ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-03-10
Share

«فرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ 10-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 12-مارت كۈنى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، خىتايغا قارشى «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. بۇ جو بايدېننىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئاقساراي ئاخبارات ئىشلىرى كاتىپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ يىغىننى ئۆتكۈزۈشى ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

مەزكۇر «تۆت دۆلەت سۆھبىتى» ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون بۇ «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايدىن مۇستەقىل بولغان بىر سودا ۋە بىخەتەرلىك بەلبېغى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان بىلەن ياپونىيە تەرەپمۇ «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا شەكىللىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ خەلقئارا ئىتتىپاقتىن بىئارام بولۇپ، «تۆت دۆلەت چوقۇم تىنچلىق ۋە تەرەققىيات، ئورتاق ھەمكارلىق ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت