زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانى (13)

mesut.jpg
ئالدىنقى رەت سولدىن – ئەيسا يۇسۇپ ئالىپتېكىن، بۇرھان شەھىدى، مەسئۇت سابىر، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا. << Chongayting

زىيا سەمەدى ئۆز رومانى"ئەخمەت ئەپەندى" نىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا 1946-يىلى7-ئايدىن تاكى 1947-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن چاغلاردىكى ۋەزىيەت، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجوڭنىڭ غۇلجىنى زىيارەت قىلىشى شۇنىڭدەك ئۆلكە ۋەكىللىرىنىڭ گومىنداڭنىڭ نەنجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشى ھەمدە 25-فېۋرال ۋەقەسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەھۋاللار ھەققىدە بايان قىلغان.

ئۈچ ئەپەندى ئوخشاشلا ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدى

زىيا سەمەدى رومانىدا يەنە مەسۇد سەبىرى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق مىللەتچىلەرنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپدارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىمۇ بايان قىلغان.

زىيا سەمەدى بۇ ئۈچ كىشى ھەققىدە ئايرىم توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. زىيا سەمەدىنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئەخمەت ئەپەندى مەزكۇر ئۈچ ئەپەندىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

"خەلق ئىچىدە ئۈچ ئەپەندى دەپ ئاتىلىۋاتقان جاناپلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پىكىر ئىختىلاپلىرى بارلىقى ئېنىق. ئۇلار مونۇ يول بىلەن ماڭىمىز دېسە، بىز ياق، بۇ يول بىلەن ماڭساق نىشانغا تېزراق يېتىمىز دەيمىز. لېكىن، ۋەتەن ،مىللەت ئازادلىقىنى تەمىن ئېتىشتە مەقسەت بىرلىگىمىز بار. مەسۇد سەبىرى بىلىملىك ئادەم. مەمتىمىن بۇغرا، تارىخچى ئالىم ۋە ۋەتەنپەرۋەر، ئەمدى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە كەلسەك ئۇ ئاتىشىن مىللەتچى، مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ئايرىم ئۇسۇللىرىنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئۈچىلىسى چەتئەللەردە مىللەت دەۋاسىنى قىلىپ، سەرگەردان بولغانلار"

ئەخمەت ئەپەندى بىلەن مۇھەمەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۇچرىشىشى

زىيا سەمەدى كىتابىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇچىرىشىشى ھەققىدە تەسىرلىك بايان قىلىدۇ. ئەخمەت ئەپەندى بۇغراغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك بۇغرا ئەپەندىنىڭمۇ ئەخمەت ئەپەندىنى قەدىرلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

زىيا سەمەدى مەزكۇر ئىككى زاتنىڭ بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشى جەرىيانىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ:

"مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بولسا، ئۆزىنىڭ پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى خۇددى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ئوشاش قۇدرەتلىك مەملىكەت سۈپىتىدە قەد كۆتەرگۈزۈش ئارزۇسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەخمەت ئەپەندىمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى يوشۇرماي، ھازىرقى شارائىتتا بۇنداق ئىدىيە بىلەن مەيدانغا چىقساق بۇنىڭغا ئالدى بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنى بۆلۈۋالغان خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى قارشى تۇرىدۇ ھەتتا باشقا مەملىكەتلەرمۇ قارشى چىقىشى مۇمكىن" دەيدۇ. ئەخمەتجان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئازەربەيجان ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى، كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

سۆھبەت جەريانىدا، بۇ ئىككى زاتنىڭ ئارىسىدىكى ئۆزارا پىكىر بىرلىكى ۋە ھۆرمەت چوڭقۇرلىشىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەخمەت ئەپەندىمگە جاڭ جىجوڭنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بېرىپ، مەسۇد سەبىرىنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى شۇنىڭدەك جاڭ جىجوڭنىڭ مەخپىي ھالدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئەخمەت ئەپەندى ۋە مەسۇد سەبىرىنىڭ ئۆلكە رەئىسى بولۇشى

زىيا سەمەدىنىڭ يېزىشىچە، ئەخمەت ئەپەندى مەسۇد سەبىرىنىڭ ئۆلكە رەئىسى بولغانلىقىغا چىن دىلىدىن قارشى ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ قارشى تۇرغان تەرىپى جاڭ جىجوڭنىڭ گومىڭداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەن ئىلى تەرەپتىن بۇ ئىشنى خۇپىيانە تۇتقانلىقى شۇنىڭدەك ئىلى تەرەپنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىدۇر. ئۇ جاڭ جىجوڭنىڭ بۇ سىياسىي ئويۇنىنى، سۇلھىگە ئىمزا قويغان ئىلى تەرەپنىڭ ھوقۇق سالاھىيىتىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا توغرا-توغرىدىن بېسىم ئىشلەتكەنلىكى دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان زېمىننىڭ تۈپ ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارغا ئۆلكىنىڭ رەئىسلىكىنى بېرىش مەسىلىسىنى ئەخمەتجان تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، جاڭ جىجوڭ مەسۇد ئەپەندىنىڭ رەئىسلىك نامزىتىنى ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىغا قويۇش كېرەك ئىدى.

زىيا سەمەدىنىڭ بايانلىرىغا تايانغاندا، قۇۋ خىتاي گېنېرالى جاڭ جىجوڭنىڭ تۇيۇقسىزدىنلا ئۆز ئورنىغا مەسۇد ئەپەندىنى تەيىنلىشى زور بىر سىياسىي ئويۇن بولۇپ، ئۇ ئىككى مەقسەتكە يەتكمەكچى بولغان يەنى، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەد قىلغان ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىش –تىرنىقىغىچە ئۆچ مەسۇد ئەپەندىنى ئۆلكە رەئىسى قىلىش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلى تەرەپدارلىرى بىلەن ئۈچ ئەپەندىچىلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى كۈچەيتىپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاشتىن ئىبارەت.

زىيا سەمەدىنىڭ يېزىشىچە، ئەخمەتجان بۇ سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەسۇد ئەپەندى بىلەن بىرلىشىشنى ئويلىشىدۇ. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى بۇنىنغا قاتتىق قارشى تۇرۇپ، ئىلى تەرەپدارلىرىنى مەسۇد ئەپەندىنى قوللىماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاتارلىقلار غۇلجىغا قايتىدۇ. (ئۈمىدۋار)