خىتاي تۇپراقنىڭ قۇملىشىش مەسىلىسىدە جىددىي خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى

تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ، تېرىلغۇ يەر ۋە ياشاشقا بولىدىغان يەر زېمىنلارنىڭ تارىيىپ كېتىش خەۋپى يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بۇ جەھەتتىكى خەۋپنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلماقتا. خىتاي ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقى 2009‏- يىلدىن باشلاپ بۇ مەسىلە ئۈستىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن "قۇملىشىشنىڭ خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئېكولوگىيىلىك مەسىلە ئىكەنلىكى" مەلۇم بولغان.

0:00 / 0:00

خىتاي ئورمانچىلىق ئىدارىسى قارمىقىدىكى بىر ئورگان 2009‏- يىلدىن باشلاپ تۇپراقنىڭ قۇملىشىش ئەھۋالى ئۈستىدىن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئومۇمى تۇپراقنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك قىسمى چۆللەشكەن، شىخىللاشقان ۋە ياكى قۇم ئاستىدا قالغان بولۇپ، بۇنىڭ "خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ئېكولوگىيىلىك مەسىلە " ئىكەنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تۇپراقنىڭ شېخىللىشىش، چۆللىشىش ۋە قۇم ئاستىدا قېلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا قۇرغاقچىلىق، بوز يەر ئېچىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بېرى سۇ ۋە تۇپراققا بولغان تەلەپنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ئورمان ئەھيا قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىغا، مىليونلىغان ئاھالىلەرنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈشىگە، تېرىلغۇ يەر ۋە يايلاقلارنى قوغدىشىغا قارىماي، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى يەنىلا خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا جىددىي تەھدىت سېلىۋاتقان "ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ" ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

لېكىن، خىتاي ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر قۇملىشىش خەۋپىنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي، ھۆكۈمەتنىڭ قۇملۇقنى كونترول قىلىش خىزمىتى كىچىك كۆلەملىك بەزى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ لىكې ئاخبارات ساھەسىگە بايانات بېرىپ، "ھۆكۈمەتنىڭ قۇملىشىشنى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە 2010-يىلى 1717 كۋادرات كىلومېتىر تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ 2005‏-يىلدىكى قۇملىشىش ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا 5.0 پىرسەنت ئازايغانلىقى" نى تەكىتلىگەن. لېكىن تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دائىرىلەرنىڭ قۇملۇقنى كونترول قىلىش جەھەتتىكى كىچىك كۆلەملىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە قارىماي، "قۇملىشىش ئەھۋالىنىڭ ئومۇمى يۈزلىنىشىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى" نى ئەسكەرتكەن.

2009‏- يىلدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى قۇملۇقنىڭ ئومۇمى كۆلىمى بىر مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.

خىتاي ئورمانچىلىق ئىدارىسى قۇملۇقنى كونترول قىلىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى لى تونۇڭ ئالدىنقى كۈنى " خەلق گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى پىكرىدە، ئەگەر خىتايدىكى قۇملىشىش ئەھۋالى 2010‏- يىلدىكى سۈرئەت بىلەن كونترول قىلىنسا، بىر مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى چۆللۈكنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 300 يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ "بىز ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا قىيىن بىر رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. جۇڭگونىڭ بۇنى تۈزۈشىگە 300 يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن" دەيدۇ.

تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن قارىغاندا، تۇپراقنىڭ چۆللىشىش ۋە قۇم ئاستىدا قېلىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايونلار سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى، خېشى كارىدورىنىڭ شىمالىدىكى گوبى چۆللۈكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقى، قۇربان-توڭغۇت چۆللۈكى ۋە تارىم ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردۇر. ياپونىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ مەخسۇس قۇملۇق رايون جۇغراپىيىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ياپونىيە دانكې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى مۇختەر چوڭ ئەپەندى، تارىم ئويمانلىقى قۇملۇقىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ رايوندا قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كان بايلىقى قېزىش، بوز يەر ئېچىش، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا ئاھالە كۆچۈرۈپ، تەبىئىي شەرت ‏- شارائىتى نازۇك رايونلاردا شەھەر بەرپا قىلىش ۋە سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلدى. بۇ سىياسەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ ۋە مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملىق جىددىيلەشتۈرگەن.

لېكىن، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا تۇپراقنىڭ چۆللىشىپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىدە ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش كۆرۈنەرلىك رول ئويناۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىلەرنى قايغۇغا سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. خىتاي ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ لېيكې، ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش، ھۆل-يېغىننىڭ ئازىيىپ كېتىشى، قار مۇزلارنىڭ ئېرىشى ۋە سۇ بايلىقىنىڭ قىسلىقى قاتارلىق ئامىللار تىبەت، ئۇيغۇر، چىڭخەي ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلارغا ئەڭ قاتتىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ياپونىيە دانكې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى مۇختەر چوڭ ئەپەندى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قۇملىشىش ئەھۋالىنى تىزگىنلەش مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، تارىم ئويمانلىقىدىكى قۇملۇقنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى" تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى بىڭتۇەن سۇ ئامبارلىرىنى بىكار قىلىپ، دەريا ئېقىنلىرىنىڭ سۈيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش"دەيدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چىڭخەي-تىبەت ئېگىزلىكى تۇپراقنىڭ چۆللىشىش ئەھۋالى ئېغىر رايونلارنىڭ بىرىدۇر. دائىرىلەر ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 10 يىلدا تىبەت-چىڭخەي ئېگىزلىكىدىكى يايلاق ۋە ئوتلاقلارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ تىبەتلىك چارۋىچىنى باشقا جايلارغا يۆتكىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ب د ت مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت چارۋىچىلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

خىتاينىڭ چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈپ، يايلاق ۋە ئوتلاقنى قوغداش تەدبىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشتىكى غەرەز ئوتلاقنى قوغداپ قېلىش ئەمەس، بەلكى يەر ئېچىپ ئاھالە كۆچۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، چارۋىچىلىق كەسپىدىن خەۋەردار كىشىلەر چارۋا مالنى كونترول قىلىپ، ئوتلاقنى قوغداپ قېلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي ئەمەسلىكىنى، ئوتلاقنىڭ چارۋا ماللار يايلىغاندىلا ياخشى ئاينىيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بەزى ئەمەلدارلار ھەقىقەتەن قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنى تىزگىنلىمەكچى بولسا، كەلگۈسى 10 يىلدا 200 مىليارد يۈەن سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.