7 دۆلەت گۇرۇھى خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرى» دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

11 ۋە 12-دېكابىر كۈنلىرى ئەنگلىيەنىڭ لېۋىرپول شەھىرىدە ئ‍ئۆتكۈزۈلگەن G-7، يەنى سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ «زورلاش خاراكتېرلىك ئىقتىسادى سىياسىتى»، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خوڭكوڭدىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈنلۈك يىغىندا خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر قاتار مەسىلىلەر ۋە خىرىسلار» مۇزاكىرە قىلىنغان.

لىز ترۇس، مىنىستىرلارنىڭ يەنە بېيجىڭنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، «تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى» نى تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتقان. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىز ترۇس يىغىننىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا ئۇيغۇرلار توغرىلىق سۆز قىلىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى سوتنىڭ ئىشى بولسىمۇ، بىراق مەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىمەن. مەن بۇنى خىتاي باش ئەلچىسىگە ئېيتتىم» دېگەن.

يىغىندا تەرەپلەر يەنە تېخنولوگىيەنى توغرا ئىشلارغا ئىشلىتىش، خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇرىغا قارشى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، ئۇنىڭ قەرز قىلتىقىغا چۈشۈپ قالغان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىش مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. شۇنداقلا يەنە يىغىن رۇسىيەنى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغان. يىغىننىڭ باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلسا «ئېغىر ئاقىۋەتكە» قالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.