ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (1)


2005.06.01

elixan-tore-150.jpg
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي (1961-يىلى)

2003-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى "شەرق نەشىرىياتى" 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنى ئۆزبېك تىلىدا نەشىر قىلدى.

ئەسەر1966-1973-يىللىرى يېزىلغان بولۇپ، بۇ مۇئەللىپنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۇ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن مەخپىي رەۋىشتە مەزكۇر ئەسىرىنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. مىرزاقاماق شارائىتىدا تاماملانغان "تۈركىستان قايغۇسى" دا ئەلىخان تۆرىنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلىرى يەنى غۇلجىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن بىلگەنلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەردە يەنە ئەلىخان تۆرىنىڭ مىللەت، سىياسەت، دىن ۋە مەدەنىيەت قاراشلىرىمۇ ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە تۈركىستاننىڭ ئىككى قىسىمى يەنى شەرقىي تۈركىستان بىلەن غەربىي تۈركىستان ئايرىلماس بىر گەۋدىدۇر. شۇڭا ئۇ ئۆز ئەسىرىگە تۈركىستان قايغۇسى دەپ نام قويغان.

ئەلىخان تۆرىنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى

ئۆتمۈش تارىخىنى ئۇنتۇپ ھازىرقى تارىخىنى تونۇمىغان بىر مىللەت، قاراڭغۇدا قالغان، قولىدا تايىقى يوق كور كىشى كەبى قاياققا ئاياق بېسىشنى بىلەلمەي، دۈشمەننىڭ يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئوچۇق پىكىرلىك سەزگۈر ۋەتەن ئوغلانلارى تارىخنىڭ قانداق زۆرۈر ئىكەنلىكىنى مېنىڭ شۇ سۆزلىرىمدىن ئىلھام ئېلىپ چوڭقۇر چۈشىنىشلىرى كېرەك.

1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي 1946-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق رازۋېتكا خادىملىرى تەرىپىدىن مەخپىي رەۋىشتە "سىزنى قورغاستا ئۆزبېكىستان كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوۋ كۈتۈۋاتىدۇ. سۆزلىشىدىغان مۇھىم ئىشلار بار "دېگەن تەكلىپ بىلەن ئالداپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ھاياتىنىڭ قالغان قىسىمىنى تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي بۇ جەرياندا "تۆمۈر تۈزۈكلىرى"، "مۇزىكا رىسالىسى"، "ناۋادىر ئۇل ۋەقە" قاتارلىق بىر قانچە ئەسەرنى پارىس ۋە ئەرەب تىلىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىدۇ ھەمدە "تۈركىستان قايغۇسى"،" دىۋان ساغۇنىي" قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازىدۇ.

ئەلىخان تۆرە ئەينى ۋاقىتتا ئۆز ھاياتىنى قاتتىق سوۋېت تۈزۈمى ئاستىدا، مىرزا قاماقتا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەمىيەت بىلەن كەڭ ئالاقە قىلىشى، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەركىن تۈردە ئېلان قىلىشى زور چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇ ئۆز غايىسى ۋە ئىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شېئىرلارنى شۇنىڭدەك باشقا ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى يورۇقلۇققا چىقىشىغا ئىشەنگەن شۇنىڭدەك سوۋېت تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىكتاتۇرۇلۇق ، مۇستەبىت سىستېمىلارنىڭ ھامان زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرگەن ئىدى.

ئەلىخان تۆرە ئۆز ئەسىرىنى يېزىشنى تەڭرى ۋە مىللەت ئالدىدىكى قەرز دەپ بىلگەن

turkistan-qayghusi.jpg
"تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ مۇقاۋىسى

ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ ئەسەرنى يازغانلىقى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئۇنىڭغا تۈركىستان قايغۇسى دەپ نام بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشىغا ئاللاھ ۋە مىللەت ئالدىدىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى تۈرتكە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلىخان تۆرە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

"مەن ئەلى ساغۇنىي ياشلىق-يىگىتلىك كۈنلىرىمدىن باشلاپ، ئەرەبى، فارىسى تىللارنى تولۇق رەۋىشتە ئۆزلەشتۈرگەن ئىدىم. زاماننىڭ ماڭا كۆرسەتكەن توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي، تەڭرىنىڭ ياردىمىدە كەڭ كۆلەمدە دىنى، تىببى، ۋە تارىخى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. ئەرەبچە، فارىسچىلارنى يېزىش، شېئىر ئېيتىش قابىلىيىتى مەندە بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۆز تۈركىي ئانا تىلىمنى باشقا تىللاردىن ئارتۇقراق كۆردۈم. چۈنكى، قايسى بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەلمەي، باشقا يات تىللار ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تىز پۈكسە، ئۇنداق مىللەت ئانچە ئۇزۇنغا قالماي ئىنسانىي ھوقۇقلاردىن ئايرىلغان ھالدا ئۇنىڭ ھايات دەپتىرى ئۈستىگە قارا خەت يېزىلىشى شۈبھىسىزدۇر. ئۇنداق مىللەتلەر پەقەت ۋەتەنلىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بارلىقى بىلەن تارىخ يۈزىدىن يوقىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرگە قاراپ، ئۆزۈمدە توپلىغان پەزىلەتلەردىن تارىخ ئىلمىنى تاللاپ ئالدىم. چۈنكى، شۇ ھازىرقى دەۋرىمىز 1966-يىلىدا ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ غېرب بولغان خەلقىمىز ئۈچۈن تارىخ ئىلمى بېلىققا- سۇ كېرەك بولغاندەك كېرەك ئىكەنلىكىنى مەن ئۇزۇندىن بۇيان سەزگەن ئىدىم".

