قۇمۇل زىيالىيلىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى خاتىرىلىدى

قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە ئالىمى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئائىلىسىنىڭ يازغۇچى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن نەزىر-خەتمە قۇرئان قىلىش مۇراسىمى قويۇق خاتىرىلەش مۇراسىم تۈسىنى ئالغان بولۇپ، قۇمۇل شەھىرىدىكى ئوردا رېستورانىدا 19- سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ خانىمى خەلچىخان خانىم ۋە پەرزەنتلىرى قاتناشقاندىن سىرت يەنە قۇمۇل زىيالىيلىرى، يازغۇچى شائىرلار ئىشتىراك قىلىپ، يازغۇچىغا ئاتىغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئۆسمۈرلەر كوللېكتىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. خەتتاتلار شائىرنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى تاللاپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭ لەۋھە شەكلىدە يېزىپ چىقىپ رېستوران تاملىرىغا ئاستى. جامائەت ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ خانىمىغا مەخسۇس تون ۋە دوپپا تەقدىم قىلغان.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ ئەسلىمىلەر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995-يىلى،10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان ئىدى.

ئەدەبىياتشۇناسلار ئا. ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن»، «ئىز» ناملىق رومانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ 20-ئەسىر تارىخى پاجىئەلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندىگەنلىكى ۋە «مەن ئاق بايراق ئەمەس»، «ئىز» شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلاپ، يېڭى ئەۋلادقا كۈچ بېغىشلىدى دەپ باھا بەردى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى، رۇس، ئىنگلىز، تۈرك، خىتاي ۋە باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەسىر قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىمۇ يېقىندا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلىنغان ئىكەن.