1931-1934-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى "دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ نىجات يۇلتۇزى" دەپ پەدەزلىۋالغان سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېزىلگەن خەلقلەرنى ئەمەس بەلكى، ئەزگۈچى مۇستەبىتلەر سىنىپىغا مەنسۇپ خىتاي مىلىتارىستى شېڭ شىسەينى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئاخىرلىشىپ، مەزكۇر ئۆلكىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھامىلىقى ئاستىدىكى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى تىكلەندى. شېڭ شىسەي ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۈرلۈك ھىلە-نەيرەڭلەرنى ئىشقا سېلىپ، شۇ چاغدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ 80٪تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى مەلۇم رەۋىشتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش شۇئارى بىلەن مەيدانغا چىقتى.
مۇستەبىتلەر رەڭگارەڭ نەيرەڭلەرگە بايدۇر
زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق رومانىنىڭ 4-كىتابىنىڭ 2-قىسىمىدا ئاساسلىقى شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئىچكى ئەھۋاللار، شېڭ شىسەينىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرى، ئۇنىڭ ئاتالمىش "ئالتە بۈيۈك سىياسەت"، "سەككىز ماددىلىق خىتابنامە" دېگەنلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي زەھەر يالىتىلغان شەكەر سۈپىتىدىكى يالغانچىلىق بەلكى، ئۇنىڭ جاللاتلىق خاراكتېرىنىڭ نىقابى ئىكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە يازغان. ئاپتور شېڭ شىسەي باشلىق خىتاي مىلىتارىستلار گۇرۇھىنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرىنىڭ جانلىق ئىسپاتى سۈپىتىدە 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئېچىلغان " 1-قېتىملىق پۈتۈن شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى" نىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ مۇددىئاسى ھەققىدە بايان قىلغان.
ئاپتور ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىياپىتى بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن كوچىلار ۋە مەھەللىلەرنىڭ كۆرۈنىشلىرىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەيدۇ، ئارقىدىنلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قۇرۇلتايغا كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ قىياپەتلىرى ۋە روھى ھالىتى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا ھۈسەيىن بەگ، شەرىپخان قاتارلىق كىشىلەردىن باشقا يەنە ئالاھىدە ئابدۇغوپپۇر داموللامۇ تەسۋىرلىنىدۇ.
" ئابدۇغوپپۇر داموللا سىياقىدىكىلەر، شېڭ شىسەيگە ئېتىقاد باغلىغان ياكى باغلاش ئالدىدا تۇرغانلار شېڭ دۇبەننىڭ ئىسلام دىنىغا بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇسۇلمانچىلىققا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكىگە رازى ۋە مەمنۇن بولۇشۇپ خوشال كەيپىياتتا ناماز پەرزىلىرىنى ئادا قىلىشتى ۋە دۇئا تەگبىرلەردىن كېيىن ئىسلامىيەتكە كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ياشاپ-گۈللىشىگە ئايرىم دۇئا ئوقۇشتى" دەپ يازىدۇ زىيا سەمىدى 30-يىللاردا ئالدى بىلەن قەشقەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئارىسىغا زىددىيەت سېلىپ، پىتنە-پاسات تارقىتىش ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئارىسىنى بۇزغان ھەمدە ئىسلام دىنىنى سۈيى ئىستىمال قىلىپ، شېڭ شىسەي ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىشتا داڭ چىقارغا ئابدۇغوپپۇر داموللا ھەققىدە توختىلىپ.
زىيا سەمىدى يەنە كوچىلارغا شېڭ شىسەي بىلەن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ سۈرىتىنىڭ شۇنىڭدەك "ياشىسۇن مۇئاۋىن رەئىس خوجا نىياز ھاجىم !" "ياشىسۇن داھىمىز شېڭدۇبەن" دېگەندەك پلاكاتلار ۋە شوئارلارنىڭ چاپلانغانلىقىنى ھەتتا يىغىن زالىدىمۇ بۇ خىل شوئارلارنىڭ توۋلانغانلىقى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ تەسۋىرلىشىچە شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان خاتىرە كۈنى ھېسابلانغان "ئاپرىل بايرىمى" كۈنىگە توغرىلانغان بۇ قۇرۇلتاي جەريانىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەن، ئايروپلانلار كۆكتە پەرۋاز قىلغان ۋە تانكىلار ھەم ئاتلىق قوشۇنلار سەپ تارتىپ كىشىلەر ئالدىدىن ھەيۋە بىلەن ئۆتكەن. شېڭ شىسەيمۇ ئېتىنى ئويناتقان ھالدا خەلق ئالدىدىن مەغرۇرانە ھالدا ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇماقچى بولغاندەك كۆرۈنگەن.
