'سايرامنىڭ تىنچلىقى' بۇزۇلدى

خىتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىر بايرىمى يەنى ئالتۇن ھەپتىلىكى ئاتالغان يەنە بىر ساياھەت دولقۇنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۆكتەبىر ساياھەت ھەپتىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى ئۈچۈن تازا پۇل تاپىدىغان پۇرسەت بولسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گۈزەل سەيلى ماكانلىرى ئۈچۈن بۇ ساياھەتچىلەر دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىدا يەنە بىر قېتىملىق بۇلغىنىشنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

0:00 / 0:00

تىنچلىقى بىلەن گۈزەللىكنى ساقلاپ كەلگەن سايرام كۆلى ئەنە شۇ ساياھەتچىلەر دولقۇنى ھەم يول ياساش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران بولىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى بولغان سايرامدا يۈز بېرىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش مەسىلىلىرى ھەم بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تەييارلىغان مەلۇماتلار دىققىتىڭلاردا بولغاي.

سايرام كۆلى دەيدۇ، يا ئاقمايدۇ - تاشمايدۇ...

سايرام كۆلى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز كۆللەردىن بىرى، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2070 مېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 454 كۋادرات كىلومېتىر سايرام كۆلى كۆگۈرچىن تاغلىرىدىكى تاغ ئارا ئۈزۈلمە ئويمانلىقلارغا كىرىدۇ. بۇ ئويمانلىقلارنى ئوراپ تۇرغان تاغلارنىڭ ئېگىزلىكى بولسا 3200 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ كۆلگە قويۇلىدىغان ئېقىنلار كۆپ بولۇپ، كۆل سۈيى تىنىمسىز داۋالغۇيدۇ ئەمما ساھىللاردىن ئاشمايدۇ. شۇڭا سايرام كۆلى يېپىق كۆللەرگە كىرىدۇ.

تەلكىنىڭ داۋانلىرىدىن ئېشىپ كەڭسايدىن ئۆتكەندە خۇددى ئاسماننىڭ كۆپ كۆك بىر پارچىسى يەرگە چۈشۈپ قالغاندەك گۈزەل سايرام كۆلى، خۇددى رىۋايەتلەردىكى گۈزەل مەھبۇبىنىڭ كۆزىدە لىغىرلاپ توختاپ قالغان بىر تامچە ياشتەك تىنىق ھەم گۈزەل بولۇپ، باھاردىن كۈزگىچە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئوخشىمىغان رەڭدىكى گۈللەر ئېچىلىپ رەڭگارەڭ گىلەم سېلىپ قويغاندەك كۆرىنىدۇ. ئۇ خىل - خىل مېۋىلەر ماكانى، گۈل - گىياھلار باغچىسى، تەبىئىي ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جەننىتى. تىل بىلەن تەسۋىرلەش ئاجىزلىق قىلىدىغان سايرام كۆلى شائىرلار سايرام ھەققىدە " جەننەت يىراق ئەمما سايرام يېقىن " دەپ يازغان.

سايرام مەنزىرىسىنى سەيلى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر ئۇنى خۇددى جەننەت دەپ تەسۋىرلەيدۇ

بىر ئىللىق بوۋاي سايرامغا بولغان سۆيگۈسىنى، ئۇنىڭ گۈزەللىكنى سايرام ھەققىدە ئىلى خەلقى ئەلمىساقتىن ئېيتىپ كەلگەن بىر خەلق ناخشىسىغا يىغىنچاقلىغان ئىدىOpens in new window ]

.

ئەمما گۈزەل سايرام كۆلىنىڭ تەقدىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور ئۆزگىرىش بولدى. ئەلۋەتتە بۇ ئۆزگىرىش ئىنسانلار تەرىپىدىن قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق. ساياھەتچىلىككە قارا قويۇق ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ياساش قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بۇ تىنىق كۆلنىڭمۇ جىمجىتلىقىنى بۇزماقتا، ئۇنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىسىنى خوراتماقتا. 2004 - يىلى سايرامدا 312 نومۇرلۇق دۆلەت تاش يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغاندا، سايرامدىكى بىر مالچى قازاق بوۋاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ "ئادەملەر جىقلاۋاتىدۇ، بۇ ئىلاھى كۆلنىڭ ئارامى بۇزۇلدى، گۈللەر سولدى، قۇشلار ھۈركىدى، ئەمدى سايرامغا يەنە ئاققۇ كېلەرمۇ...؟" دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ چوڭقۇر ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

سايرام ئىنسانلارغا يېقىن بولغانسېرى...

