شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى 1945-يىلى10-ئايدىن 1946-يىلى 6-ئايغىچە تەخمىنەن 8 ئايغا سوزۇلغان تىنچلىق سۆھبىتى نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، "11 ماددىلىق بىتىم" ئىمزالىدى ھەمدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەسىس قىلدى.
زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق رومانىنىڭ 2-كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 30-40-يىللىرىدا مەۋجۇت بولغان سىياسىي كۆز قاراشلار ، سىياسىي ئېقىملار شۇنداقلا زىددىيەتلەر ھەققىدە مەخسۇس توختىلىدۇ.
ئەينى دەۋردە ئاساسىي جەھەتتىن تۆت خىل سىياسىي ئېقىم مەۋجۇت ئىدى
زىيا سەمىدى بۇ سىياسىي ئېقىملار ۋە زىددىيەتلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنى ئاساسىي جەھەتتىن "ئىسلام ئېچىش، تۈركچىلىك، ماركىسىزىم-لېنىزىمچىلىق ۋە مۇختارىيەتچىلىك قاتارلىق تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ؛
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تۆت خىل پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تۈپ مۇددىئاسى ئاخىرقى ھېسابتا مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت شەكلى، ئۇسۇلى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە شۇنىڭدەك ئىدېئولىگىيىلىك ئاساسى جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن پەرقلەرگە ئىگە.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ "بۇ گۇرۇھ ۋە ئېقىملار ئارىسىدا بىر –بىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىش ۋە ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش پائالىيەتلىرىدە ئىنتايىن جىددىي توقۇنۇشلار مەۋجۇت ئىدى".
ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن خوجا نىياز ھاجىم ، سابىت داموللام قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابلار شۇنىڭدەك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىسلام بايرىقى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىنقىلابچىلار مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئىسلام ئېتىقادىدىن پايدىلانغان ھەمدە ئۇنى ئىدىيىۋى ئاساس قىلغان ئىدى.
ئەمما، ئىسلام دىنى بىلەن ماركىسىزىم-لېنىنىزىم قەتىي چىقىشالمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت كوممۇنىستلىرى ئىسلام دىنىگە چىش تىرنىقى بىلەن ئۆچ بولغاچقا ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى زىددىيەت يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا ماركىسىزىم بىلەن ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ئارىسىدىكى زىددىيەت ئىدى. شۇ سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي مىللىتارستلىرى "پان ئىسلامىزىم"دىن ئىبارەت سۈنىي توقۇلمىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ۋە ئىنقىلاب رەھبەرلىرىگە زەربە بەردى. ئۇلارنى "ئىسلام ئىمپېرىيىسى"قۇرماقچى دەپ ئەيىبلەپ، خەلقنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئەمەس بەلكى، پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى خىتاي مىللىتارستلىرىنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلىش ئىكەنلىكىنى بۇرمىلىدى.
زىيا سەمىدى ئۆز رومانىدا يەنە 30-40-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان شۇنداقلا ئاھالىنىڭ 90٪ تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك قاتارلىق خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇستەقىل سىياسىي گەۋدىگە ئايلىنىش ئەقىملىرىنىڭمۇ مەۋجۇت بولغانلىقى، ئەمما بۇ ئېقىمغا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي دائىرىلىرى چىش- تىرنىقىدىن ئۆچ بولغاچقا ئوخشاشلا ئۇنى "پان تۈركىزىم" بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ھەتتا "پانتۈركىزىم" دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئاددىي كىشىلەرنىمۇ مۇشۇ ئاتالمىش جىنايەت بىلەن قارىلاپ قارا-قويۇق جازالىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسىي زىددىيەت- مىللىي زىددىيەت
زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ يۇقىرىدا نامى قەيت قىلىنغان سىياسىي كۆز قاراشلار ياكى ئېقىملار ئارىسىدىكى زىددىيەت بولماستىن بەلكى، مىللىي زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 40-يىللاردىكى سىياسىي ئېقىمنىڭ يەنە بىرى مۇختارىيەتچىلەر ياكى مىللىي دېموكراتچىلار بولۇپ، ئۇلار "شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈپ ئاساسىي زىددىيەت- مىللىي زىددىيەتتىن ئىبارەت ، مۇستەملىكىچى لەر بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى لار، ھاكىم مىللەت بىلەن مەھكۇم مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسە قىلىپ بولمايدىغان ئانتاگونىستىچ زىددىيەت دەپ ھېسابلايتتى.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە بۇ پىكىردىكىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقارا ۋەزىيەت، دۇنيادىكى ئىدېئولىگىيىلىك توقۇنۇشلار شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى –تاشقى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا توسالغۇ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئەگەر كەلگۈسىدە خىتاي كوم پارتىيىسى غەلبە قىلىپ قالسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈلگىسى بويىچە مىللىي سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. بىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىگە ئوخشاش قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدەك "ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇشىمىز مۇمكىن دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا خىتاي كوم پارتىيىسىگە تېخى تولۇق ئىشەنچ باغلىمىغان ئىدى.
بۇنىڭغا مۇناسىپ خىتاي كوم پارتىيىسىمۇ 1921-يىلىدىن ئېتىبارەن تاكى 1949-يىلىغىچە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ۋە فېدېراتسىيىلىك دۆلەت چۈشەنچىسىنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن ھەتتا 1934-يىلى رۇيجىندىكى جۇڭخۇئا سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىمۇ ، مىللەتلەرنىڭ خالىسا جۇڭگودىن چىقىپ كېتىپ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش خالىسا ،جۇڭگو تەركىبىدە قېلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەتىراپ قىلىنغان ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ نۇقتىنىڭ يۇقىرىدىكى سىياسىي پىكىر ئېقىمغا تەسىر كۆرسىتىشى تەبىئىي ئىدى. (ئۈمىدۋار)