زىيا سەمىدى بۇ كۆرۈنۈشلەردىن كېيىن، قۇرۇلتاي ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدۇ. يىغىندا "شىنجاڭدىكى 14 مىللەت مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ" ھەمدە شېڭ شىسەينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن سۈنىي ئۇسۇلدا ياساپ چىقىلىپ، قەستەن ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ چىقىلغان ئاتالمىش "تارانچى" مىللىتىمۇ رەسمىي بىر مىللەت سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
شېڭ شىسەي -ئۆز ئەجدادىنىڭ مىراسخورى
زىيا سەمىدىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە بۇ يىغىندا يەنە كۆپلىگەن ۋە مەسىلەر قاتارىدا مىللىي مۇختارىيەت تەلىپىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ تەلەپنىڭ ۋەكىللىرى ھۈسەيىن بەگ شەرىپخان ۋە مەنسۇر ھاكىم قاتارلىق كىشىلەر بولۇپ، شېڭ شىسەي گەرچە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يوقىتىش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ.
زىيا سەمىدى ئاخىرىسىدا شېڭ شىسەينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئاچقانلىقىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ؛
"شىنجاڭدا پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان قوراللىق ۋە قورالسىز ماجىرا-توقۇنۇشلار مىللىي تەڭسىزلىك، مىللىي زىددىيەت تۈپەيلى بولغاچقا مىللىي مەسىلە ھەل قىلىنمايدىكەن، يەنىلا بەرىبىر جەمىيەت تەرەققىياتىدىكى خاتىرجەملىك بىر ئېقىمغا چۈشۈپ مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس... لېكىن، بۇ مەسىلىنى توغرا ۋە لىللا ھەل قىلىش خىتاي خاقانلىرىنىڭ ۋە گومىداڭچى-سەنمىنجۇيىچىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيتى"
زىيا سەمىدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ شېڭ شىسەينىڭ قولىدىن تېخىمۇ كەلمەيدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ؛
" بۇ شېڭ شىسەينىڭ قولىدىن تېخىمۇ كەلمەيتى. شېڭ شىسەي ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا شارائىت تەلىپىگە ئاساسلىنىپ، پەقەت شەكلىنىلا ئۆزگەرتىپ، مەزمۇنىنى ئۆز پېتىچە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ رەڭۋازلىق ، ساقتىلىق ئىشلىتىشكە تىرىشتى خالاس، ئۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش ئەمەس، ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىش قەستىدە كونا چىرىك ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلدى " زىيا سەمىدى شېڭشىسەينىڭ ئىلگىرىكى خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى نەيرەڭۋازلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن دەسلەپتە ئۆز مەقسىتىگە يېتىپ، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بەدىلىگە ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالغانلىقى، ئۇنىڭ ئالدامچىلىقى ھەم ئەسلى ۋەھشىي ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئالدانغانلىقى لېكىن ، ئاخىرىدا ئىش پۈتكەندىن كېيىن، شېڭ شىسەينىڭ جاللاتلىق ئەپتى بەشىرسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ، ئەنە شۇ قۇرۇلتايدا :ياشىسۇن دېگەن شوئارلار بىلەن كۆمۈلگەن خوجا نىياز باشلىق شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشقان يۈنۈس بەگ، تاھىر بەگ، ئابدۇللا داموللا، قۇربان سەئىدى ۋە شەرىپخان قاتارلىق بارلىق مىللىي نازىرلار، رەھبىرى كادىرلار ۋە ھەربىي قوماندانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يازىدۇ.(ئۈمىدۋار)