يوقىلىش گىردابىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى (3): يېڭىسار پىچاقچىلىقى

ئوبزورچىمىز نەۋباھار
2023.04.20
uyghur-pichaq-pichaqchiliq-3 پىچاق بىلىگۈچى خوتەندىكى گىلەم زاۋۇتىدا گىلەم توقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، قولدا ياسالغان پىچاقنى بىلەپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2003-يىلى 15-سېنتەبىر.
REUTERS

پىچاقچىلىق كەسپى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىدىن بىرىدۇر. پىچاقچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەيپىيات، سۇ ئامبىرى، رايوننىڭ نېفىت ۋە باشقا تەبىئىي بايلىق زاپىسى تۈپەيلى ئۇيغۇر پىچاقچىلىقىنى يوقاتماقتا. بۇ سۈرەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىچاق دۇكىنىدىن كۆرۈنۈش. 2008-يىلى 1-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.

ئۇيغۇر ئەرلىرى ۋە يىگىتلىرىنىڭ يېنىغا پىچاق ئېسىپ يۈرۈش ئادىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، كۈندىلىك تۇرمۇش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە يانداشقان ھالدا، بىر تۈرلۈك ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەنئەنە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئادەتتۇر. پىچاقنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ۋە روھىي قاتلىمىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇيۇم ئىكەنلىكى مەيلى تاشكېمىر سىزمىلىرىدا بولسۇن ياكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردا بولسۇن روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا پىچاقنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسى ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر دېتاللىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن. ئۇلار پىچاقنى خاتىرجەملىكنىڭ، ھەقىقەتنىڭ، شۇنداقلا ئەرلىك غۇرۇر ۋە جاسارەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ بىلىپ كەلگەن. ئۇزاق تارىختا ئات ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ بىر قانىتى بولۇپ كەلگەن بولسا، پىچاق يەنە بىر قانىنىتى بولۇپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خەلق ئارىسىدا بالىنى بۆشۈككە سالغاندا، ئەگەر ئوغۇل بالا بولسا ياستۇقىنىڭ ئاستىغا پىچاق قويۇپ قويۇدىغان ۋە قەسەم قىلغاندا پىچاقنى يەرگە سانچىپ قويۇدىغان ئۇدۇملار شەكىللەنگەن. ھەتتا ئەرلەرنىڭ بېلىگە پوتا باغلاش ئادىتىمۇ پىچاقنى يانغا ئېسىش ئىھتىياجىدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراشقا بولىدۇ. پىچاققا باغلانغان بۇ رىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ مول ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، ناخشا-ئۇسسۇللىرى، ماقال-تەمسىللىرى ۋە رىۋايەت-چۆچەكلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

ئۇيغۇر پىچاقچىلىقىنىڭ گۈل تاجى بولغان يېڭىسار پىچىقى تارىم بوستانلىقىنىڭ غەربىي-جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يېڭىسار بوستانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجادىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن «يېڭىسار پىچىقى» دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار ياشىغان ئەڭ قەدىمكى ماكانلاردىن بىرى بولغان يېڭىسار بوستانلىقى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى راۋاج تاپقان مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپ، تۆمۈرچىلىك، كۇلالچىلىق، سەرگەزچىلىك، تاشچىلىق، موزدۇزلۇق، تۇماقچىلىق قاتارلىق ھۈنەر-كەسىپلەرمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان. بۇ ھۈنەر-كەسىپلەر ئىچىدە پىچاقچىلىق ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. يېڭىساردا پىچاق ياسىغۇچى ئۇستىلارنىڭ سانى كۆپ بولۇشتىن باشقا يەنە ئۇلار ياسىغان پىچاقلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا جايلاردىكى پىچاقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە يېڭىسار پىچىقى مىللىي خاسلىقى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، سىرتقى كۆرۈنۈشىنىڭ نەپىس، كۆركەم، ئۆتكۈر ۋە چىدامچانلىقى، شۇنداقلا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھەم ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر پىچاقلىرىنىڭ تۈرى ۋە شەكلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ پىچاقنىڭ تىغى ۋە دەستىسى ھەر خىل شەكىلدە ياسىلىدۇ. يېڭسار پىچىقى ئەلا سۈپەتلىك پولاتنى خام ئەشيا قىلىپ سوقۇلىدىغان بولۇپ، ئاۋۋال ھۈنەرۋەنلەر ماتېرىياللارنى ئوتتا تاۋلاپ، بازغان بىلەن سوقۇپ، تىغ ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئاندىن سۇغا سېلىپ قايتا-قايتا سۇغىرىپ، داتلاشمايدىغان ۋە گاللاشمايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭىسار پىچىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تىغ قىسمىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، سېپىغا ئويۇلغان نەقىشلەردىمۇ ئالاھىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. پىچاق سېپى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، ھايۋانلارنىڭ مۇڭگۈزى ۋە سۆڭەكلىرى، قاشتېشى، سەدەپ قاتارلىق ئەتىۋارلىق بۇيۇملار بىلەن بېزىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە ماس غىلاپلار سەپلىنىدۇ. بۇ ئويۇلغان نەقىشلەر پىچاقلارغا چوڭقۇر مەدەنىيەت قاتلىمى ئاتا قىلىپ، ئىستېتىك قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. پىچاق سوقۇش جەريانى ئىنچىكە ۋە يۇقىرى ماھارەت-ھۈنەر تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئېسىل پىچاقلارنى سوقۇپ چىقىش ئۈچۈن، پىشقان ئۇستىلار 2-3 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا بەزى يېڭىسار پىچاقلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى قىممەت بولۇشىدىكى سەۋەب مۇشۇ. ئادەتتە بۇ يۇرتتىن چىققان قەلەمتۇراچ، بەكە-پىچاقلارغا ‹‹يېڭىسار›› دېگەن خەت ۋە پىچاق سوققۇچى داڭلىق ئۇستىلارنىڭ ئىسمى ئويۇپ قويۇلىدۇ. بۇ يېڭىسار پىچىقىنىڭ نوپۇزىغا نىسبەتەن بىر مۇئەييەنلەشتۈرۈش خاراكتېرىدىكى بەلگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خوتەندىكى ئۇيغۇر رېستورانىدا ئاشپەزنىڭ ئېشىلگەن سىم بىلەن باغلاپ قويۇلغان پىچاقنى ئىشلىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 31-ماي.
خوتەندىكى ئۇيغۇر رېستورانىدا ئاشپەزنىڭ ئېشىلگەن سىم بىلەن باغلاپ قويۇلغان پىچاقنى ئىشلىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 31-ماي.
AFP

پىچاقچىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەم قوشۇمچە ئىگىلىك ھەم ئاساسىي ئىگىلىك قاتارىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە پىچاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش بىلەن بىرلىكتە، سودا كارۋانلىرى ئارقىلىق باشقا ئەللەرگە ئاپىرىپ ساتقان. دېمەك، پىچاقچىلىق تەكلىماكان ۋە تارىم بوستانلىقلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولغانىدى.

19-ئەسىردە بىر تۈركۈم ئەنگىلىيەلىك سەيياھلار قەشقەرىيە دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەرىيە دۆلىتىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە بازار ئەھۋالى ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك دوكلاتلارنى تەييارلاپ ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە روبېرت بېرناد شاۋ (Robert Bernard Shaw) ۋە توماس دوگلاس فورسىس (Thomas Douglas Forthys) قاتارلىقلارنىڭ 1875-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، قەشقەرىيەنىڭ تىجارەت ئومۇمىي ئەھۋالى، كارۋانلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئانالىزلىرى ئورۇن ئالغان. بۇ دوكلات ۋە تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دوكلاتلاردا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر شەھىرىنىڭ بازار كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مەلۇم سودا بازىرىدا دۇكانلارنىڭ ھەر كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى، بۇ جايدا ئاز دېگەندە 300 نەچچە دۇكان ۋە ئون نەچچە چوڭ كارۋان ساراي بارلىقى، شۇنداقلا قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنىڭ تۈرى، سانى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە پىچاقچىلىق كەسپى ھەققىدىمۇ بايانلار بولۇپ، بىر سودا بازىرىنىڭ ئىچىدىلا ئون ئۈچ پىچاقچى دۇكىنى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىزگە ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر شەھىرىدىكى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ، ئوبوروت مىقدارىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھالبۇكى، نامى دۇنياغا تارالغان يېڭىسار پىچاقلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىغان بولۇپ، يېڭىسار پىچاقچىلىقى نۆۋەتتە يوقىلىش گىردابىدىكى ھۈنەر-كەسىپلەردىن بىرى بولۇپ قالغان. گەرچە 2007-يىلى يېڭىسار پىچاقچىلىقى «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا خىتاي بويىچە ئەنئەنىۋىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى باھالاشتا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ كەسپنىڭ ئۇستىلىرى ئۈزۈلۈپ قېلىشقا، ئىگىلىكى ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

ئىلگىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا 90-يىللاردىن باشلاپ پىچاق ۋە قىڭراق تىپىدىكى تىغلىق سايمانلارغا چەكلىمە قويۇش باشلانغان بولۇپ، 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تىغلىق ئەسۋابلارنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىش چەكلىمىلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويغان. كېيىنچە ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەر-يېزىلاردا تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككىلىك كود ئورنىتىپ ئارخىپلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنغان. نەتىجىدە بۇ خىل كونترول ۋە تەكشۈرۈشلەر ئۇيغۇر خەلقىنى ساراسىمىگە سېلىپ، ھېچكىممۇ يېنىدا پىچاق ئېلىپ يۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈركىيە يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئالى چاقسۇ (Ali Çaksu) 2020-يىلى ئېلان قىلغان «خىتايچە ئۇسلۇبتىكى ئىسلام قورقۇنچى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاينىڭ پىچاقلارغا ئىككىلىك كود ئورنىتىش بەلگىلىمىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قىلمىسىنى ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە يەھۇدىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە ئىبرانىي دىنىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسىنى سىزىپ قويغاندىنمۇ بەكرەك ئېغىر قىلمىش، دەپ ئەيىبلەيدۇ.

دېمەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى داۋامىدا پىچاق، قىڭراق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارغا بولغان قاتتىق چەكلىمە ۋە كونتروللۇققا ئەگىشىپ، يېڭىسار پىچاقچىلىقىمۇ بارا-بارا ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىچاق قاتارلىق ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان تىغلىق سايمانلارغا بولغان قاتتىق كونتروللۇقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىغلىق سايمانلارنى ئېلىپ يۈرۈشىگە بولغان سەزگۈرلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزەرىدە پىچاق «تېرورلۇق» بىلەن باغلانغان بىر سىمۋول ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا گەرچە يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كوپېراتىپ خاراكتېرىدىكى «پىچاقچىلىق كەنتى» بەرپا قىلغانلىقى ھەققىدە تەشۋىقاتلار يېيىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېڭىسار پىچاقچىلىقى ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ بىر كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان چەت ئەللىك ۋە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ تورلاردىكى ئىنكاسلىرىغا ۋە تەۋسىيەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا بىردەك قولدا ئىشلەنگەن پىچاق ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغان. بازاردا سېتىلىۋاتقان پىچاقلار خىتاينىڭ گۇاڭجۇ قاتارلىق ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەردە زاۋۇتلاردا ياسىلىپ، ئۇنىڭغا يالغاندىن «يېڭىسار پىچىقى» دېگەن ماركا ئويۇلۇپ سېتىلىدىغان بولغان. خىتاي تور سەھىپىلىرىدە «نۆۋەتتە يېڭىساردا 1000 دىن كۆپرەك پىچاقچىلىق ئۇستىسى بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماقتا» دېگەندەك تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئېقىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ «ئۇستام» لارنى تاپقىلى بولمايدىكەن.

ئىلگىرى «شىنجاڭغا ساياھەت» نامىدا ساياھەت قوللانمىسى نەشىر قىلدۇرغان ساياھەتچى جوش ساممېرنىڭ (Josh Summer) ئېيتىشىچە، ئۇ 2016-يىلى يېڭىسارغا بارغان ۋە پىچاق سېتىۋالماقچى بولغان. ئۇ ساياھەت بىلوگىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، يېڭىسارنىڭ خۇددى ئەرۋاھلار شەھىرىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى، سودا قىلىۋاتقان بىرمۇ پىچاق دۇكىنىنى تاپالمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە باشقا ساياھەتچىلەرگە ئۇ يەردىن پىچاق ئالماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان، چۈنكى پىچاق سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ، چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن چېگرا سىرتىغا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. يەنە بىر مەسىلە بازاردا سېتىلىۋاتقان پىچاقلارنىڭ ھەممىسى زاۋۇتتا ئىشلەنگەن ساختا «يېڭىسار پىچاقلىرى» ئىكەن. بۇلارنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىكەن.

پىچاقچى ئۇستىلارنىڭ غايىپ بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان «يېزا ئېشىنچا كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ياكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى» دەپ ئاتاۋاتقان ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىۋېتىش سىياسىتىدۇر.

بىر زامانلاردا يىراق-يېقىندا داڭق چىقارغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جۇلالىق ناماياندىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلانغان يېڭىسار پىچىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئاخىرىقى تىنىقى بىلەن جان تالاشماقتا. پىچاقچىلىق كەسپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى سىياسىي تەشۋىقاتى ۋە يوقىرى بېسىملىق كونترولىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا.

شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت يېڭىسار پىچىقى ھەققىدىكى شېئىرىي مىسرالىرىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:

ناۋادا نورۇز بىر پىچاق بولسا،

يېڭىسار پىچىقى بولار ئۇ چوقۇم.

ئانارمۇ يېرىلىدۇ يۈرەكتەك ئاخىر،

كۈنلەرمۇ-تۈنلەرمۇ پەقەت بىر يۇتۇم.

ئاشۇ پىچاقتا يىلىم كولايدۇ قەشقەرلىك ئايال،

پىياز چانايدۇ كۆزلىرى يۇم-يۇم.

ئېتىزىدىن كۆك تېرىيدۇ كۆكلەمدەك كۈلۈپ،

پىچاقنىڭ بىسىدا چېچەكلەيدۇ قۇم.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.