سايرام كۆلى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئىلى ئوبلاستى ۋە بورتالا ئوبلاستىغا يېقىن بولسىمۇ ئەمما بۆرتالانىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشى ئاستىدا. سەيشەنبە كۈنى بۆرتالا ھۆكۈمەت خەۋىرىگە قارىغاندا، سايرام ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان ئالمالىقتا تۆت يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 56 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشى كېلەركى ئايدا پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. 312 - نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولىغا ماس ياسىغان بۇ ئايلانما تاش يول قۇرۇلۇشى بەش لىنىيىلىك يول، بەش ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك، 19 چوڭ كۆۋرۈك 13 ئوتتۇراھال كۆۋرۈكلەردىن تەركىپ تاپىدىكەن. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ يول پۈتسە ئەتراپتىكى شەھەر رايونلارنىڭ سايرام بىلەن ئۇلىنىدىغان قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ھەم راۋان بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلى ساياھەت تورى ۋە مۇھىت ئاسراش تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تورلىرىدىكى سايرامغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا سايرام كۆلى "ئائائائا" دەرىجىلىك ئالىي ساياھەت رايونى بولۇپ، دائىرىلەر سايرامنىڭ دەرىجىسىنى "5 ئا"غا كۆتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان. سايرام ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى160 تىن ئارتۇق دوگۋارلاشقان ساياھەت شىركەتلىرى سايرامغا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا بىۋاستە ساياھەتچى ئېلىپ كېلەلەيدىكەن. سايرام ساياھەت رايونى بۇ يىل باشلىنىپ ھازىرغىچە 132 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، سايرام ساياھەت رايونىغا ساتقان بېلەتتىنلا 1 مىليون 800 مىڭ يۇئەن تاپاۋەت قىلغان.

خىتاي ئىچى ساياھەتچىلىرىنىڭ ئاڭسىزلىقىدىن ...

سايرامدا يۈز بېرىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىق، يالغۇز ئىنسانلار تەرىپىدىن يەنى ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنىۋاتقان بۇلغىنىش ناھايىتى ئېغىر بولماقتاOpens in new window ]

. سايرامىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى ساياھەتچىلىكتىن باشقا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ شاۋقۇنى، تەبىئىي يېشىل يوپۇقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئىس تۈتەك سەۋەبىدىن ھاۋا بۇلغىنىشى، ياۋايى گۈل گىياھ، ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇشى قاتارلىق زەنجىرسىمان سەۋەبلەرگە تاقىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى سايرام كۆلىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى قوغداش ۋە تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە 2004 - يىلى مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ بىر قاتار تۈزەشكە دائىر ھەرىكەتلەرنى قوللانغان بولسىمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان سايرام كۆلىدە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ پائالىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن راۋاجلانغان بولسىمۇ ئەمما بۇ جايدا ساياھەتچىلىككە لازىم بولغان ئاساسىي مۇئەسسەسىلەرنىڭ قۇرۇلۇشى مۇناسىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان بولغاچقا، ئىنسانلارنىڭ قالدۇرغان تۇرمۇش ئەخلەت قالدۇقلىرى شۇنداقلا يول ياساش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى بارا - بارا سايرامىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى تېخىمۇ زور ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

سايرامغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار كىملەر؟ بۆرتالا ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ساياھەت شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت دىرېكتورى لى چۈنخۇئا سايرامنىڭ ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بۇ جايدا ئادەمنىڭ كۆپۈيىشىدىن، بولۇپمۇ ئىچكىرى خىتايدىن كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

-- سايرامىنىڭ ساياھەتچى ئەڭ كۆپ ۋاقتى قاچان؟

-- تېخى يېقىندىلا سايرامدا خەلقئارالىق ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ كۆپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدۇق. ئادەتتە ياز پەسلى بولۇپمۇ 6 ئايدىن 9 ئايغىچە سايرام بەك گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ،ساياھەتچىمۇ ئەڭ كۆپ ۋاقىت.

-- ئاڭلىشىمچە سايرامدا ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى دېگەندەك كېرەكلىك ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر كام ئىكەن بۇنداق شارائىتتا سايرامنىڭ مۇھىتىغا قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟

-- مۇھىت بۇلغىنىش ئايرىم ئەھۋال، بىز ئاساسەن ئۆزىمىز ئېلىپ بارغان ساياھەتچىلەرگە خالتىلارنى تارقىتىپ بېرىپ ئەخلەتلىرىنى سېلىپ قايتۇرۇپ كېلىشنى تاپشۇرىمىز، كېيىن يىغىپ ئېلىپ كېتىمىز. بۇنىڭغا چەتئەللىك مېھمانلار رىئايە قىلغىنى بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ مەملىكەتنىڭ ساياھەتچىلىرى ئانچە رىئايە قىلمايدۇ شۇ بەزىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمدى ھۆكۈمەت بۇ تۈر بويىچە تۈزەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بارغانچە ياخشىلىنىشى مۇمكىن.

-- دېمەكچى بولغىنىڭىز، سايرامىنىڭ مۇھىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرۇتىۋاتقانلار يەرلىك كىشىلەر ئەمەس، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ؟

-- شۇنداق، دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ئېڭى ساپاسى تېخى چەتئەللىكەردەك ئۇنداق يۇقىرى بولمىغاچقا، بەزىدە بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكمۇ تەسكەن.

ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكىدە سايرام يەنە بىر زور ساياھەت دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. 29 - سېنتەبىر شىنخۇئا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈۋاتقان خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىنىڭ شىنجاڭ ھەپتىلىكىدە شاڭخەيدىكى بەش چوڭ ساياھەت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن 150 مىليون يۈئەنلىك ساياھەتچىلىك كېلىشىمى تۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ساياھەت شىركەتلىرى، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى 15 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىكەن.

شىنخۇئانىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلى ساياھەتچىلىكى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.