زىيا سەمىدى -يىللار سىرى (2)
2004.12.20
ئاتاقلىق تارىخى رومان يازغۇچىسى زىيا سەمىدى ئەپەندى ئۆزىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق رومانىنىڭ 3-كىتابىنىڭ 2-بابىدا، 30-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئىككى شەخس يەنى، بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئەبەدىي ياراشتۇرۇپ بولغىلى بولماس سىياسىي كۆز قاراش ۋە مەقسەتكە ئىگە ئىككى رەقىپ – شېڭ شىسەي بىلەن سابىت داموللام ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى سابىت داموللام، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.
جاللاتنىڭ ھىلىسى

زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، شېڭ شىسەي ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئابروي ۋە ئىناۋەتكە ئىگە شۇنىڭدەك ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تەسىرى بار بۇ دىنىي ئالىمنى "خىتايلارنىڭ ھارۋىدا توشقان ئېلىش" تاكتىكىسى بويىچە ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قارشىلىقلىرىنى باستۇرۇش، يەنە بىر تەرەپ ئەتراپتىكى ئىسلام دۇنياسىنى ئالداشنى مەقسەت قىلغان ئوز پىلانى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىدۇ. زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ مەككار شېڭ شىسەي ئەنە شۇ كەلگۈسى ھىلە-نەيرەڭلىرى ئۈچۈن سابىت داموللامنى مىرزا قاماق ھېسابىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئەتراپىغا ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە خىتاي مىللەتلىرىدىن بولغان جاسۇسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇمشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ زاتنى ئەيۋاشقا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.
پېرسوناجلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە خاراكتېرىنى ئوبرازلىق ھەم قايىل قىلارلىق يورۇتۇشقا ماھىر يازغۇچى زىيا سەمىدى، بىرسى ئوز مىللىتى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل، ئازاد دۆلىتىنى بەرپا قىلىش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كۈرەشكە ئاتلانغان، يەنە بىرى ئۆز مىللىتى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ئىدىيىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەممە ۋاستىلارنى قوللىنىشقا تەييار تۇرغان بۇ ئىككى رەقىپ يەنى سابىت داموللام بىلەن شېڭ شىسەينى بىر يەردە ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسكىن سىياسىي مۇنازىرىسى ئارقىلىق، بۇ ئىككى شەخسنىڭ جۈملىدىن ئىككى مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىدىكى توقۇنۇشلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئىككى رەقىبنىڭ تۇنجى يۈز كۆرۈشىشى زىيا سەمىدىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:
سابىت داموللام ئىككى جاسۇسنىڭ باشلىشى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىلىدۇ. سابىت داموللام ۋەھشى رەقىبىنى تۇنجى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ ئادەتتىكىدەك تەلەتى سەت بىر خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ھەمدە بىپەرۋا ھالدا ئولتۇرىدۇ. شېڭ شىسەيمۇ ئۆزىنى ساراسىمگە سالغان بۇ رەقىبىنىڭ ئۆزى ئادەتتە كۆرۈپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
بىر مەيدان ئېلىشىش
سابىت داموللام بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئالدى بىلەن شېڭ شىسەي سۆزىنى مۇنداق باشلايدۇ؛
شېڭ شىسەي - دا ئاخۇن جانابنىڭ ئىلتىماسى بولسا، مەرھەمەت، ئېيتسۇن
سابىت داموللام- مېنىڭ نېمە ئىلتىماسىم بولغاي؟ زاتەن مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى دۇبەن جانابلىرى ئۆزى خالىغان ئىدىغۇ؟!
شېڭ شىسەي- تۇرمۇش جەھەتتىن ئېيتايلۇق .مەسىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇش، كۈتۈش قاتارلىق ئىشلارچۇ؟
سابىت داموللام شېڭنىڭ بۇ مۇغەمبەرلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇپ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ:
سابىت داموللام - مەن بىر تۇتقۇندىكى مەھبۇسمەن، ئەسلا مېھمان ئەمەسدۇرمەن، ئۇنى بۇنى تەلەپ قىلىپ ئەكىلەيدىغان ياكى تەۋەزلىك قىلىدىغان.
شۇنىڭدىن كېيىن ، گەپ تەگىشىشلەر، كۈچلۈك سىياسىي پۇراققا ئىگە سۆزلەر ۋە شېڭ شىسەينىڭ خىرىس ھەم ھەيۋىلىرى ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدىكى سۆھبەت داۋاملىشىدۇ.
سابىت داموللام، شېڭ شىسەينىڭ يالغاندىن ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ داھىسى ۋە قەھرىمانى دەپ تەرىپلىشىنى قەت`ئىي تۈردە رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛
سابىت داموللام - پېقىر بولسا، بەختسىز خەلقىمنىڭ ئازادلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر ئاددىي جەڭچىمەن، دېمەك ئۆزۈمنى تەكرار قەيت قىلىمەنكى، ئۆزۈمنى داھىلار ۋە مۇرەببىلەر قاتارىغا قويۇش بۇ ياقتا تۇرسۇن ، ھەتتاكى قىياسەن ئوخشىتىشقىمۇ ئۇيۇلىمەن.
