ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىدىكى تۆھپىكار - قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، دوكتور گېگېل ئىسھاقوپ(1)


2006.08.21

gegel-shaqop.jpg
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناس، دوكتور گېگېل ئىسھاقوپ

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ئومۇمىي تۈركشۇناسلىق پېنىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە 19-ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەمما، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلىغىنىمىزدا ئۇنى يەنىلا 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىگە باغلاش مۇمكىن. مەھمۇد قەشقەرى تۈركشۇناسلىقنىڭ ئاتىسى سۈپىتىدە بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرىلا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىللىرى، مەدەنىيىتى ھەققىدە قامۇس خاراكتېرلىق ئەسەر "دىۋان-لۇغەت تۈرك" نى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر دۇنيا يۈزىدە 40 ئارتۇق دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ مەيدانغا چىقارغان ئەمگەكلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە قازاقىستاندىكى بىر توپ ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتماقتا.

ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى يېڭى كىتاب- "ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى"

قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولۇپ، ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى، سەنئىتى ۋە باشقا ساھەلەرى بويىچە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، كۆپلىگەن كىتابلار، ماقالىلارنى يورۇقلۇققا چىقارغان ئىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بۇ يەردە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان ھەم بارماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناس، تارىخ پەنلىرى دوكتورى گېگېل ئىسھاقوپنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيىسى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىقتۇر.

يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى سۇلايمانوپ نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى گېگېل مەجىت ئوغلى ئىسھاقوپنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە ئالىمنىڭ ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ بىر قىسىمى توپلىنىپ، " ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى " دېگەن نامدا كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىنغان.

گېگېل مەجىت ئوغلى كىم؟

ئالمۇتادىكى " ناش مىر" نەشىرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان مەزكۇر كىتابنىڭ ئاخىرقى بېتىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن قارىغاندا، گېگېل مەجىت ئوغلى ئىسھاقوپ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىكى تالغار رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1957-يىلى قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتۈرگەن ھەمدە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. كېيىن ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئاسپىرانت بولۇپ، مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. گېگېل ئەپەندى ئاتاقلىق قازاق ئالىمى، ئاكادېمىك مەرغۇلاننىڭ يېتەكچىلىكىدە 19-ئەسىردىكى رۇس ئالىملىرى ۋە ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىنى توپلاپ، ئۇنىڭدىكى ئېتنوگرافىيىلىك ۋە تارىخىي ئۇچۇرلار ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

ئۇ، 1992-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان. گېگېل ئىسھاقوپ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قارمىغىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيان تاكى ھازىرغىچە شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇدا خىزمەت قىلماقتا.

uyghurshunas.jpg
ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى يېڭى كىتاب- "ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى" نىڭ مۇقاۋىسى

گېگېل ئىسھاقوپنىڭ " 19-ئەسىردىكى رۇس ساياھەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئېتنوگرافىيىلىك تەتقىقاتلىرى"، " ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابلىرى نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ئاساسلىقى رۇس، ئۇيغۇر تىللىرىدا بىۋاسىتە نەشىر قىلىنغاندىن سىرت يەنە ئىنگلىز، خىتاي تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.

ئۇنىڭ كىتابىدىكى ماقالىلارنىڭ مەزمۇنلىرى تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيىنى ئاساس قىلغان.

گېگېل ئىسھاقوپنىڭ " ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى" ناملىق كىتابى تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تارىخ قىسىمى ئۇنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر دۆلەتلىرىدىن قاڭقىل دۆلىتى، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى، قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ خانلىقلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرىدىن تەركىپ تاپقاندىن سىرت يەنە ئالتە پارچە ماقالە ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى جۈملىدىن 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى قاتارلىق ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان.

گېگېل ئىسھاقوپ خۇددى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغان ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئەرشىدىن ھىدايەتوپ، مالىك كىبىروپ، داۋۇت ئىسسىيېۋ قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا 19-ئەسىردىكى ئىلى ۋە يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، تارىخشۇناسلىق ھاياتىنىڭ مەلۇم قىسىمىنى مەزكۇر تېمىغا ئاتىغان.

گېگېل ئىسھاقوپ ماقالىلىرىغا پىكىر يازغان قازاقىستان ئۇيغۇر تارىخشۇناسى ئابلەت كامالوپنىڭ كۆرسىتىشىچە، گېگېل ئىسھاقوپ ئۆزىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىلىق پائالىيەتلىرىدە 19-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن رۇس ساياھەتچىلىرىدىن روبروۋسكىي، پېۋسوپ، پرجىۋالسكىي، گرۇم-گىرجىمايلو ھەمدە باشقىلارنىڭ شۇنىڭدەك يەنە قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوپنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان كىتابلىرىدىكى ئېتنوگرافىيىلىك ۋە تارىخىي بايانلارنى رەتلەش، توپلاش ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشنى مۇھىم تېما قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىلا ئەمەس بەلكى، دۇنيا يۈزىدە يىگانە ھېسابلىنىدۇ.

گېگېل ئىسھاقوپ رۇس ساياھەتچى ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئېتنوگرافىيىلىك ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىر ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ قىياپىتىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن بىز 19-ئەسىردىكى قەشقەر، يەركەند، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان، لوپنور قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن، توي-تۆكۈنلىرى ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئۇزۇتۇش ئادەتلىرى، كىيىم –كېچەكلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز.

ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇس ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن

ئالىمنىڭ خۇلاسە قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرگەن رۇس سايەتچىلىرى ئۇيغۇرلارغا يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرىيىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك دەرىجىسىنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىغاندا يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي –مەنچىڭ ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەكچان، تىرىشچان، قول ھۈنەرۋەنلىككە ماھىر، ئاق كۆڭۈل خەلق ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، ھەتتا قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولغان بولسا، باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىگە ئەڭ تېز تەرەققى قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ئويناش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسىدىن قارىغاندا، گېگېل ئىسھاقوپنىڭ ئىلمىي سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپ، ئەسەرلىرىنى قاتتىق ئىلمىي ئۆلچەم بىلەن يېزىشقان تىرىشقان، ھەر خىل مەنبەلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى ئانالىز قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدا چوقۇم پايدىلىنىدىغان مەنبەلەرگە ئايلانغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.