خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىنى خەلقئارادا ئاقلاش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قوزغىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
1-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» ۋە «خەلق تورى» قاتارلىق بارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە بىرلا ۋاقىتتا «پاكىت ئارقىلىق شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم» ماۋزۇلۇق بىر پارچە باش ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرى «قانۇن بويىچە ئوچۇق-ئاشكارا قۇرۇلغان تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە بۇ مەركەزلەردە «ئىلگىرى يامان ئىشنى يەتكۈچە قىلغان كىشىلەرنىڭ قانۇن ئۆگىنىپ، تىل ئۆگىنىپ، كەسىپ ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇۋاتقانلىقى» يەنە بىر قېتىم تەشۋىق قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يەنە بىر پارچە خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 7 دۆلەتتىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان. خەۋەردە «يېڭى زېلاندىيە - خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى داۋىد برومۋىچ ئىسىملىك كىشىنىڭ بۇ ئورۇنلارنى كۆرگەندىن كېيىن «جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقاندەك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى زۆرۈر. مەن يېڭى زېلاندىيەگە قايتىپ بارغىنىمدا چوقۇم بۇ سەپىرىمدە كۆرگەنلىرىمنى، يەنى ئۇلار بىلىشكە تېگىشلىك ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتقان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز يۇقىرىقى خەۋەرگە قارىتا تىۋىتتېردا قايتۇرغان ئىنكاسىدا يۇقىرىقىدەك ئاتالمىش «خىتاي دوستلۇق جەمئىيەتلىرى» نىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى ئاقلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا يۇقىرىقى «يېڭى زېللاندىيە-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى داۋىد برومۋىچقا ئوخشاش «مەجبۇرىي سىياسىي ئىدىيە تەربىيەسىنى ياخشىكەن دەپ ئويلايدىغانلارنى ئۆزلىرى بېرىپ شۇ ئورۇنلاردا بىر قانچە يىل تەربىيەلىنىپ بېقىش» قا دەۋەت قىلدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان لاگېرلارنىڭ خەلقئارادا كەڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقات ئويۇنلىرىنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن.
