ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى ئېلان قىلىندى
2012.09.04

دەرۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدە 94 ناھىيە، شەھەر، رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىز بايقالغان بولۇپ، تىزىملانغان يۇقۇمدارلار سانى 36159 نەپەر ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرى يەنە تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى» نى ئېلان قىلدى، بۇ ستاتىستىكا گرافىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سان كۆرسەتكۈچى 25 مىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا نىسبىتى ئالاھىدە شۇنداقلا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەل ئىچى جەمئىيەتلەردىن «يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزى» نىڭ تور بېتىگە 30-ئاۋغۇست «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى» ناملىق خەۋەر قويۇلدى.
مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبەت تاختىسىدىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇم سانى خىتاي، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق باشقا مىللەتلەردىن ئەڭ يۇقىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ 5000 سىزىقىغا بارمىغان بولسا، «ئۇيغۇر»نىڭ سان كۆرسەتمىسى 25000 سىزىقىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. شۇنداقلا خەۋەردە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا پەرققە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇ مىللەتنىڭ خاراكتېرى بىلەن ئېڭىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىققا نىسبەتەن جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىمۇ بولمايۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك» دېگەندەك، كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان ئىزاھاتلار يېزىلغان.
ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ۋابا ئۇيغۇرلارغا دۇنيادا بايقىلىپ 14 يىلدىن كېيىن، خىتايدا بايقىلىپ 10 يىلدىن كېيىن يەنى 1995-يىلى بىر ئاققۇن خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، تېز ئارىدا شىددەت بىلەن يامراپ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھازىرغىچە 36 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم، يۇقىرىقى ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 27058 نەپەر، خىتايلار 2337 نەپەر، تۇڭگانلار 1315 نەپەر بولۇپ، قالغىنىنى باشقا مىللەتلەر ئىگىلەيدىكەن. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 31%ini ئاياللار تەشكىل قىلىدىكەن.
بىز بۇ خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئەيدىزنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەردە تارقىلىش نىسبىتى ھەققىدە بۇ ستاتىستىكىنىڭ قايسى ئورۇن تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يارپ مەركىزىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، مەركەزنىڭ قۇرغۇچىسى ئەيدىز پىدائىيسى ئەخمەت قۇربان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
گەرچە بۇ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى ھەققىدىكى ستاتىستىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىشى بولسىمۇ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ۋە رادىئومىزغا بۇ ھەقتە كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ستاتىستىكا كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلغان بولسا، كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان بايانلار كىشىلەردە نارازىلىق ۋە نەپرەت پەيدا قىلغان، يەنە بەزىلەردە بولسا، ئۆز مىللىتىگە بولغان ئېچىنىش، ئۆكۈنۈش شۇنداقلا چۈشكۈن بىر كەيپىياتلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا، بۇ سانغا گۇمان بىلەن قاراشتىن سىرت، بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ كەمسىتىش، يەنىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بولسا، «مەيلى بۇ سانلىق مەلۇمات راست بولسۇن، يالغان بولسۇن، ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇرلاردىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەيدىز ۋە باشقا مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ تارقىلىشنى توسمايلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئۆزىدە بار بولغان ئەخلاقسىزلىقلارغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان دىن، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەخلاقىدىن ئايرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ۋابالارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرماقتا. ھەتتا ئەڭ ئاخىرى ئۇلارنى روھى جەھەتتىنمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈپ تۈگەتمەكچى، ئۇيغۇرلار ئەسلى مەسىلىنىڭ نېگىزىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۆزىدىن ئويغانمىغۇچە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىدە ئەيدىز مەسىلىسى يەنىمۇ ئېغىرلاپ بارىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
مەرىيلەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس جاستىن رودېلسون ئەپەندى 2002-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مەخسۇس ئەيدىز ھەققىدە توختىلىپ «ئەيدىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئەڭ ئېغىر تەھدىت» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى شۇنداقلا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ بۇ قەدەر شىددەت بىلەن تارقىلىشىنى ھەقىقىي توسىمەن دەيدىكەن، ئەيدىزگە قارشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، مىللىي ئەخلاقنى ئۆستۈرىدىغان ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈشى، مەشرەپ، مەدرىسىلەرگە يول قويۇشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلى ئىلىدا مەشرەپنى توسۇۋېتىشى ئىنتايىن خاتا بىر تەدبىر بولغان» دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.