شېڭ شىسەي- دا ئاخۇننىڭ ئومۇمەن ئىلتىماس ياكى تەلەپ قىلىدىغان بىرەر مەسىلىسى يوق ئىكەنلىكىگە تەئەجۈپلىنىمەن.
سابىت داموللا - شەخسەن ئىلتىماس ئەمەس تەلەپلىرىم بارلىقىدا شۈبھەم يوقتۇركى، ۋە لېكىن مەن ئۆزۈمدىن ئۆزگىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىشقا، تەلەپلەر قويۇشقا ھەققى-ھوقۇقۇم يوق. ئەمدى ئىلتىماس مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىلتىماس، ئۆتۈنۈش ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىمەن دېيىشنىڭ ئۆزى ساددا دىللىق ۋە خامۇشلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شېڭ شىسەي - ئەگەر مەن دا ئاخۇننىڭ ئورنىدا بولسام، مەن شۇ ھالەتتە ئولتۇرمايتىم.
سابىت داموللام - ھە- ھە ! مەن چەت`ئەلگە قېچىپ جان بېقىشتىن كۆرە، ئوز ئانا دىيارىمدا قېلىشنى، كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئۇلۇق زېمىندا ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆردۈم.
شېڭ شىسەي - ھا،- ھا، دېمەك دا ئاخۇننى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن چەت`ئەللىكلەر، توغرىراقى ئىن`گىلىزلار ئاخىرىسىدا كېرەكسىز ھېسابلاپ تاشلاپ كېتىپتۇ-دە؟
سابىت داموللام- بەلكىم شۇنداقتۇر، چەت`ئەللىكلەرگە ئىشەنگەن، مۇناسىۋەت باغلىغان ۋە قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەن سىياقى پاراسەتسىزلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق، دەل مەن كەبى بولمىقى بىقاراردۇر.
شېڭ شىسەي- خوپ، شۇنداق ئىكەن نېمە سەۋەبتىن بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئىنگىلىزلار بىلەن تىل بىرىكتۈردىڭىز، جانابىي دا ئاخۇن؟
سابىت داموللام - سىزلەرگە يەنى مەسىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئازادلىق كۈرەشتە بىرەر زور، قۇدرەتلىك، سىزلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان مەملىكەتكە يۆلەنمەي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېسابقا ئېلىپ، ئىنگلىزلارغا تايانغان ئىكەنمىز. ئەپسۇسكى، ئۇلار مەن دېگەن يەردىن چىقمىدى، ئەلھاسىل مېنىڭ كەچۈرۈپ بولمايدىغان خاتالىقىم- باش-پاناھ بولارلىق ياردەمچىنى تاللاپ ئالالمىغانلىقىمدا.
شېڭ شىسەي - دا ئاخۇن ئىن`گىلىزلاردىن قاتتىق رەنجىگەن ئوخشىمامدۇ؟
سابىت داموللام- ئۇلاردىن ئەمەس ئۆزۈمدىن رەنجىگەن ئادەممەن،
شېڭ شىسەي- سىز جانابىي دا ئاخۇن جوڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنى مۇستەملىكىچى دەپ ئاتاپ ئۆتۈپ كەتتىڭىز، ئەجىبا جۇڭگونىڭ جاھانگىرلار قورشاۋى ۋە بىۋاستە تەسىرى ئاستىدا يېرىم مۇستەملىكە ھالىتىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە شەرقىي -شىمالدىكى ئۆلكىلىرىمىزنى يەنى مانجۇرىيىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئوز يېرىمىزدە ئاتالمىش مانجۇ گو قورچاق دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنى نېمە دەيسىز ياكى ئىنكار قىلامسىز؟
سابىت داموللام- ھەقىقەتەن قانداقلارچە ئىنكار قىلغىلى بولىدۇ؟ دۇبەن جانابلىرى قەيت قىلغان ھالەت دەرھەقىقەت مەۋجۇتتۇر، خەلق ئارا مىقيادا سىزلەر خىتايلار يېرىم مۇستەملىكە ھالىتىنى باشتىن كەچۈرىۋاتساڭلارمۇ ، بىزگە نىسبەتەن سىزلەر مۇستەملىكىچى، بىزلەر بولساق بوزەكنىڭ بوزىگى !
