زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانى (9)

0:00 / 0:00
exmetjan-bash.jpg

ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ 2-كىتابىنىڭ دەسلەپكى بابلىرىدا يېزىلىشىچە،1945-يىلى 9-ئايدا مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا غۇلجىدىكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدىن ھۇجۇمغا ئۆتمەسلىك ھەققىدە بۇيرۇق كەلدى. مىللىي ئارمىيە جەڭچى –ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش ھەققىدىكى قاتتىق تەلەپلىرى ۋە نارازىلىقلىرى كۈچ كۆرسىتەلمىدى. مانا شۇ پەيىتتە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تېچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش پىكرى مەيدانغا چىقتى.

ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ شاھىدى جۈملىدىن مىللىي ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىكى ھېسابلانغان يازغۇچى زىيا سەمىدى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى ئەربابلار ئارىسىدا موسكۋانىڭ گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەكلىپى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ھەم تەۋسىيىلەرنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ.

سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسلى ئارزۇسى ئەمەس

زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، موسكۋانىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلماي،دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش تەرەپدارى ھېسابلانغان رەئىس جۇمھۇر ئېلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرى بىلەن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، موسكۋانىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، دۈشمەن بىلەن سىياسىي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش تەرەپدارلىرى ئارىسىدا بىر مەزگىل مۇنازىرىلەر ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشلار داۋاملاشتى. ئاخىرىدا ئېلىخان تۆرىمۇ سۆھبەتكە قوشۇلدى.

زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەيلى ئېلىخان تۆرە بولسۇن ۋە ياكى ئەخمەتجان قاسىمى بولسۇن ھېچكىممۇ ئوخشاشلا دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشنى توختىتىپ قويۇشنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن سۇلھى يولىغا مېڭىشنى خالىمايدۇ. بۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ ئارزۇسى ئەمەس، لېكىن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت بولۇپمۇ دۇنيا ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارنى بۇ قەدەمنى بېسىشقا قىستايدۇ.

abdurof.jpg
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇروپ مەخسۇم ئىبراھىمى

ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقىلار ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشەنگەن،ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن دۇشمەننىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى بىلگەن ئىدى. ئۇلار ئىنقىلابنى قوللاپ، قورال-ياراق، ئەسكىرى كۈچ ۋە كادىر جەھەتتىن ياردەم قىلغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىردىنلا ئىنقىلابچىلارنى سۆھبەت يولىغا قىستىشىنىڭ مەلۇم ئارقا كۆرۈنىشى بار ئىش ئىكەنلىكىنى، ئەگەردە بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماي ھېچقانداق ياردەمسىز ۋە قوللاشسىز، ئۆزلىرى تەنھا ھالدا گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىشنىڭ بەلكى پايدىسىز يول ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىشتى.

زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانىدىكى مەزمۇنلارغا قوشۇمچە قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاندۇروپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى، تېچلىق سۆھبىتى دېگەننىڭ پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چىقارغان ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئىنقىلابچىلارنىڭ دۈشمەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش يولىنى تاللىۋالغانلىقى، چۈنكى ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىق ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگە ئىشەڭەنلىكىنى،بىراق موسكۋا ۋەكىللىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي-مەمۇرى ئىشلىرىنى قولغا ئېلىۋالغانلىقلىرىنى كۆرسەتتى.

سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيلىقى

زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇللىرى ۋە ھەربىي ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئىش بىرلىكى بولغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئۇلارغا بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ قول قويغان ھەرقانداق شەكىلدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن قانۇنىي رەۋىشتە موسكۋانىڭ ئالدامچىلىقى ۋە ساتقىنلىقى ھەققىدە داۋا-دەستۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ھەم ئايرىم ئىمكانىيەتلىرى يوق ئىدى.

دېمەك، ئىنقىلابنى باشتا قوللىغان سوۋېت ئىتتىپاقى مانا ئەمدى ئۆزى خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئارىسىغا چۈشۈپ، خالىسانە ياراشتۇرغۇچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غۇلجا ئىنقىلاپچىلىرىغا ئۇختۇرمايلا بىۋاستە ھالدا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئەسلەتمە تاپشۇردى.

ziya-semidi.jpg

زىيا سەمىدى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئىستىقبالىنى 1945-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىنلار ئارىسىدىكى يالتا يىغىنىدىلا پىچىپ بولغانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنە شۇ يالتا كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ موسكۋانىڭ بارلىق شەرتلىرىگە ماقۇل بولغىچىلا ئىنقىلابچىلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى 1945-يىل-14-ئاۋغۇستتا "سوۋېت –خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى" ئىمزالىنىش بىلەن جاڭكەيشى ھۆكۈمىتى ستالىننىڭ موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيە مەسىلىلىرىدىكى تەلەپلىرىنى قاندۇرغاندىن كېيىنلا، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويغانلىقى ھەمدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستىغانلىقىنى ئارقا كۆرىنىش قىلىدۇ

زىيا سەمىدىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئېلىخان تۆرە باشتا سۆھبەتكە ئۆزى بېرىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، ئەخمەتجان، رەھىمجان ۋە ئوبۇلخەيرى تۆرىنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەن ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت كېڭىشى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئۈچ كىشىگە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى بېرىش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان.

مەزكۇر ئۈچ كىشى 1945-يىلى 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەلگىلىرىنى تاقاپ، ھەربىي كىيىم كىيگەن ھالدا ئۆزلىرىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، جاڭ جىجوڭنىڭ باشلىق كىشىلەرنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بەرگەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش سالاھىيەت گۇۋانامىلىرىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە ئىككى ئارىدىكى تۇنجى كۆرۈش بۇزۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىككى ئارىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى ياراشتۇرغۇچى سۈپىتىدە پەيدا بولغان. (ئۈمىدۋار)