"ئۆتمۈش تارىخىنى ئۇنتۇپ ھازىرقى تارىخىنى تونۇمىغان بىر مىللەت، قاراڭغۇدا قالغان، قولىدا تايىقى يوق كور كىشى كەبى قاياققا ئاياق بېسىشنى بىلەلمەي، دۈشمەننىڭ يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئوچۇق پىكىرلىك سەزگۈر ۋەتەن ئوغلانلارى تارىخنىڭ قانداق زۆرۈر ئىكەنلىكىنى مېنىڭ شۇ سۆزلىرىمدىن ئىلھام ئېلىپ چوڭقۇر چۈشىنىشلىرى كېرەك".

"ئەمدى ۋەتىنىم مېنى سۆيمىسىمۇ، مەن ئۇنى سۆيگەنلىكىمدىن، ئولۇسۇم مېنى مەسىتمىسىمۇ، مەن ئۇنى مەنسىتكەنلىكىمدىن، ۋەتەن ئۈستىدە بولىۋاتقان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ھەم بۇنىڭ كېلەچەكتىكى ياخشى-يامان نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىپ، ۋەتەن بالىلىرىغا ئۈلگە بولغىدەك، باشقىلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالغۇدەك، بىر تارىخىي ئەسەر يېزىشقا كىرىشتىم. بىراق مەن پەقەتقىنا ئىسلامپەرەس ئەمەس ئىدىم. بەلكى يارىلىشىمدىنلا ئىنسانپەرەس ئىدىم".

ئەلىخان تۆرە ئۆزبېكىستان ھەققىدە ئەسەر يېزىشتىن كۆرە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىشنى زۆرۈر دەپ بىلگەن

قايسى بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەلمەي، باشقا يات تىللار ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تىز پۈكسە، ئۇنداق مىللەت ئانچە ئۇزۇنغا قالماي ئىنسانىي ھوقۇقلاردىن ئايرىلغان ھالدا ئۇنىڭ ھايات دەپتىرى ئۈستىگە قارا خەت يېزىلىشى شۈبھىسىزدۇر. ئۇنداق مىللەتلەر پەقەت ۋەتەنلىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بارلىقى بىلەن تارىخ يۈزىدىن يوقىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئەلىخان تۆرە ھاياتىنىڭ مۇھىم قىسىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئەلنىڭ سىياسىي تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان شەخس ئىدى.

ئەلىخان تۆرە ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدا يەنە ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا قانچىلىغان دەردلىك كۆز ياشلىرىنىڭ قەغەزلەر ئۈستىگە تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئەسەرنى "تۈركىستان قايغۇسى" دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى ئېلىخان تۆرىنىڭ ئادەتتىكى كۆز ياشلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى ئەقىدە باغلىغان غايىسى ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلار، تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ كەڭ زېمىننىڭ ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئازابلانغان قەلب زارلىرى ئىدى.

ئەلىخان تۆرە يەنە ئۆز ئەسىرىنى ئەسلىدە ھازىرقى ئۆزبېكىستان دەپ ئاتالغان ئۇنىڭ ۋەتىنى ھەققىدە يېزىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ يەرلەردە ئاخىرقى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ئېغىر ھادىسىلەر، دەھشەتلىك ۋەقەلەر، تېگى يوق دېڭىز كەبى تۈگىمەس داستان بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنچە بولسىمۇ، ئۇلارنى قويۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان:

"شۇ كۈنلەردە ئەجدىھار ئاغزىغا كېلىپ قالغان، بىزدىن بالدۇرراق يۈتۈپ كېتىلىش ئالدىدا تۇرغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازماقنى ئەلا كۆردۈم. چۈنكى، بۇ يەردە 1931-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە بولۇپ ئۆتكەن ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقەلەرگە ئۆزۈم باشچىلىق قىلىپ، ئەمگىكىم سىڭگەن، كۆزۈم كۆرگەن ئىدى. باشقا ۋىجدانسىزلار كەبى تارىخ يۈزىنى قارىلاشتىن ساقلىنىپ ئۆتكەن ھادىسىلەردە بولغان ۋەقەلەرنى ھېچ ياققا بۇرىماستىن ئەينى، توغرا يېزىشنى لازىم تاپتىم. لېكىن، بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ تارىخى، سىياسىي ئەھۋاللىرى بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى باغلىنىشلىق ئىدى . مەن پۈتۈن دۇنيانى كۈرەش مەيدانىغا چاقىرغان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ 1917-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، 1931-يىللارغىچە ئۆتكەن دەھشەت-ۋەھشىي كۈنلەرنى ئازراق بولسىمۇ، يەنى گويا دېڭىزنىڭ بىر قەترىسى كەبى بولسىمۇ يېزىپ چىقمىقىمنى تارىخىي ۋەزىپەم دەپ بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز قۇدرەتلىك ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنغان ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا ئوتكۈنۈمدە كۆرگەنلىرىمنى، قىلغان ئىشلىرىمنى بايان قىلماقچى بولۇپ، سۆزگە كىرىشتىم.

ئەلىخان تۆرە شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى باشلايدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.