زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق رومانى (2)


2005.01.26

exmet-ependi.jpg
"ئەخمەت ئەپەندى" نىڭ مۇقاۋىسى

ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى داغدۇغۇلۇق ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىي دوقۇنىغا بېغىشلىغان "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق رومانى كىتابخانلارنى ئەشۇ قاينام-تاشقىنلىق يىللار قوينىغا قايتا باشلاپ كىرىش بىلەن ئۇلارنى ئەشۇ قەھرىمانلار بىلەن بىرگە ياشىغاندەك، ئۇلارنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە يالقۇنلۇق خىتابلىرىنى ئۆز قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلىغاندەك قىسقىسى پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە روھىنى مىللەت يولىغا ئاتا قىلغان ئەزىمەتلەر بىلەن دوست بولغاندەك ھېسسىياتلارغا ئىگە قىلسا كېرەك؟

باتۇر يىللار روھى يېڭى ئەۋلادلارنىڭ قانلىرىدا ئۇرغۇيدۇ

1940-1949-يىللىرىدىكى شانلىق ۋەقەلەر يىللار ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ ئۇنتۇلماس، ئۇلار بىلەن ئەبەدىي بىرگە مەۋجۇت بولىدىغان تۇيغۇ ۋە ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى .ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ ۋەقەلەرگە ئازغىنا كەم بىر ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھېچ كىممۇ ئۇنى ئۇنتۇلۇپ قالمىدى ئەكسىچە ئۇ يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت قاتلىمىغا چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي سەھىپىلىرىدىن ئۆچمەس ئورۇن ئالدى.

ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى "ئەخمەت ئەپەندى" رومانى ئارقىلىق، كىشىلەرنى بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى يەنە بىر قېتىم ئەشۇ ئۆز مىللىي قەھرىمانلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى ھەمدە ئەشۇ باتۇر يىللار قوينىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق قانلىرىنى تومۇرلىرىدا مەۋج ئۇرغۇزدى. بەلكى، بۇ ھەم ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كۆپلىگەن 40-يىللار ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دوستى ۋە سەپدېشى ھېسابلانغان زىيا سەمىدىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ئارزۇسى بولسا كېرەك؟!

دېمەك، زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدىن چىققاندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، تىرىكچىلىك قىلىش جەريانىدا كەڭ خەلق بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىگەنلىكى، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئازاپ –ئوقۇبەتلىرى، ئەركسىزلىك ۋە خارلىق ھەم مەھكۇملۇق ئىچىدىكى تەڭسىز تەقدىرىنى تېخىمۇ چۈشىنىش بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىق يوللىرىنى ئىزدەشكە بەل باغلىغانلىقى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.

ياش ئەخمەتجان جەمىيەتنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى جۈملىدىن مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەربابلىرى بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىدۇ ھەم پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

شانلىق تارىخ، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك روھى مىللەتنىڭ چىقىش يولى

زىيا سەمىدى ئەينى دەۋردە ئۇيھۇر دىيارىنىڭ تارىخىنى ياخشى چۈشۈنۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، خەلق ئىچىدە ئىمىن تارىخ دېگەن ھۆرمەتلىك نامغا ئېرىشكەن، تارىخچى ۋە مەرىپەتچى ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دوستلۇقى، ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرى ھەققىدە تەسىرلىك بايان قىلىدۇ. ئۇلار دائىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتمۈش سەلتەنەتلىك تارىخى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ.

بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ئىمىن تارىخ ئەخمەتجان بىلەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئەخمەتجان ئۇنىڭغا بىر قىسىم ئۆزىنى تارىخچى دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ ئىلى ۋادىسىدا 18-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار يوق ئىدى، پەقەت 18-ئەسىردىن كېيىنلا "تارانچى"نامى بىلەن پەيدا بولۇپ، ئىلى ۋادىسىنى ئاۋات قىلغان دېگەندەك يەكۈنلەرنى چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، لېكىن ئىمىن تارىخ بۇ پىكىرلەرنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛

" ئەخمەقلەر ! قاينۇق ھەققىدە سۆزلەشتىن ئىلگىرى ئىلى ۋادىسىغا دائىر تارىخىي ئېنىقلىمىلارنى تەكىتلىمەي بولمايدۇ. 9-13-ئەسىرلەردە ھۆكۈم سۈرگەن قۇدرەتلىك قاخانىلار سۇلالىسى، ئىدىقۇت دۆلىتى، ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەئىدىيەلەر دۆلىتى دەۋرلىرىدە ئىلى ئۆلكىسى بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تايانچ رايونلىرىدىن بىرى بولغان."

ئىمىن تارىخ يەنە ئىلى ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 13-ئەسىردە چىڭگىز خان ئىستىلاسىدىن كېيىن، چاغاتاي ئولۇسى سۈپىتىدە چاغاتاي خانلىقىغا تەۋە بولغانلىقى، كېيىنچە موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئۆزارا ئۇرۇشلىرى تۈپەيلىدىن كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا يولۇققانلىقى، شۇ ۋەجىدىن جۇڭغارلار دەۋرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي رايونلاردىن ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ چىقىش ئارقىلىق ئاھالىنىڭ تولۇقلانغانلىقى ھەققىدە يازىدۇ.

زىيا سەمىدى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئىمىن تارىخ ئارىسىدىكى مۇنداق سۆھبەتلەر ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى "تارانچى" "ئۇيغۇر" دەپ ئىككىگە پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇمكىن قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ جايلارغا نىسبەتەن ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقانلىقىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بىرلىشىشقا چاقىرغان شۇنىڭدەك شىمالدىكى ئىلى –تارباغاتاي ۋادىلىرىدىن تارتىپ، جەنۇبتىكى تارىم ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايونلارنىڭ تارىختىن بۇيان بىر پۈتۈن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەيدا بولغان ، راۋاجلانغان ئانا ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى، بۇ تارىخىي ھەقىقەتنى ھېچكىمنىڭ ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى شەرھلىگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.