تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىمىن قارىنىڭ مالايشىيادا كۆرگەنلىرى (3)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.09.20
uyghur-musapir-tayland-turkiye.jpg تۈركىيە تايلاندتىكى مۇساپىرلار لاگېرىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلار. 2015-يىلى ئىيۇل، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim
Tayland-uyghur-musapir-kesellik.jpg

تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۈرمە شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. 2014-يىلى 14-ئۆكتەبىر، تايلان. RFA/Erkin Tarim

Tayland--uyghur-musapir-kesellik-1-305.jpg

قىزىل يۇقۇمى يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئىپادىسى. RFA

Tayland-uyghur-musapir-kesellik-2.jpg

تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۈرمە شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. 2014-يىلى 14-ئۆكتەبىر، تايلان. RFA/Erkin Tarim

Tayland-uyghur-musapir-kesellik-3.jpg

تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۈرمە شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. 2014-يىلى 14-ئۆكتەبىر، تايلان. RFA/Erkin Tarim

Tayland-uyghur-musapir-kesellik-4.jpg

تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۈرمە شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. 2014-يىلى 14-ئۆكتەبىر، تايلان. RFA/Erkin Tarim

Tayland-uyghur-musapir-kesellik-5.jpg

تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۈرمە شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. 2014-يىلى 14-ئۆكتەبىر، تايلان. RFA/Erkin Tarim

ئەركىن تارىم: ئىمىن قارى سىز قاچان قانداق كەلدىڭىز تۈركىيەگە؟
جاۋاب: مەن دورا ئالغىلى سىرتقا چىققان ۋاقتىم، ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇۋاتقان ۋاقىت ئىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇتۇلۇپ، تۈرمىگە تاشلاندىم. تۈرمىدە 4 ئاي يېتىپ، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى تۈركىيەگە كەلدىم.

ئەركىن تارىم: تۈرمە ھاياتىڭىز ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
جاۋاب: تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى قورساقنى باقىدۇ، ئەمما تويمايدۇ. بۇ يەردە 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدۇم، قورساق ئاچ. بېرىدىغان نەرسىسىدە قورساق تويمايدۇ. ئەتىگەن بىر پىيالە گۈرۈچ، ئاخشام بىر پىيالە گۈرۈچ، 10 گراممۇ گۆش چىقمايدىغان بىر بېلىقنى يالاپ ئولتۇرىمىز. قورساق ئاچ، روزىمۇ تۇتالمىدىم. داڭلىغانلىق ئەمەس مالايشىيانىڭ تۈرمىسىدە قورساق تويدى. تۈرمىدە 33 كۈندەك تۇردۇم. قورساق تويدى. بۇ يەردىن ئۆتۈپ مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا كەلدۇق. بۇ يەردە ئادەم ئۆلۈپ كەتسىمۇ كارى يوق ئىكەن. بۇ يەردە 40 كۈندەك تۇردۇق. بۇ يەر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويمايدىغان، ياخشى كۈن كۆرۈپ كەتمەيدىغان بىر يەر ئىكەن. كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىمايدىغان. بۇ يەردە بىر ئۆيگە 250 ئادەمنى سولىدى. ھەممىمىز بىر يەردە مالدەك ياتىمىز.

ئەركىن تارىم: باشقا مىللەتلەرمۇ بارمۇ؟ بۇ يەردە نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟
جاۋاب: ياق يوق، ئۇيغۇرلارنى ئايرىم سولىدى. بۇ يەردە ئاز يەپ ئاز ئىچمىسەك چىقىرىدىغان يەر يوق. بەك قىيىنچىلىق تارتتۇق، ئوبېرنىسى يوق ئىكەن. 40 كۈن بۇ يەردە تۇردۇق. مەيلى سىرتتا بولسا مەيلى تۈرمىدە بولسۇن بىزگە ھاۋاسى ياقماي كۆپ ئادەم كېسەل بولۇپ كەتتى. كىچىك بالىلارغا قىزىل چىقىپ كەتتى، چوڭلارنى يارا بېسىپ كەتتى. يېنىمىزدا ياتقان ئادەملەرنىڭ بەدىنىدىن چاپ-چاپ قان ئاقىدۇ، يىرىڭ ئاقىدۇ. شۇنداق بولۇپ كەتتىكى، مەن ئات ۋە ئېشەكنىڭ سېسىپ كەتكىنىنى كۆرگەن. ئادەمنىڭ سېسىپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بىر قېتىم نان ئەكېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ سىرتتىن ئوتنى يىغىپ ئەكىرىپ، سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ بىر ئادەمنىڭ يارىسىغا سۈرسەم ساقىيىپ قالدى. مالايشىيانىڭ ھەقىقىي تۈرمىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىنىدىن قانلا ئاقتى. بەزىلەرنىڭ بەدىنى سېسىپ تېرىسى تۆكۈلۈپلا كەتتى. مەن ئۇ ئادەم بىلەن 21 كۈن بىر تۈرمىدە ياتتىم. ياتقانلا يېرى قان.

