زەھەرگە قارشى كۈرەشتىكى يەنە بىر دۈشمەن- نەشە
2010.12.08

90 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار " خىروئىن" دىن ئىبارەت زەھەرنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ خىل زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىش سەۋەبلىك ياشلىقىنى، ھاياتىنى نابۇت قىلدى، پۈتۈن ئائىلىسىنى بەختسىزلىككە يولۇقتۇردى، ئەيدىز ۋە باشقا ئەگەشمە بالا - قازالار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئېغىر بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى.
زەھەرلىك چېكىملىك يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك بالاسى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ياشلىرى زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ خىروئىننىڭ تەسىرىگە ھەممىدىن بەكرەك ئۇچرىدى. بۇ زەھەرنىڭ زور بالاسى - ئاپەتلىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار خروئىنغا " ئاق ئالۋاستى" دەپمۇ نام بەرگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەر چەكلەش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىھەت سوراش مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان زاھىدەنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، گەرچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان زەھەر چەكلەش ھەرىكەتلىرى شۇنداقلا خەلق ئارىسىدا قاتتىق ساۋاق ئېلىشتىن شەكىللەنگەن زەھەردىن ھەزەر ئەيلەش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەلىم - تەربىيىلەرنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇرلاردىكى خىروئىنغا ئۆگىنىپ قېلىش مەسىلىسى بىر قەدەر تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەشىدىن ئىبارەت زەھەرلىك چېكىملىك ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بەكرەك يامراشقا باشلىغان. يارپ زەھەر تاشلاش قىزىق لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغانلار ئارىسىدىمۇ نەشىگە ئائىت مەسلىھەت سورايدىغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن.
زاھىدە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە زەھەر چەكلەشكە ئائىت ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى بويىچە نەشىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى يامراش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
بۇ ھەقتە يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر ياشمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ نەشە چېكىشنىڭ ئومۇملىشىپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى چۈشكۈنلۈكتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئالامەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا بۇ ھەقتە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن ئەپەندى نەشىنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە توختالدى.
مەمتىمىن ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دائىرىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر چەكلەشتە قالاق، قېلىپلىشىپ قالغان ۋاسىتىلەرنى تاشلاپ، زەھەر چەكلەشتە، جەمئىيەتكە ئېقىپ كىرىۋاتقان تۈرلۈك زىيانداش زەھەرلەرنى ئورتاق تازىلاش، مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، زەھەر چەكلەشتە ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا ھەر خىل زەھەرلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئورتاق زەربە بېرىشكە چاقىردى.