دۇنيادا شېكەر كېسىلى بارلار 200 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى
2011.03.30

بۇنىڭدا كېسەللىكنىڭ ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى ۋە ھەددىدىن زىيادە سېمىزلىك ئېغىر دەرىجىلىك شېكەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، باشقا يەنە ئىرسىيەت تۈپەيلى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە، شېكەر كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ 2030-يىلىغا قەدەر ئىككى ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا سەھىيە بىرلەشمىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئىرا گولدفايننىڭ ئېيتىشىچە، شېكەر كېسىلى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان خەتەرلىك كېسەللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل كېسەلنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىشىمىز ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنى ياخشى ئېلىپ بېرىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە داۋالاش يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك».
ئېغىر تىپتىكى شېكەر كېسەللىكى، بەدەندىكى قان شېكىرىنىڭ ئېنېرگىيىلىك ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق كۆرسىتىپ، قاندا شېكەر پەيدا قىلىپ، ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىكەن. شۇڭا، شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار، قاندىكى شېكەر نىسبىتىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ھەمدە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
شېكەر كېسىلى ئۇيغۇرلاردىمۇ كۆپ تارقالغان كېسەللىك بولۇپ، دوختۇر مەمتىمىن ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى ۋە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا توختالدى.