ئەركىن تارىم: ئۇ، ئادەم قانچە ياشلاردا ئىدى؟
جاۋاب: 63 ياشلاردىكى بوۋايدا بولدى. 37 ياشلاردىكى كۇچارلىق بىر قېرىندىشىمىزدا بولدى. بۇلار جىڭ تۈرمىدە بولدى. ئىمىرىگېشىنگە كەلگەندە 16 ياشلىق بىر بالا، 28 ياشتىكى يەنە بىر ياشتا بولدى. 30-40 ياشلاردىكى بىر قېرىندىشىمىزدا بولدى. بۇلارنىڭ بەدىنىدىن قان-يىرىڭلار ئېقىپ بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتتى.

ئەركىن تارىم: بۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ داۋالىمامدىكەن؟
جاۋاب: ئىمىرىگېشىندە ئۆلسىمۇ كارى يوق ئىكەن. ئۇ يەردە ھىندىستانلىق بىرىنىڭ ئۆلۈكىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆردۇق. دۇنيادا ئادەمنىڭ گۆشىدەك سېسىق پۇرايدىغان نەرسە يوق ئىكەن. ئۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قوللىرى يارا ئىدى. تۈركىيەگە كېلىپمۇ 3-4 ئايدا ساقايدى. ھاۋاسى ياقمىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئۆپكە كېسىلى بولۇپ كەتتى. بەزىسى تۈركىيەگە كېلىپ ئۆلۈپ كەتتى. 43 ياشلاردىكى كورلىلىق ئابدۇرەھىم قارى ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. مالايشىيادا كۆپى كېسەل بولۇپ كەتكەچكە تۈركىيەگە كېلىپمۇ ئىشلىيەلمەيۋاتىدۇ. مەن بىر دوختۇر تۇرۇپ مالايشىيادىن كېلىپ بىر يىل داۋالىنىپ ئاران ساقايدىم.

ئەركىن تارىم: ئېمىن قارىم راستىنلا ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپسىز؟ سىزگە ئەڭ ئېغىر كەلگەن نېمە بولدى؟
جاۋاب: ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى، دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنالمىدۇق. ئىككىنچىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلۈكنى ئەچىقىپ كۆمسەك تۇتۇپ سولاپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈپ قالغان بالىلارنى كېپەنگە يۆگەپ مەخپىي ھالدا جاڭگالغا ئاپىرىپ كۆمدۇق.

ئەركىن تارىم: سىزچە قانچە ئۇيغۇر ئۆلۈپ كەتتى؟
جاۋاب: ئاڭلىغانلىرىم ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ سانى يۈزدىن كۆپ، كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم 20. ئۇنىڭدىن باشقا مىڭ، ئىككى مىڭ دوللاردىن يەرلىك سېتىۋېلىپ كۆمگەنلەر ئون نەچچە كىشى. بۇ بىزگە كەلگەن بىر پاجىئە بولدى. بىر يىل ئىچىدە يۈز نەچچە ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. مالايشىيادا ماشىنىدا كۆيۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن 43 ياشتىكى ئادەم، ئۇنىڭ ئايالى ۋە 4 ياش بالا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتتى. دېڭىزغا چۈشۈپ ئۆلگەنلەر بولدى. خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆلدۇق، بىز ۋەتەندىن قېچىپ چىقىپمۇ ئۆلدۇق. دوختۇرخانىدا خاتا ئوكۇل سېلىنىپ قېلىپمۇ ئۆلدۇق.

يۇقىرىدا، ئاقسۇ ئاۋاتتىن چىقىپ تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىمىن قارى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.