شېڭ شىسەي- نېمە دىدىڭ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئارىلماس بىر تەركىبى قىسىمى، شۇنداق ئىكەن، بىز قانداقلارچە ئۆز ئېلىمىزگە ئۆزىمىز مۇستەملىكىچى بولىدىكەنمىز؟
سابىت داموللام- دىنىي دەستۇر بويىچە دۇبەننىڭ كەلتۈرمەك بولغان دەلىلى - سىزلەر، ئۆزەڭلەر توقىۋالغان پەتىۋادۇر. بىزنىڭ پەتىۋارىمىز بولسا، شىنجاڭ -بۇ بىزنىڭ ۋەتەندۇركى، ھېچكىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققى-ھوقۇقى يوق! شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئازادلىق كۈرىشىمىز، مەيلى ئۇ قايسى شەكىلدە بولمىسۇن، ھەققانىي كۈرەشتۇر..
شېڭ شىسەي- ياق ! ئۇنداق ئەمەس، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ماجىرالارنىڭ ھەممىسى ئائىلىۋى ماجىرا، ئاكا-ئۇكىلار ئارىسىدىكى ماجىرادىن باشقا نەرسە ئەمەس.
سابىت داموللام- ياق! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىزلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ماجىرالار؛ مۇستەملىكىچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى، ھاكىم مىللەت بىلەن قۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسە قىلىپ بولمايدىغان كۈرەشتىن ئىبارەت!
بۇ تەرىقە رەت قىلىپ بولمايدىغان ھەققانىي دەلىل ئىسپاتلارغا چەك باسقىچە جاۋاب بېرىشتىن قىينالغان شېڭ شىسەي ئوڭايسىزلىنىپ، پەۋەز كالپۇكىنى يالىغانچە لۆم-لۆم كرېسلوغا چۆكۈپ كەتكەندەك ئولتۇرۇپ قالدى. سابىت داموللام رەقىبىگە زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇردى:
سابىت داموللام - سىزلەر خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەمىشەم داتلاپ، شىكايەت قىلىدىغان " ئون يىلدا بىر كىچىك قوزغىلاڭ، ئوتتۇز يىلدا بىر چوڭ قوزغىلاڭ" كۆتىرىشىمىزمۇ مېنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلغان دەلىللىرىمنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى ئەمەسمىكەن جانابىي دۇبەن؟
شېڭ ئاخىرى جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى؛
شېڭ شىسەي- سىز ، ئاخۇن، دىنىي ئالىمدىن كۆرە نازۇك سىياسەتچى ئىكەنسىز، ھەتتا، كۈرەش، ماجىراغا ئوخشىغان قان تۆكۈشتىن قايتمايدىكەنسىز، پانى دۇنيانىڭ مۇلاقىتىگە بېرىلىپ، باقى دۇنيانى-ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟
سابىت داموللام - پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام مۆرىتى كەلگەندە جەڭگە قاتنىشىپ، ئىككى چىشى شەھىت بولغانلار، ۋەتەن ئازادلىقى، مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن تۇغ كۆتىرىپ، جەڭ قىلىش مۇقەددەس پەرزىمىزدۇر.
قاتتىق ۋاستىدىن يۇمشاق ۋاستىغا ئۆتۈش
زىيا سەمىدى بۇ ئىككى رەقىبنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا شېڭ شىسەينىڭ قاتتىق ۋاستىدىن يۇمشاق ۋاستىگە ئۆتۈش تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقى ھەققىدە يەنە مۇنداق يازىدۇ؛
شېڭ شىسەي - دا ئاخۇننى شىنجاڭ بويىچە قازا-كالان قىلىپ، تەيىنلىسەك، بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە تاۋى قانداق؟
سابىت داموللام جاۋاب قايتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى. ھالبۇكى، بۇ جاۋاپنىڭ ئۇنىڭ كېلىچەك تەقدىرىنى ھەل قىلىشىنى چۈشىنەتتى. ئەگەر شېڭ شىسەينىڭ شەرتىگە كۆنىدىكەن، دېمەك، قەست دۇشمىنى بىلەن شېرىكچىلىك قىلاتتى، رەت قىلسا، ھاياتىدىن جۇدا بولۇش دېمەكتۇر.
شېڭ شىسەي - جاۋاب كۈتمەكتىمەن دا ئاخۇن؟
سابىت داموللام - مەن باقى دۇنيانىڭ تەرەددۇتىنى قىلىۋاتقان بەندىمەن.
سابىت داموللا بىلەن شېڭ شىسەينىڭ سۆھبىتى ئەنە شۇنداق كەسكىن ئېلىشىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. زىيا سەمىدىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، سابىت داموللامنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتەن ئىككى يول- بىرى ئۆز مەقسەت-نىشانى ۋە غايىسىگە خائىنلىق قىلىپ، دۇشمىنى شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلىشىش، يەنە بىرى ئۇنىڭغا تىز پۈكمەي، ئوز قەسىمى ۋە ۋىجدانى يولىدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش مەۋجۇت ئىدى.
تارىخىي مەلۇماتلار ئىسپاتلىدىكى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشقان خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە يۈز مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.(ئۈمىدۋار)