لاۋرى گارېت: خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى يەنىلا بەك كەمسىتىلىدۇ
2011.06.08

يىغىندا ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز كېسەللىكنىڭ ئايلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ۋە خانىم-قىزلار بۇ جەھەتتە يولۇقۇۋاتقان رىقابەتلەر ھەققىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللارنى تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.
7-ئىيۇندىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلىۋاتقان ئەيدىز قۇرۇلتىيى 10-ئىيۇنغىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئەيدىز قۇرۇلتىيىغا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى، پرېزىدېنت خانىملىرى، ئەيدىز پائالىيەتچىلىرى ۋە ئەيدىز قۇربانلىرى قاتنىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بۇ نۆۋەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەيدىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش، ئەيدىز بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىش ۋە ئەيدىز كېسىلى بارلىقى ئۈچۈن كەمسىتىلىش ئەھۋاللىرىنى تامامەن يوقىتىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بان كىمۇن بۇنىڭ ئۈچۈن كونكرېتنى تەدبىرلەرنى ئېلىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بۇ تارىخىي يىغىن بىر ھەرىكەت چاقىرىقى. ئالدى بىلەن بىز ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى دۇنياۋى ھەمكارلىققا موھتاج. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسنى 2015-يىلىغىچە توسىدىغان ۋە داۋالايدىغان ھەقىقىي چارە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
بانكىمۇن يەنە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا ياشلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بانكىمۇن بۇ نۇقتىلارنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا چوقۇم خانىم-قىزلارنىڭ ساغلاملىقى، قەدىر قىممىتى، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى چوقۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
خىتايمۇ ئەيدىز بىر قەدەر تىز يامرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
يىغىندا سۆزگە چىققان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز ئىشلار كومىتېتى دىرېكتورى مايكىل سىدىبى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ھىندىستانلارنىڭ كۆپ كۈچىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنداقتا خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقنى قانچىلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ؟
خىتايدىكى ئەيدىز ئەھۋالى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرى يەنىلا ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچرايدىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان تاشىقى مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەت بېرىش تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى شەرقىي ئاسىيا ئەيدىز ئىشلار مۇتەخەسسىسى لاۋرى گارېت خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆلچەملەردىن ناھايىتىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تاشىقى مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەت بېرىش تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئامېرىكىغا جايلاشقان ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلات بولۇپ، تاشقى مۇناسىۋەت مەسىلىلىرىدە مۇھاكىمە، تەقرىزلەرنى ئېلان قىلىدىغان تەتقىقات ئورگىنى.
لاۋرى گارېت خانىم مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ بارغان كۆزىتىشىمىزگە قارىغاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەپتە باسىدىغان مۇساپىسى تولىمۇ ئۇزاق. خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى يەنىلا بەك كەمسىتىلىدۇ. ئەيدىز تەھدىتىگە ئالاھىدە ئۇچرايدىغان شەخسلەرمۇ بەك تۆۋەن كۆرۈلىدۇ. ئۇلار ئەيدىز مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، تەكشۈرتۈش جەھەتلەردە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى 34 مىليون بولۇپ، بۇلارنىڭ 52 پىرسەنتىنى خانىم-قىزلار تەشكىل قىلىدىكەن.
بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە 7-ئىيۇن كەچقۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىدا «ئاياللار ساداسى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ ب د ت دا چاقىرىلغان ئەيدىز قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئەيدىزنىڭ ئەڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى خانىم-قىزلارنى تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشكەن.
شەرقىي ئاسىيا ئەيدىز مۇتەخەسسىس لاۋرى گارېت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاياللار ئەيدىزنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى توپ بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچرىغۇچى توپ ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاياللار ئەرلىرىگە شۇنچە سادىق بولغان تەقدىردىمۇ ئەرلىرى ھەرخىل يوللار بىلەن يۇقتۇرۇۋالغان ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئايالىغا يوقتۇرىدىكەن؛ ئاياللار بالىلىرىغا يۇقتۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ۋە بالىلار ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتىدىكى پائالىيەتچى زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاش ئىكەن.
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان.
بۇ ھەقتە توختالغان لاۋرى گارېت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەلۇم بىر دۆلەتتىكى كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغان ئاز سانلىق مىللەت توپىغا تەۋە كىشىلەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، خىتايدا كىشىلەر، ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇشى، ياشاش مۇھىتى ۋە كىرىمىدىكى پەرق تۈپەيلى ئوخشىمايدىغان كەمسىتىشلەرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇنداق كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، بۇلار ئۇچرايدىغان كەمسىتىش دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر بولىدۇ.
ئۇنداقتا، خىتايدىكى بۇ خىل ئەھۋاللارنى يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇيغۇر ئېلىدىچۇ؟
زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر خەلقى ھۆكۈمەت ۋە سىياسەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن شارائىتتا ئۆزىنى-ئۆزى تەربىيىلەش، ئۆزىنى-ئۆزى توغرا يولغا يېتەكلەش يولىنى تۇتۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
لاۋرى گارېت خانىم بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇرۇنقىغا قارىغاندا مەبلەغنى بىر قەدەر كۆپەيتكەنلىكىنى، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال بولسىمۇ، خىتايدا يەنە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا ھوقۇق بېرىش قاتارلىقلارنىڭمۇ ئەيدىزنى تىزگىنلەشتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.