
ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدى ئۆزىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانىنىڭ داۋامىدا يەنە ئىلى ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەيدانغا كەلگەندىن كېيىنكى، بىر مەيدان مۇرەككەپ سىياسىي كۈرەشلەر ھەققىدە بايان قىلىدۇ. زىيا سەمەدىنىڭ ئۆزىمۇ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ۋەكىللەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەيىنلىنىپ، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ قاتارلىقلار بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ھەمدە ھەمكارلىقتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى ياخشى بىلگەنلىكى مەلۇم.
جاڭ جىجوڭ ھېلىگەر سىياسەتچى
زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە؛ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن سىياسىي كۈرەش ئىنتايىن ئۆتكۈرلەشكەن بولۇپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرى مۇمكىن قەدەر ئۆز تەسىرىنى يەتتە ۋىلايەتكە كېڭەيتىشكە، ئۇ جايلاردىمۇ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىنقىلاب قوزغاشقا تىرىشىپ، تۈرلۈك تەشۋىقاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر، يەركەنت قاتارلىق جايلاردىكى زىيالىيلار ۋە خەلق ئىلى ئىنقىلابىنى قوللاش يۈزىسىدىن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش، بۇ جايلاردىمۇ مىللىي قوشۇن قۇرۇش، ھەربىيلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىۋېلىسىنى بىكار قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
زىيا سەمەدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئېقىملار ۋە كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، جاڭ جىجوڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ تۈرلۈك سىياسىي ئېقىملارنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەتتا مەزكۇر ئېقىملارنى بىر-بىرى قارشى قويۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ جاڭ جىجوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 20 نەچچە نەپەر ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنى بىر نەچچە مەزھەپلەرگە بۆلگەن ھالدا مۇناسىۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەبىرى بويىچە بىرىنچىسى، رادىكاللار گۇرۇھى يەنى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپدارلىرىنى كۆرسىتىدىغان ھەيئەتلەر. يەنە بىرى كونسېرىۋاتىپلار گۇرۇھى بولۇپ، ئۇلار مەسۇد سەبىرى، مەمتىمىن بۇغرا، ئەيسا ئالىپتېكىن ۋە باشقىلار. ئۈچىنچىسى بولسا. بىتەرەپ سولغا مايىلراق، يەنە ئوڭغا مايىلراقلار.
جاڭ جىجوڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ ئېقىملارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۆز مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولىدۇ. ئۇ، مەزكۇر ئېقىملارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلىق تەرەپلەرنى زورايتىش ھەمدە ئۆز-ئارا كۈرەش قىلىشقا سېلىش تاكتىكىسى ئوينايدۇكى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ياراشتۇرۇشقا، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ھەركەت قىلمايدۇ.
رادىكاللار بىلەن كونسېرىۋاتىپلار مەقسىتى نېمە؟
جاڭ جىجوڭنىڭ قارىشىچە مەيلى رادىكاللار بولسۇن ۋە ياكى كونسېرىۋاتىپلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ تۈپ مەقسىدى بىر يەنى پۇرسەت كەلگەندە مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشتىن ئىبارەت. شۇڭا مەزكۇر خىتاي گېنېرالى مۇنداق خۇلاسىگە كېلىدۇ. "بۇ ئىككى ئاساسىي گۇرۇھنىڭ زىددىيىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىۋېلىشى ھەمدە بىرلىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىۋېلىشىگە يول قويماسلىق لازىم".
جاڭ جىجوڭ بۇ ئىككى گۇرۇھنى بىرلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن گاھىدا رادىكاللارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، كونسېرىۋاتىپلارغا زەربە بەرسە، گاھىدا كونسېرىۋاتىپلارنىڭ خەنزۇلارغا ئاشكارا قارشى تۇرماسلىق شوئارلىرىدىن پايدىلىنىپ، رادىكاللارغا زەربە بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلەيدۇ. يەنى ئۇ مەزكۇر ئىككى گۇرۇھنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىدۇ نەتىجىدە، بۇ ئىككى ئېقىم ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ ھەقتە جاڭ جىجوڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدىمۇ ئېنىق يازغان بولۇپ، ئۇ بىر قانچە يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىككى سىياسىي ئېقىمىنىڭ زىددىيىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتكەنلىكىنى شۇنىڭدەك قانداق قىلىپ، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇغانلىقىنى ئىقرار قىلغان ئىدى.
جاڭ جىجوڭنىڭ مىللىي مەسىلىدىكى كۆز قارىشى
زىيا سەمەدى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجوڭ بىلەن مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۆزلىگەن تۈپ مەقسەتلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما بېرىدۇ.
زىيا سەمەدىنىڭ بايان قىلىشىچە ، جاڭ جىجوڭ شىنجاڭدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ ئاساسىي تۈگۈنىنىڭ مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتسىمۇ، لېكىن ئۇنى " بىر ئائىلىدىكى ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ماجراسى" دەپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىپلوماتىيە مەسىلىسى دەپمۇ قاراپ، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتسىلا، ئۇنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە ئىلى ئىنقىلابى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىدە سوۋېتكە قارشى ھەرىكەتلەر كۈچۈيۈپ كەتكەچكە بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر-بىر يولى سوۋېت بىلەن قارشىلىشىشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بارلىق خىتاي سىياسەتچىلىرىگە ئورتاق كۆز قاراش بولۇپ، ئۇلار "ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىن خەنزۇلارغا ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش نىيىتى يوق، ئۇلار مۇستەقىل بولۇشنىمۇ خالىمايدۇ. ھەر قېتىم يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلانگلار چەتئەلنىڭ كۈشكۈرتىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر" دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ.
زىيا سەمەدىنىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭ جىجوڭ بىر تەرەپتىن تاشقى دىپلوماتىيىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سوۋېت بىلەن ھەمكارلىشىش شوئارىنى توۋلىسا يەنە، بىر تەرەپتىن ئىچكى دىپلوماتىيىگىمۇ دىققەت قىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنى ئۆلكىنىڭ رەھبىرىي ئورۇنلىرىغا تەيىنلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مىللىي مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ دائىم دۆلەت پۈتۈنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى بولسا، دائىم مىللىي مەنپەئەتنى، خەلقچىللىقنى ۋە مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى باراۋەرلىكىنى كۆپرەك تەكىتلەيدۇ. (ئۈمىدۋار)
