زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانى (4)


2005-02-01
Share

خەلق قەھرىمانى پالكوۋنىك غېنى باتۇر (سولدا)، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى پالكوۋنىك زۇنۇن تېيپوپ (ئوڭدىن 2-) ، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ شىتاب باشلىقى گېنىرال مايور ماژاروف (ئوڭدا) ، 1946-يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىلى جاڭ جىجوڭ (سولدىن 2-)بىلەن غۇلجىدا.

مەشھۇر يازغۇچى زىيا سەمىدى "ئەخمەت ئەپەندى" رومانىنىڭ 1-تومىدا يەنە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەخپىي ئىنقىلابى پائالىيەتلىرى بولۇپمۇ غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان "ئازادلىق تەشكىلاتى" بىلەن بولغان يوشۇرۇن مۇناسىۋىتى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ غۇلجا قوزغىلىڭىغا ئىشتىراك قىلىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلى يازغان.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ "ئازادلىق تەشكىلاتى" بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

زىيا سەمىدىنىڭ بۇ بايانلىرى تارىخىي پاكىتلار ۋە ئەمەلىي ۋەقەلەر ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى گەرچە "ئازادلىق تەشكىلاتى "غا بىۋاستە قاتناشمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ غول ئەزالىرىدىن رەھىمجان سابىر ھاجى، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ، داۋاملىق تۈردە ئۆزىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى بېرىپ تۇرغان ھەتتا بەزى مۇراجاتنامە ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى "ئىلىلىق" تەخەللۇسى بىلەن يېزىپ تۇرغان.

تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا "ئازادلىق تەشكىلاتى" 1944-يىلى 4-ئايلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ئېلىخان تۆرە ئۇنىڭ رەئىسى بولغان، ئەزالىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، رەھىمجان سابىر ھاجى، قاسىمجان قەمبىرى، سالىجان باي، نۇردۇن بەگ ، زۇنون تېيىپوپ قاتارلىق 12 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار مۇتلەق مەخپىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى تۈرمىدىن چىقىپ، غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنىلا كۆزەت ئاستىدا بولغان، جاسۇسلار ھەر دائىم ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەن بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرىنى ئۇنى پات-پاتلا چاقىرتىپ، سوراققا تارتىپ تۇراتتى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئەخمەتجان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىۋاستە ئەزا بولماي ئەكسىچە ۋاسىتىلىق مۇناسىۋەت باغلىغان. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ:

"ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددىي مەجلىسى داۋام قىلماقتا، ئىككى مەسىلە-بىرىنچىسى خەلققە قارىتا ئوچۇق مۇراجەت، ئىككىنچىسى، غۇلجىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش. بۇ مەسىلىلەر ئاساسىدا ئۈچ تۈرلۈك لايىھە مۇزاكىرىگە سېلىندى. ئەخمەتجان تەرىپىدىن يېزىلغان مۇراجاتنامە ئىككى –ئۈچ جۈملە قوشۇمچە قىلىنىپ، ئاساسەن قوبۇل قىلىندى".

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ "ئىلىلىق" تەخەللۇسى بىلەن يازغان قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئازادلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىردەك تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن ئاخىرى ئەخمەتجاننىڭ پىلانىنى قوبۇل قىلىدۇ.

پىلان بويىچە، رەھىمجان سابىر ھاجى بىر تۈركۈم شەھەر پىدايىلىرىنى باشلاپ، غېنى باتۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا ياردەم بېرىش، قاسىمجان قەمبىرى بىلەن زۇنون تېيىپوپ فاتىخ مۇسلىموپ قوزغىلاڭچىلار گۇرۇپپىسىغا ياردەم بېرىش، قالغانلار شەھەر خەلقى ئارىسىدا تەشۋىقا-تەرغىبات ئېلىپ بېرىپ، خەلقنى تەشكىللەش بولدى.

غۇلجىدا ئېتىلغان تۇنجى ئوق

زىيا سەمىدىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارى بويىچە 1944-يىلى 7-نويابىر كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش قارار قىلىندى ھەمدە قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش قوماندانلىق شىتابى "ئالتە شوئار مەھەللىسى "دە قۇرۇلدى.

ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، رەھىمجان سابىر ھاجى

زىيا سەمىدى مۇنداق دەپ يازىدۇ:

"بۈگۈن بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىلمىدى. ئونلىغان مەسچىت-مەدرىسىلەرنىڭ ئېگىز پەشتاق-مۇنارلىرى جىم-جىت، ھېچ بىرسىدە مەزۇم-ئاخۇنۇملارنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدۇ. پەقەت يورۇق يۇلتۇز كۆتۈرۈلۈش بىلەنلا شەھەرنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىدە كەينى-كەينىدىن مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى-دە، مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ "ھۇرراھ! ،ھۇرراھ! "دېگەن سادالىرى خۇددى ھاۋا گۈلدىرلىگەندەك ، ھاۋا گۈمبىزىنى زىل-زىلىگە سالدى. غەزەپلەنگەن خەلق ئاخىرى قوزغالدى، جەڭ باشلاندى..."

زىيا سەمىدى شۇ كۈنى تاڭ سەھەردە پۈتۈن غۇلجىنىڭ قوزغالغانلىقىنى ئاجايىپ تەسىرلىك تەسۋىرلەيدۇ، ئۇنىڭ يېزىشىچە، غېنى باتۇر ۋە يۈسۈپ ئاقباش باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار رەھىمجان سابىر ھاجى ۋە جانى يولداش رەھبەرلىكىدىكى شەھەر پىدايىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شەھەرنىڭ" قارا دۆڭ"، "ئاي دۆڭ" مەھەللىلىرىدە پەيدا بولۇپ، غۇلجىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى ئىگىلەيدۇ. فاتىخ مۇسلىموپ گۇرۇپپىسى بولسا، شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالى قىسىمىدىن ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، لەكىن پىلان بويىچە ۋاقتىدا غېنى باتۇر گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇچرىشالمىغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەننىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى ئەمما تىركىشىش جېڭى داۋاملاشتى.

تارىخى شاھىد يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كېچىسى ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ۋە ئالېكساندروپ باشچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپا "ئالتە شوئار مەھەللىسى "دىكى قوماندانلىق شىتابتا پەيدا بولۇش بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ روھىغا روھ قېتىلدى. خەلق توپ-توپى بىلەن قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلدى شۇنىڭدەك ئۆيلىرىدىن ھەممە نەرسىلىرىنى ئايىماي ئېلىپ كېلىشتى. قازان-قازانلاردا تاماقلار تەييارلاندى، قورال يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن خەلق ئۆيلىرىدە ئۆزلىرى نەيزە، توقماق قاتارلىق قوراللارنى ياساپ، ئۆزلىرىنى قوراللاندۇردى.

ئەخمەتجانمۇ شۇ كۈنى بېشىغا كونا قۇلاقچە ، ئۇچىسىغا شىرىغان چاپان كىيىپ، بېلىنى كەندىر ئاغامچا بىلەن باغلىغان ھالدا شىتابقا يېتىپ كېلىپ، ئىككىلەنمەستىنلا تاماق ئېتىش، سۇ توشۇش قاتارلىق يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىنى قىلىدۇ ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان"تەشۋىقات ھەيىتى"نىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى يېزىشقا ياردەملىشىدۇ، ئۇ يەنە خەلقنى ئىلھامدۇرۇپ، نۇتۇقلار سۆزلەيدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت