ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان راھىم بايانات بېرىپ، پارتلاشنىڭ كابۇلنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ناھايىتى يېقىن جايدا يۈز بەرگەنلىكى، پارتلاشتا 28 ئادەم ئۆلۈپ، 329 ئادەم يارىلانغانلىقى، ئۆلگەنلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى پۇقرالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم ئوفىتسېرلار ۋە ساقچىلار بار ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنىمۇ بىلدۈرگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پارتلاش بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، پارتلاشتىن كېيىن كابۇلدا ساقچى كۈچلىرى بىلەن تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەن ۋە كابۇل ساقچى تەرەپ تالىبانلارنى شەھەر مەركىزىدىن تازىلىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەن.
خەۋەردە يەنە، تالىبان قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، بىر ھەپتە بۇرۇن، تالىبانلارنىڭ ئەتىياز پەسىللىك ھۇجۇم باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى قاتارلىقلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.
