
ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ"ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ غۇلجا قوزغىلىڭىغا ئائىت بايانلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ.
جەڭلەر داۋاملاشماقتا
" جەڭ-ئېتىشۋازلىقلار بارغانچە كۈچەيمەكتە. ئارىلاپ پىدايىلارنىڭ كۈچلۈك سۈرەن-چۇقانلىرى، "ھۇررا!"، "ھۇررا!" سادالىرى كۆكنى تىترەتكەندەك دولقۇنلىناتتى. بۇ دېمەك، ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ئالامىتى.جەڭنىڭ بىرىنچى كۈنىلا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈچ مەمۇرىي رايونى ئازاد قىلىندى. بۇ رايونلارنىڭ ساقچى مەھكىملىرىنىڭ ئەسكەر-چېرىكلىرى تامامەن دېگۈدەك تەسلىم بولۇشتى. ئولجا-ئېلىنغان گەنىمەت قوراللار بەدىلىگە قوزغىلاڭچىلار قورال جەھەتتە بىر قەدەر پۇختىلاندى. بۇ جەڭدە جاسارەت كۆرسەتكەن غېنى باتۇرنىڭ داڭقى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ-مۇھەببىتى تېخىمۇ ئاشتى. خىتاي چېرىكلىرى بولسا،"ئەينى" يەنى غېنى دېگەن نام ئاتالغاندا ئالاقزادە بولۇشاتتى. پىدايىلار بولسا غېنى باتۇرنىڭ ئەترىتىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى"
ئەشۇ جەڭلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شۇنىڭدەك ئەشۇ سانسىزلىغان نامسىز قەھرىمان پىدايىلار قاتارىدا شىددەتلىك جەڭلەرگە ئىشتىراك قىلغان يازغۇچى زىيا سەمىدى غۇلجا جەڭلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلىرىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ.
"قوزغىلىشنىڭ ئىككىنچى كۈنى شەھەرنىڭ ئاساسىي قىسىمى دېگۈدەك ئازاد قىلىنغان بولسىمۇ، ھەرەمباغ، لاڭشاڭ ۋە ئايرودروم كەبى دۈشمەننىڭ مۇنتىزىم كۈچلىرى ئورۇنلاشقان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جايلار ۋە شەھەرنىڭ ئىچىگە جايلاشقان باش ساقچى مەھكىمىسى، ۋالى مەھكىمىسى قاتارلىق نۇقتىلارغا ھۇجۇم كەينى-كەينىدىن داۋام قىلماقتا ئىدى..."
ئەخمەتجاننىڭ مۇھىم تەكلىپلىرى
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ قايناق جەڭلەر داۋاملىشىۋاتقان كۈنلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ۋە باشقا قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا مۇھىم مەسلىھەت پىكىرلىرىنى بېرىدۇ؛ تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسۇل قىلىنغان ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ئەخمەتجان قاسىمىنى تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەخمەتجانمۇ خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئەخمەتجاننىڭ "ئازادلىق تەشكىلاتى"نىڭ رەھبەرلىرىگە تۆۋەندىكىدەك ئەھمىيەتلىك تەكلىپنى بېرىش جەريانى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ؛
"تەكلىپلەر شۇكى، بىرىنچىدىن ئاساسىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شىددەتلىك ھالدا دۈشمەننىڭ قوماندانلىق شىتابىنى ئىشغال قىلىش. ئىككىنچىدىن، شۇ بۈگۈندىن قالماي بارلىق ناھىيىلەرگە ۋەكىللەرنى ئەۋەتىپ، جاي-جايلاردا قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، دۈشمەننىڭ بىرىكمە كۈچىنى پارچىلاش. ئۈچىنچىدىن، پىدايىلارنى تەشكىللەپ تەرتىپكە سېلىش ۋە پارتىزانلارنى ئارقا سەپ تايانچىلىرىغا ئىگە قىلىش. ھەر مىللەتنىڭ ئىلغار، نوپۇزلۇق ۋەكىللىرى باشچىلىقىدا مىللىي ئەترەتلەرنى تەشكىللەش، ھۆكۈمەت ھېسابىدىن ئولجا ئېلىنغان بانكا، مال-مۇلكلەرنى تەرتىپلىك باشقۇرۇش بىلەن مالىيە، سودا-سېتىق ئىشلىرىنى تىكلەش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق ئىستىمال ماللارنى ۋە خۇسۇسەن، ھازىرقى پەيىتتە زۆرۈر بولغان قورال-ئەسلىھە سېتىۋېلىش"
ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى مەزكۇر تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ، شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە دۈشمەننىڭ ئەڭ مۇھىم قوماندانلىق يۈرىكى ھېسابلانغان ۋالى مەھكمىسى ۋە قوماندانلىق شىتابىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن شىددەتلىك جەڭ قىلىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ۋالى مەھكمىسى ۋە قوماندانلىق شىتاب قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان، ھازىر ئالمۇتا شەھرىدە ياشاۋاتقان، سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى 80 ياشلىق مەسۈمجان زۇلپىقاروپ زىيا سەمىدىنىڭ رومانىدىكى بۇ تەسۋىرلەرنى تولۇقلاپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرى ھەققىدە توختىلىپ، غېنى باتۇرنىڭ ۋالى مەھكىمىسى، قوماندانلىق شىتاپ ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئازاد قىلىشتا ئاجايىپ پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەسۋىرلىدى. غېنى باتۇرنىڭ قەھرىمانلىقى پىدايىلارغا زور ئىلھام بولغان.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە ئەخمەتجان قاسىمى بۇ چاغدا يەنىلا "ئىلىلىق"تەخەللۇسى بىلەن گېزىتكە كۈچلۈك ماقالە ۋە ئۇچۇرلارنى يېزىپ تۇرىدۇ. ئەخمەتجانىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇغان گېزىتخانە خادىملىرىدىن شائىر ئەنۋەر ناسىرى، تۇرسۇن ئىسرائىل قاتارلىقلار قايىللىق بىلەن ئۇنى ئىزدەيدۇ؛ لېكىن ئۇنى تاپالمايدۇ. ئەخمەتجان كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۆز پىداكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. (ئۈمىدۋار)