ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار ياقتۇرۇپ يەۋاتقان بەزى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلەر نېمىدىن ياسالغان؟
2011.02.02

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان "سىز چاشقان گۆشىنى يەنە قانچە ۋاقىت يېمەكچى "، " ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا جىددىي سىگنال"، " بالىلىرىمىز نېمىلەرنى ئىستېمال قىلماقتا" دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردىكى مۇنازىرىلەردىن، خىتايدا پاش بولغان چاشقان گۆشىدىن كالباسا، يەنى "خوتۈيچاڭ" ياساپ سېتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇرلار ئىستېمال قىلىۋاتقان تەييار يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ كالباسا، يەنى خىتايچە خوتۈيچاڭ دەپ ئاتىلىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ھەققىدە نۇرغۇن يازمىلار چاپلاندى. بۇ تېمىدىكى يازمىلاردا، بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۆلكىسىدە بىر چاشقان باقىدىغان جاينىڭ بايقالغانلىقى، قىزىق نۇقتا پروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى چاشقان باققۇچىلاردىن بۇ چاشقانلارنى بېقىپ نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، تېخىمۇ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك جاۋابقا ئېرىشكەنلىكى يەنى چاشقان باققۇچىلارنىڭ مۇخبىرغا چاشقان باققاندا تەننەرخى باشقا ھايۋانلارنى باققاندىن جىق تۆۋەن بولغاچقا، چاشقانلارنىڭ تېرىسىنى كىيىملەرنىڭ ياقىسىغا، گۆشىنى بولسا تۈرلۈك كالباسا يەنى خىتايچە خوتۈيچاڭغا ئوخشاش تەييار يېمەكلىك ئىشلەشكە خام ئەشيا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى يېزىلغان.
ھەتتا، خوتۈيچاڭ ياساش تەپسىلاتى سۈرەتكە ئېلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن. چاشقان باققۇچىلار، سەمرىتىلگەن چاشقانلارنىڭ ئاۋۋال تېرىسىنى ئايرىغاندىن كېيىن، گۆش ۋە ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرىدىكەن، ئاندىن توخۇ گۆشى تەملىك (جىرۇۋچاڭ) ئىگە توخۇ تەملىك تېتىتقۇ تاللىقىنى، كالا گۆشى تەملىكىگە كالا گۆشى تېتىتقۇ تالقىنىنى، چوشقا گۆشى تەملىكىگە چوشقىنىڭكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ھوردا پىشۇرغاندىن كېيىن، بارماقتەك توملۇقتا كېسىپ، تۈرلۈك ماركىلىق خوتۈيچاڭ خالتىلىرىغا قاچىلاپ تەييارلايدىكەن-دە، ئۇ چوڭ - كىچىك تاللا بازارلاردا، كىشىلەر،ھەتتا بالىلار كەڭ ئىستېمال قىلىۋاتقان تەييار كالباسالارغا ئايلىنىدىكەن.
بۇ، ئاڭلىماققا ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن يىراق تېمىدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار چوشقا گۆشىدىن ياسالغان دەپ يېزىلغان خوتۈييچاڭنى ئىستېمال قىلمىسىمۇ، ئەمما كالا ۋە توخۇ تەملىك تەييار گۆش يېمەكلىكلىرى يەنى خىتايچە نيۇرۇچاڭ، جىرۇچاڭ دېگەندەك كالباسا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىستېمالىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ قاچىلىنىشى ئەپلىك، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، نۇرغۇن بالىلار ياخشى كۆرۈپ يەيدىكەن. شۇڭا مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇرلاردىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. بۇ خىل يېمەكلەرنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنى چۆچۈتكەن. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ۋە بالىلىرى ئىستېمال قىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرگە قايتىدىن دىققەت قىلىش تەۋسىيىلىرى كۈچەيگەن.
مەلۇم بىر تور بېتىدە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىدە بىر تورداش ئۇچرىغانلىرىنى بايان قىلىپ "ئەينى يىللاردا بىزمۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدا بىر كىچىك دۇكان ئاچقان، دەسلىپىدە بالىلار شۇ خىل خوتۈيچاڭلارنى سوراپ كىرىشتى، كېيىن بىزمۇ كىرگۈزدۇق، كېيىن بۇنىڭ تەركىبىدە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ گۆشى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قايتا كىرگۈزمىدۇق ۋە بالىلارنى مۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ يېمەسلىككە دەۋەت قىلدۇق، ئەمما بالىلار پەرۋاسىز قوشنا دۇكانلاردىن ئېلىپ يەۋەردى...." دەپ يازغان.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىتايچە خوتۇيچاڭ دەپ ئاتىلىدىغان كالباسا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قانچىلىك ئومۇملاشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە تاللا بازارلىرىغا تېلېفون قىلدۇق، زىيارەتلىرىمىزدىن ھەتتا مۇسۇلمانلار باشقۇرۇۋاتقان تاللا بازارلىرىدىمۇ بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ سېتىلىدىغانلىقى، بازىرىنىڭ ئىتتىكلىكى بايقالدى.
بىر ئۇيغۇر ياش ئاتا، ھەقىقەتەن بازاردا ھالال بولمىغان، ھەتتا سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە بەك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇدىرى، گەرچە مەكتەپتە بالىلارغا سىرتتىن سۈپەتسىز يېمەكلەرنى سېتىۋالماسلىق، ئىستېمال قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئائىلە ۋە جەمئىيەت ماسلاشمىغاندا، يالغۇز مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ چوڭ رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ زىيانداش يېمەكلىكلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
يېقىندا، خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى بېيجىڭ، شەندۇڭ، خېبېي قاتارلىق جايلاردا گۆشتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خوتۈيچاڭ تۈرىدىكى 58 خىل ماركىلىق يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرگەندە، بۇلارنىڭ 70% ئى سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمىغان، كۆپ قىسمىدا سالامەتلىككە زىيانلىق ماددىلار بايقالغان. بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈپ قالغان ھايۋاناتلارنىڭ، كېسەل ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ يەنە چاشقان، مۈشۈككە ئوخشاش كىچىك ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى خام ئەشيا قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.