان"
زىيا سەمىدى يۇقىرىدىكى بايانلىرىدىن كېيىن، بىر-بىرىگە نىسبەتەن شېرىن دۈشمەن ھېسابلىنىدىغان ئىككى شەخس يەنى بىرسى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايۋاتقانلىقىدىن تېرىكىپ، غەزەپلىنىۋاتقان، يەنە بىرى بۇ نادان ئۇيغۇرنى ئاخىرى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئويۇنچۇق قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن چەكسىز خوش بولۇۋاتقان، خوجا نىياز ھاجىم بىلەن شېڭ شىسەينى بىر يەردە ئۇچراشتۇرۇپ، شېڭ شىسەينىڭ يالغاندىن ئۆلكىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى بېجىرىشتە خوجا نىياز ھاجىمغا مەسلىھەت سالغان ۋە ئۇنىڭ قوشۇلۇشىنى ئالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە خوجا نىياز ھاجىمنى كولدورلۇتۇپ، ھەممە ئىشنى ئۆز پىلانى ۋە ئۆز خاھىشى بويىچە بېجىرگەنلىكى، قىسقىسى ئۇنىڭ دائىم خەلقنى ئالداش ئۈچۈن ئەمىر-پەرمانلارغا خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىمزاسىنىمۇ قوشۇپ قويغانلىقى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيەت ئەزالىرىمۇ شېڭ شىسەينىڭ قولىدىكى ۋە ئۇنىڭ خاھىشى ئاستىدىكى قورچاق بىر ھەيئەت ئىكەنلىكىنى يورۇتىدۇ.
زىيا سەمىدى ئۆز تەسۋىرلىرىدە خوجا نىياز بىلەن شېڭ شىسەي ئۇچراشقاندا خوجا نىياز ھاجىمنىڭ شېڭ شىسەينىڭ يالغانچىلىقىنى بىلمەيدىغان ئۇنچىۋالا نادانلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ھەتتا شەڭ شىسەيگە قوپاللىق ۋە چۇسلۇق بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكىنى ،بۇ ئىككىسىنىڭ سۆھبىتىنىڭ ناھايىتى سوغۇق رەۋىشتە ئۆتىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.(ئۈمىدۋار)