
زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق ئايروپىلان پاجىئەسى بىلەن ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە يېزىلغان.
زىيا سەمىدى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان سۆھبەتلەر ھەققىدە يازىدۇ.
دېڭ لىچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنى خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلماقچى بولغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ قىلىدۇ.
تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى تۇيغۇلار
1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى غۇلجىغا يېتىپ كەلگەن دېڭ لىچۈن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. يازغۇچى زىيا سەمىدى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى ھەمدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن دېڭ لىچۈن ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردىن خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، ئەخمەتجان بىلەن دېڭ لىچۈن كۆرۈشۈپ، بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. دېڭ لىچۈننى كۆپرەك قىزىقتۇرغان نەرسە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەربىي، ھاكىمىيەت ئىشلىرى شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئىدىيىسى بولۇپ، ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىغا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قۇرۇلىدىغان جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىگە كىرىشى مەسىلىسىنى تەكىتلىگەندە، ئەخمەتجان قاسىمى دادىللىق بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى شۇنىڭدەك خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خىتاپنامىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خالىسا، جۇڭگو فېدېراتسىيىسىگە قوشۇلۇش ياكى خالىسا چىقىپ كېتىش ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ مۇھىم شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇ يەنە، "ئەگەر مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش يىغىنىدا مىللىي مۇختارىيەت مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن ، ئۇ چاغدا بەزىلەر ئەزەلدىن تەلەپ قىلىۋاتقان ئالىي مۇختارىيەتكە دائىر ئوچۇق لايىھىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز" دەيدۇ.
لېكىن، دېڭ لىچۈن بۇنىڭدىن ئانچە خوش بولمايدۇ. ئۇ ئەخمەتجان بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشىنىشكە، ئۇنىڭ ئاددىي-ساددا، كىچىك پېئىل ھەم ھەقىقىي خەلق رەھبەرلىرىگە خاس خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك ئەخمەتجاننى ئاسان ئىندەككە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
رەھبەرلەرنىڭ باش قوشۇشى

ئەخمەتجان قاسىمى دېڭ لىچۈن بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىدە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىسھاق بەگ مۇنونوپ ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن رەھىمجان سابىر ھاجى، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ۋە باشقىلار جەم بولۇپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىدۇ. كۆپچىلىك بىردەك ھالدا، ھازىرقى ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت شارائىتىدا ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاچماقچى بولغان يىغىنىغا قاتنىشىش كېرەك بولغاندىمۇ، پەقەت ئۆز شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چوقۇم ئالىي مۇختارىيەت شەكلىدە سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلىش پىكىر بىرلىكىگە كېلىدۇ.
رەھبەرلەرنىڭ ئورتاقلىشىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاق بەگ مۇنونوپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، دەلىلقان سۈگۈربايېۋ قاتارلىق تۆت رەھبەرنى باشلامچى قىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى قارار قىلىنىدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى بولسا، بېيجىڭدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان دوكلات ۋە تەلەپ-پىكىرلىرىنى مەخسۇس تەييارلايدۇ.
ئەخمەتجاننىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى شۇنىڭدەك ئۆتمۈشتە ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مۇختارىيەت شەكلىدە جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇققا ئېرىشىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىنىدا ئالىي مۇختارىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلماقچى بولغانلىقىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپمۇ خەۋەردار بولىدۇ.
ئاخىرى، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق سەپەرگە ئاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما "سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسى" بىلەن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر بارلىق ۋەكىللىرى قازا قىلىدۇ.
ئېچىلمىغان سىر
زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى ھەمدە توپلىغان تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىنىڭ ئېھتىماللىقىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، چۈنكى، ئۇلارنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ شەرتلىرىگە كۆنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ خۇلاسە قىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىن ھېچقاچان يانمىغان. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ تەركىبىگە شەرتسىز قوشۇش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۆزى تاللىغان ئۆز مىللىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.
زىيا سەمىدى ئاخىرقى سۆز سۈپىتىدە "ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پەقەت مەخپىي ئارخىپلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىقلا ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ سىرلارنىڭ چوقۇم خەلق-ئالەمگە ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
باشقا ھەر خىل ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر غۇلجىدىن مەخپىي رەۋىشتە ئالمۇتىغا بارغان . ئۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشكەن. كېيىن ، ئۇلار موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ تېمىسى ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش مەسلىھەت يىغىنىدا ھېچقانداق سىياسىي ھوقۇق شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق بولۇپ، ئەمما ئەخمەتجان بۇنى رەت قىلغان ئىكەن.
ھەقىقەتەن، كېيىن بېيجىڭغا بارغان سەيپىدىن خىتاينىڭ بۇ يىغىنىدا ھېچقانداق ئاپتونومىيە مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ھەمدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەممە تەكلىپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىدىن كېتىپ 3 ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ قازا قىلگانلىق خەۋىرى خەلققە ئۇقتۇرۇلغان بولسا، يەنە 4 ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ چاغدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى پۈتۈن ئۆلكىنى تولۇق ئىگىلەپ بولغان. مىللىي ئارمىيە ئۆزگەرتىلىپ، ئىلى ھۆكۈمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنغان چاغ ئىدى. (تۈگۈدى) (ئۈمىدۋار)